خۇ جىنتاۋ: 'خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىك ئورنى مەڭگۈلۈك ئەمەس'

18 ‏ - دېكابىر كۈنى خىتايدا ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغىنىغا 30 يىل تولغان كۈن. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن خەلق قۇرۇلتىيى زالىدا سۆز قىلغان خىتاي پرېزىدېنتى خۇ جىنتاۋ، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىك ئورنىنىڭ مەڭگۈلۈك ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن.

0:00 / 0:00

خۇ جىنتاۋ سۆزىدە، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ يېقىنقى 30 يىللىق تۆھپىسىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەندىن كېيىن: ئۆتمۈشتىكى ئىلغارلىق، بۈگۈنكى ئىلغارلىق ئەمەس؛ بۈگۈن ئىلغار بولغانلىق، كېلەچەكتىمۇ ئىلغاردۇر دېگەنلىك ئەمەس دەپ ئەسكەرتكەن. ئۇ يەنە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، " ئۆتمۈشتىكى ئىگىدارچىلىق بۈگۈنكى ئىگىدارچىلىق ئەمەس؛ بۈگۈنكى ئىگىدارچىلىق كېلەچەك ئۈچۈن باقى ئەمەس" دەپ كۆرسەتكەن ۋە سۆزىنى تېخىمۇ كونكرېتلاشتۇرۇپ مۇنداق دېگەن" : بىز شۇنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتۇقكى، پارتىيىنىڭ ئىلغارلىقى ۋە رەھبەرلىك ئورنى ئەبەدىي ئەمەس ۋە ئۆزگەرمەسمۇ ئەمەس".

ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر، بۇ، خىتاينىڭ بىر دۆلەت رەھبىرىنىڭ خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ كېلەچىكىگە تۇنجى قېتىم گۇمانىي پىكىر بايان قىلىشىدۇر. نۆۋەتتە كۆزەتكۈچىلەر خۇ جىنتاۋنىڭ يۇقىرىقى سۆزلىرىنى پەرقلىق نۇقتىدىن تەھلىل قىلماقتا.

بەزىلەر بۇ سۆزلەرنى خىتاي كومپارتىيىسى تەرەپدارلىرىنى ھۇشيارلىققا چاقىرىش دەپ چۈشەنسە، بەزىلەر، خىتاي خەلقىنى دېموكىراتىيگە ھازىر بولۇشقا ئۈندەش دەپ قاراشماقتا. خۇ جىنتاۋنىڭ بۇ سۆزلىرى، دۇنيا پۇل - مۇئامىلە كرىزىسىگە دۇچ كەلگەن؛ بۇ كرىزىس خىتايغىمۇ تەسىر كۆرسىتىۋاتقان؛ خىتايدا سۈت پاراشۇكى مەسىلىسىگە ئوخشاش تۈرلۈك ئىجتىمائىي ۋەقەلەر پارتلاپ چىقىۋاتقان؛ بۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە، خىتايدىكى 300 نەپەر زىيالىي 2008 ‏ - يىل خاتىرىسى نامىدا خىتابنامە ئېلان قىلىپ، خىتايدا بىر پارتىيىلىك تۈزۈمگە خاتىمە بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىۋاتقان پەيتتە ئوتتۇرىغا چىقتى.

بۇنىڭغا ئاساسلانغان كۆزەتكۈچىلەر، خۇ جىنتاۋنىڭ سۆزلىرىنى، خىتايدىكى دېموكراتىيە سىگنالى دەپ قارىماقتا. ئەمما خۇ جىنتاۋ دوكلاتىدا، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىك ئورنىنىڭ مۇھىملىقىنى باشتىن - ئاخىر تەكىتلەپ تۇرغان ھەم خىتاينىڭ غەربچە سىياسىي تۈزۈلمىنى ئۈلگە ئالمايدىغانلىقىنى، باشقا دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگونىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا يول قويمايدىغانلىقىنى ئېنىق بايان قىلغان.

خۇ جىنتاۋ دوكلاتىدا، 30 يىللىق ئىسلاھاتقا باھا بېرىپ، بۇ ئىسلاھات بىر مىللەتنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتتى، بىر دۆلەتنىڭ ئىستىقبال يولىنى ئاچتى دەپ خۇلاسىلىغان، ئەمما خىتاي مۇتەخەسسىسلەر بۇ ھەقتە پەرقلىق قاراشتا. نۆۋەتتە مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئالىم يەن جياچى، 30 يىللىق ئىسلاھات، خىتاينىڭ پەقەت تاشقى قىياپىتىنى ئۆزگەرتتى؛ خىتاي مىللىتىنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتەلمىدى، چۈنكى بۇ مىللەت ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيىنىڭ تەمىنى تېخىچە تېتىمىدى دەپ بايان قىلىدۇ.

يەن جيا چى سابىق خىتاي باش مىنىستىرى جاۋ زىياڭنىڭ باش مەسلىھەتچىسى بولغان ھەم خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقات ئورنىدىكى سىياسىي پەنلەر بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان، ئۇ 1989 ‏ - يىلىدىكى ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنى قوللىغان زىيالىيلاردىن بىرى، ئۇ سۆزىدە يەنە، ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش، خىتاي كومپارتىيىسى مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىن كېيىن، جۇڭگو ھالاكەتكە يۈزلەنگەندە، باشقا چىقىش يولى تاپالمىغاندا مەجبۇرىي ماڭغان يول دەپ كۆرسىتىدۇ. ئۇ 30 يىللىق ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ، ئەمما ئۇنى كومپارتىيىنىڭ تۆھپىسى دەپ قارىمايدۇ، ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىن كېيىن ھالاكەت گىردابىغا يولۇققان، ئىسلاھاتتىن باشقا چىقىش يولى قالمىغان، شۇڭا بۇ ئىسلاھات ئاكتىپلىق بىلەن ئەمەس، بەلكى چارىسىزلىك ئىچىدە ئېلىپ بېرىلغان.

يەن جياچى يەنە خىتايدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى، چەتئەل مەبلىغىنىڭ خىتايغا ئېقىپ كىرىشى بىلەن خىتايدىكى ئەرزان ئەمگەك كۈچىنىڭ بىرلىشىشى دەپ كۆرسىتىدۇ ۋە نۆۋەتتە خىتايدا بۇ خىل ئەۋزەللىكنىڭ يوقالغانلىقىنى، ئەمدىلىكتە سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئېلىپ بارماي تۇرۇپ تەرەققىياتتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.

يەن جياچى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، كومپارتىيە 1976 ‏ - يىلىدىكى 5 ‏ - ئاپرىل تيەنئەنمېن ۋەقەسىگە قايتا باھا بەرگەندىن كېيىن، ئىقتىسادىي ئىسلاھات يولىغا ماڭغان؛ ئەمدىلىكتە 1989‏ - يىلىدىكى 4 ‏ - ئىيۇن تيەنئەنمېن ۋەقەسىگە قايتا باھا بېرىش بىلەنلا سىياسىي ئىسلاھات يولىغا ماڭىدۇ دەپ كۆرسىتىدۇ.