خۇ جىنتاۋنىڭ كانادا زىيارىتىدە قوللىغۇچىلار بىلەن قارشى تۇرغۇچىلار كۈچ سىنىشىدۇ
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2010.06.17
2010.06.17
AFP Photo
كىشىلىك ھوقۇقنىڭ قانچىلىك سالماقنى ئىگىلەيدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس. لېكىن، ئۇنىڭ زىيارىتىدە قوللىغۇچىلار بىلەن قارشى تۇرغۇچىلار نامايىش قىلىپ، كۈچ كۆرسىتىشى مۇمكىن.
خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ كانادا زىيارىتى 20 دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ 26 - ئىيۇندا باشلىنىدىغان تورونتو يىغىنىدىن بۇرۇن ئېلىپ بېرىلىدۇ. خۇ جىنتاۋ ئالدى بىلەن كانادانىڭ تىنچ ئوكيان قىرغىقىدىكى ۋانكوۋېر شەھىرىدە توختاپ، كېيىنكى قەدەمدە ئوتتاۋاغا ئۆتىدىكەن ھەم كانادا باش مىنىستىرى ستېفان خارپېرنىڭ كۈتۈۋېلىشىغا مۇيەسسەر بولىدىكەن. كانادا-خىتاي مۇناسىۋىتى باش مىنىستىر خارپېرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيىسى ۋە خىتاي تۈرمىسىدىكى كانادا پۇقرالىرىنى مەركەز قىلغان بەزى شەخسى دېلولاردىكى ئىختىلاپنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، بىر مەزگىللىك يىرىكلىشىپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن خارپېرنىڭ 2009 - يىلى ئېلىپ بارغان خىتاي زىيارىتىدىن كېيىن ئەسلىگە كېلىشكە باشلىغان.
خۇ جىنتاۋنىڭ بۇ قېتىمقى ئوتتاۋا سەپىرى ئۇنىڭ كانادادا ئېلىپ بارغان تۇنجى رەسمىي زىيارىتىدۇر. ئۇنىڭ ئوتتاۋادىكى زىيارىتىدە خارپېر بىلەن كونكرېت قانداق مەسىلىلەرنى سۆزلىشىدىغانلىقى بىزگە ئايدىڭ ئەمەس. ھەر ئىككى دۆلەت ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر ئاخبارات ۋاستىلىرىنى كونكرېت سۆزلىشىدىغان مەسىلىلەردىن خەۋەردار قىلمىدى. لېكىن بەزى ئانالىزچىلار سۆھبەت مەزمۇنىنىڭ ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئەنئەنىۋىي مەسىلىلەر ۋە نۆۋەتتىكى ئالاقىدار خەلقئارا مەسىلىلەرگە چېتىلىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ پۇل - مۇئامىلە، مۇھىت، ئېنېرگىيە، سودا مەسىلىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
باش مىنىستىر خارپېرنىڭ كۈنتەرتىپىدە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ بار - يوقلۇقى بىزگە ئايدىڭ ئەمەس. خارپېر ئىلگىرى كىشىلىك ھوقۇقنى دوللارغا ساتمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشىغا كۆز يۇممايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قارىشىچە، بۇ زىيارەت خارپېرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاي رەھبىرىنى دىنىي ۋە كىشىلىك ئەركىنلىك، ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش ھەم خىتاي تۈرمىسىدىكى ھۆسەيىن جېلىلغا ئوخشاش كانادا پۇقرالىرىنى قويۇپ بېرىشكە مەجبۇرلاشنىڭ ياخشى پەيتىدۇر. كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى رۇقىيە تۇردۇش خانىم خۇ جىنتاۋنىڭ تورونتودىكى يىغىنغا قاتنىشىپ، دۇنيا مەسىلىلىرىدە پىكىر بايان قىلىشتىن بۇرۇن، ئۆز ئىچىدىكى مەسىلىنى ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلدى.
خۇ جىنتاۋنىڭ زىيارىتى ۋە 20 دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ تورونتودىكى يىغىنى زور كۆلەملىك نامايىش ھەم قارشىلىقلارغا دۇچ كېلىشى مۇمكىن. كانادادىكى كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچى گۇرۇھلار، مۇھىت ئاسرىغۇچىلار، يەر شارىلىشىشقا قارشى تۇرغۇچىلار، تىبەت ۋە ئۇيغۇرلار، فالۇنگۇڭ ھەم دېموكراتىك كۈچلەرنىڭ 20 دۆلەت باشلىقلار يىغىنى جەريانىدا زور كۆلەملىك نامايىشلارنى ئۇيۇشتۇرۇشى پەرەز قىلىنماقتا. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خۇ جىنتاۋنىڭ كانادادىكى مەزگىلىدە بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنى قوللايدىغان مىللەتچى كۈچلەر بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى تۇرغۇچى گۇرۇھلار تەڭلا نامايىش قىلىپ، ئۆز ئارا كۈچ كۆرسىتىشى مۇمكىن.
فالۇنگۇڭلار چىقىرىدىغان "بۈيۈك ئېرا تورى"نىڭ پەيشەنبە كۈنكى خەۋىرىدە، ئوتاۋادىكى خىتاي باش ئەلچىخانىسىنىڭ كانادادا ئوقۇۋاتقان خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىنى يىغىپ، كانادا پارلامېنتى ئالدىدا خۇ جىنتاۋنى قارشى ئېلىش پائالىيىتىگە ئۇيۇشتۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى، ئوتتاۋا، تورونتو ۋە مونترىئالدىكى خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىغا مەخسۇس ئاپتوبۇس ئاجرىتىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئەلچىخانىنىڭ بۇ پائالىيىتى نامدا خىتاي - كانادا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش بولسىمۇ، لېكىن بەزى كۆزەتكۈچىلەر ئەلچىخانىنىڭ مۇددىئاسى كۈچ كۆرسىتىش دەپ قارىماقتا. چۈنكى بەزى ئاممىۋى تەشكىلاتلار پەيشەنبە كۈندىن باشلاپ ئوتاۋادىكى كانادا پارلامېنتىنىڭ ئالدىدا خۇ جىنتاۋغا قارشى نامايىشنى باشلىۋەتكەن.
رۇقىيە تۇردۇش خانىم كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ نامايىشنى 26 - چېسلاغا ئۇيۇشتۇرۇشىدىكى سەۋەبنى چۈشەندۈرۈپ، خەلقئارا جامائەت ۋە چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان دىققىتىنى قوزغاش دەپ كۆرسەتتى.
خۇ جىنتاۋنىڭ كانادا زىيارىتى ۋە 20 دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ يىغىنى "شاۋگۈەن ۋەقەسى"نىڭ بىر يىللىقى، 5" - ئىيۇل ۋەقەسى"نىڭ بىر يىللىقىنىڭ ھارپا كۈنىگە توغرا كەلگەن ئىدى. خۇ جىنتاۋ ئۆتكەن يىلى 5" - ئىيۇل ۋەقەسى" سەۋەبىدىن 20 دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئىتالىيە پايتەختى رىمدىكى يىغىنىغا قاتنىشالماي 7 - چېسلا دۆلىتىگە قايتقان ئىدى. ئانالىزچىلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يىل يەنە، خۇ جىنتاۋنى تورونتودىكى يىغىنغا قاتنىشىشتىن ۋاز كېچىپ، دۆلىتىگە قايتىشىغا مەجبۇرلايدىغان بىرەر ۋەقە يۈز بېرىشىنى قەتئىي خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
رۇسىيە خانىم بۇ تۈرلۈك ۋەقەلەرنىڭ يەنە يۈز بەرمەسلىكى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشى كېرەكلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ياردەمگە ئەمەس، پۇرسەتكە ئېھتىياج ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
خىتاي تورونتودىكى يىغىندا يالغۇز ئۇيغۇر، تىبەت ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ بېسىمىغا دۇچ كەلمەسلىكى مۇمكىن. بەزى مەتبۇئاتلار خۇ جىنتاۋنىڭ تورونتودىكى يىغىندا چوڭ دۆلەتلەرنىڭ خەلق پۇلى كۇرسىنى تەڭشەش توغرىسىدىكى كۈچلۈك بېسىمىغا دۇچ كېلىش ئېھتىمالى بارلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
لېكىن، خىتاي ھۆكۈمىتى تورونتودىكى يىغىندا بۇ تۈرلۈك بېسىمغا ئۇچرىسا باش ئەگمەيدىغانلىقىنىڭ بىشارىتىنى بەرگەن. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى چىن گاڭ پەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، "بىز خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خەلق پۇلى كۇرسىغا ئوبيېكتىپ مۇئامىلە قىلىشىنى شۇنداقلا ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ بۇ نېگىزلىك پەيتىدە قىيىنچىلىقلارنى تەڭ يېڭىشىنى سورايمىز" دېگەن.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.