خوتەندىن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ 18-ئىيۇل خوتەن ۋەقەسى ھەققىدىكى ئىنكاسلىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى خوتەندە ئېلىپ بارغان باستۇرۇش سىياسەتلىرى ھەققىدىكى باياناتىنىڭ توغرىلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى.
خوتەن شەھىرىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىندىن بۇيان خوتەن يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان تۈرلۈك دىنىي چەكلىمىلىرى، خوتەن شەھرى ئىچىدە ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇر ئۆي-زېمىنلىرىنىڭ مەجبۇرى چېقىلىپ، بىنا ئۆيلەرگە كۆچۈشكە مەجبۇرلىنىشى، ئۇيغۇر زاراتگاھلىرىنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن كەلگەن خىتاي شىركەتلىرىگە سېتىپ بېرىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى ھەم ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ مازارلىرىنى يۆتكەشكە مەجبۇرلىنىشى، يۈزىنى ياپقان روپاش ئاياللار يۈزلىرىنىڭ كوچىدا ھۆكۈمەت بەلگىلىگەن كادىرلار تەرىپىدىن مەجبۇرى ئېچىۋېتىلىشى قاتارلىق كۆپلىگەن ئامىللار رايوندىكى يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆكۈمەت دائىرىلىرىگە بولغان نارازىلىقىنى بارغانچە كۈچەيتكەن.
خوتەن شەھىرىدىن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر خانىم، دۈشەنبە كۈنى ناۋاغ ساقچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ 18-ياشتىن 25 ياش ئارىسىدىكى ياشلار ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈردى.
ئۇ سۆزىدە، بىرنەچچە كۈندىن بۇيان خوتەن شەھىرىدە ساقچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلغان ياشلار ھەققىدە بولۇنغان گەپ-سۆزلەردە، بۇ ياشلارنىڭ ساقچىخانىغا بېسىپ كىرىشىگە يېقىندىن بۇيان خوتەندە دىنىي ئېتىقادقا قويۇلغان تۈرلۈك چەكلىمىلەرگە بولغان نارازىلىق سەۋەب بولغان بۆلىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدىكى پەرەزلەرنىڭ بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
بۇ خانىم يەنە، يېقىندىن بۇيان خوتەندە ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ «شەھەر قۇرۇلۇش پىلانىنىڭ تەلىپى» دېگەن نام ئاستىدا، خوتەن شەھەر ئىچىدىكى ئۇيغۇر مەھەللىرى ۋە ئۇيغۇر زاراتگاھلىرىنى خىتاي شىركەتلىرىگە سېتىپ بېرىپ، بۇ جايلاردىكى «تىرىكلەرنى ئۆيىدىن؛ ئۆلۈكلەرنى گۆرىدىن كۆچۈشكە مەجبۇرلىشى» يەرلىك ئۇيغۇرلارنى نارازى قىلىۋاتقانلىقىنى، ئۆزىنىڭمۇ ھۆكۈمەتنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن ھازىر ئولتۇرۇۋاتقان ئۆيىدىن كۆچۈپ شەھەر سىرتىغا چىقىپ كېتىش ئالدىدا تۇرغانلىقىنى بىلدۈردى
بۇ خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خوتەندە ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنى چېقىش 2 يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، دەسلەپتە ھۆكۈمەتنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئۆز ئۆيلىرىدىن كۆچۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمى بىنالىق ئۆيلەرگە ئولتۇراقلاشتۇرۇلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۆيى چېقىلغان نۇرغۇن ئائىلىلەر ھۆكۈمەتنىڭ ھەر ئايدا بەرگەن 300 يۈەن ياردەم پۇلىغا ئۆز يېنىدىن نۇرغۇن پۇل قوشۇپ قىممەت باھالىق ئىجارە ئۆيلەردە ئولتۇرۇشقا مەجبۇر بولغان. بىنا ئۆيلەردە ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلار بولسا بىنا ئۆيلەر مېيىت ئۇزىتىش نەزىر-چىراغ ئۆتكۈزۈش ئىشلىرىغا ماس كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، مېيىت نامىزىنى ھۆكۈمەت بەلگىلەپ بەرگەن «مېيىت ئۇزىتىش ئورنى» دا چۈشۈرۈپ، يېڭى زاراتگاھقا قويۇشقا مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ خانىم ئۆز بايانىدا يەنە ئۆزى ھەم ئۆزىگە ئوخشاش نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ ھويلىلىق ئۆيلىرىدىن بىنا ئۆيلەرگە كۆچۈشنى رەت قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ھۆكۈمەت كادىرلىرىنىڭ قايتا-قايتا بېسىم قىلىشى نەتىجىسىدە پات يېقىندا ئۆزلىرىنىڭ شەھەر ئىچىدىكى ئازادە ھويلىلىق ئۆيلىرىنى ھۆكۈمەتكە ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، شەھەر سىرتىدىكى يېزىلارغا كۆچۈپ كېتىشكە تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.