خۇجىنتاۋ بۇ سۆزلىرى ئارقىلىق سىياسىي ئىسلاھات تەلەپ قىلغۇچىلار بىلەن مىللىي مۇستەقىللىق تەلەپ قىلغۇچىلارغا پەرقلىق پوزىتسىيە تۇتۇشنى ئەسكەرتكەن.
خۇجىنتاۋ يۇقىرىقى سۆزلىرىنى خىتاي دېموكراتچىلىرى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان "2008 نىزامنامىسى" ھەققىدە ئېچىلغان مۇزاكىرە يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويغان.
خىتاي دېموكراتلىرى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان 2008 نىزامنامىسى، خۇ جىنتاۋنىڭ يۇقىرىقى سۆزلىرىگە سەۋەپ بولغان. خىتايچە "بوشۈن" تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 2008 نىزامنامىسى خىتاي تور بەتلىرىدە ئېلان قىلىنىپ، 12 كۈنگە قەدەر دائىرىلەردىن ھېچقانداق چەكلىمە كەلمىگەن. بۇ تور باشقۇرغۇچىلىرىنى ھەيران قالدۇرغان. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بوشۈن تورىنىڭ مۇخبىرى بېيجىڭدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان.
بوشۈن تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 2008 نىزامنامىسى ئېلان قىلىنغان دەسلەپكى 12 كۈن ئىچىدە مەركىزى كومىتېتى بۇ ھەقتە جەمئىي 6 قېتىم مۇزاكىرە يىغىنى ئاچقان، بۇنىڭ بىر قېتىملىق سىياسىي بيۇرو يىغىنى بولغان. يىغىندا ئىككى نەپەر ھەيئەت نىزامنامىگە ئىمزا قويغۇچىلارنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىشنى، ئۇنداق بولمىغاندا 2009 - يىلىنىڭ خىتاي كومپارتىيىسى ئۈچۈن چوڭ پېشكەلچىلىك يىل بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. خۇجىنتاۋ بۇ پىكىرگە ئىپادە بىلدۈرمىگەن.
خۇجىنتاۋ 20 - دېكابىر كۈنى ئېچىلغان ئاخىرقى قېتىملىق يىغىندا، بۇ ھەقتە ئېنىق مەيدانىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ سۆزىدە 2008 نىزامنامىسىنى ئىچكى زىددىيەت دەپ ئاتىغان ۋە ئىچكى زىددىيەتنى كەسكىنلەشتۈرۈۋەتمەسلىكنى، ئاۋال مەسىلىنى ئېنىقلاش، نىزامنامىنىڭ پەردە ئارقىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئاندىن تەنقىدىي تەربىيىنى يولغا قويۇشنى تەشەببۇس قىلغان؛ ئۇ شۇ قېتىمقى يىغىندا مۇنداق دېگەن: " مەن يەنە شۇنى تەكىتلەيمەن،'ئۈچ خىل كۈچلەر' گە قارشى تۇرۇشتا ھەرگىز يۇمشاق قول بولماسلىقىمىز كېرەك، خەلق ۋە تۈزۈلمە ئىچىدىكى ئۆكتىچىلەرگە قارىتا سۆھبەت ۋە تەربىيە يولىنى تۇتۇشىمىز كېرەك."
ماقالىدە خۇجىنتاۋ تىلغا ئالغان ئۈچ خىل كۈچلەرنىڭ قايسى كۈچلەر ئىكەنلىكى ئىزاھلانمىغان. ئەمما خىتاينىڭ سىياسىي تېرمىنلىرى، ھەم مەزكۇر يىغىننىڭ مۇزاكىرە تېمىسى نەزەردە تۇتۇلسا خۇجىنتاۋ تىلغا ئالغان 3خىل كۈچلەرنىڭ ۋاڭ لېچۈەن تەرىپلەۋاتقان ئۈچ خىل كۈچلەر بىلەن ئوخشاشلىقى يەنى شەرقى تۈركىستان مۇستەقىلچىلىرى ئىكەنلىكى بىلىنمەكتە.
خۇ جىنتاۋنىڭ مەزكۇر يوليورۇقىدىن كېيىن، 2008 نىزامنامىسى ۋە ئۇ ھەقتىكى مۇنازىرىلەر تور بەتلەردىن ئۆچۈرۈپ تاشلانغان. خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك دۆلەت بىخەتەرلىك تارماقلىرى نىزامنامىگە ئىمزا قويغۇچىلار ۋە تارقاتقۇچىلاردىن پەقەتلا ئىككى كىشىنى قولغا ئالغان؛ قالغانلىرى بىلەن بىر - بىرلەپ سۆھبەت ئۆتكۈزگەن ۋە تەلىم - تەربىيە ئارقىلىق ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن. خىتاي كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ خۇجىنتاۋ رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ سىياسىي ئۆكتىچىلىككە قارىتا ئالدىنقىلىرىغا نىسبەتەن يۇمشاش پوزىتسىيىسىدۇر.
ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ مىللىي مۇستەقىلچىلەر بىلەن ئۆكتىچى دېموكراتچىلارغا پەرقلىق پوزىتسىيە تۇتۇپ كېلىۋاتقانلىقى يېڭى ئەھۋال ئەمەس؛ 1989 - يىلىدىكى تيەنئەنمېن ۋەقەسىگە چېتىلغانلارنىڭ ھېچ بىرىگە، ۋەقەدىن كېيىن، ئۆلۈم جازاسى بەرمەسلىكى، ئەمما 5 - فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىگە چېتىلغانلاردىن يۈزلەرچە كىشىگە ئۆلۈم جازاسى بەرگەنلىكى بۇنىڭ ئاشكارا ئىپادىسى؛ ئەمما بۇ پەرقنىڭ ، خىتاي كومپارتىيىسى سىياسىي ئۆكتىچىلىككە سەۋرىچانلىقنى تەشەببۇس قىلىۋاتقان بىر پەيتتىمۇ داۋاملىشىشى دىققەتكە سازاۋەر نۇقتىدۇر.