مۇخبىرىمىز «بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلى باش مۇھەررىرى خۇ پىڭ بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردى

خۇ پىڭ، خىتيا ھۆكۈمىتىنىڭ يەرلىك مىللەتنىڭ ياشاش ئۇسۇلى ۋە ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىۋېلىشى مىللىي زىددىيەتنىڭ ھازىرقىدەك ئۆتكۈرلىشىپ كېتىشىگە سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

0:00 / 0:00

بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ما رۇڭ ماقالە ئېلان قىلىپ، مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىنى بىكار قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، «بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى خۇ پىڭ ما رۇڭنىڭ پىكرىنى تەنقىد قىلىپ بىر قانچە پارچە ماقالە ئېلان قىلغان ئىدى. ئۇ رادىئومىز ئارقىلىق ئېلان قىلغان مەزكۇر مەسىلە ھەققىدىكى ماقالىسىدە، ما رۇڭنىڭ تارىخىي رېئاللىقنى ئىنكار قىلغانلىقىنى تەنقىد قىلغان. خۇ پىڭ ئەپەندى بۈگۈن بىزنىڭ مەزكۇر مەسىلە ھەققىدىكى مەخسۇس زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا ئەسكەرتىپ، ما رۇڭنىڭ نۆۋەتتىكى مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمى ستالىننى دوراپ يولغا قويۇلغان دېگەن قارىشىنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ : «مېنىڭچە، ئۇنىڭ بۇ قارىشى تامامەن خاتا. ئۇنىڭ قارىشىچە جۇڭگو ھازىرقى تېررىتورىيىلىك مىللىي ئاپتونومىيە تۈزۈمىنى ستالىندىن كۆچۈرۈۋالغان. بۇ تارىخىي ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس. شۇ نەرسە بىزگە ئايان، جۇڭگو قەدىمدە چوڭ ئىمپېرىيە ئىدى. ئەتراپتىكى مىللەتلەر بىلەن ھەر خىل مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلغان. يەنە بەزى مىللەتلەرنىڭ ئاپتونومىيىلىك ھوقۇق يۈرگۈزۈشىگە يول قويغان. ئىمپېرىيىلەر بۇ ئارقىلىق قوشنا مىللەتلەر بىلەن ئىناقلىقنى ساقلىغان. بىراق بۇ جۇڭگوغا خاس بولغان ھادىسە ئەمەس. بۇ قەدىمكى رىم، ئوسمانلى ئىمپېرىيىسى ۋە ئاۋسترو-ۋېنگېرىيە قاتارلىق ئىمپېرىيىلەرگە ئورتاق بولغان ئالاھىدىلىكتۇر. ئىمپېرىيە شەكلى ھۆر ۋە دېموكراتىك ھاكىمىيەت شەكلى بولمىسىمۇ، لېكىن بۇ ئەتراپتىكى دىنىي ۋە مىللىي گۇرۇھلار بىلەن ئىناقلىقنى ساقلىغان. دۇنيادىكى ئىمپېرىيىلەر ئاغدۇرۇلغاندا ئۇنىڭدىن ھەر خىل دۆلەت ۋە مەمۇرى شەكىللەر ئوتتۇرىغا چىققان. بەزى مىللەتلەر ئايرىلىپ، مۇستەقىللىق جاكارلىدى. يەنە بەزى مىللەتلەر بىرلىشىپ، فېدىراتسىيىلىك شەكىلنى قۇردى. لېكىن بەزى ئىمپېرىيىلەر جۇمھۇرىيەتكە ئۆزگىرىپ، بەزى مىللەتلەر ئالىي ئاپتونومىيە يۈرگۈزىدىغان بولدى. جۇڭگو 3‏-خىل يولنى تاللىۋالدى. شۇڭا جۇڭگودىكى ئاپتونومىيىلىك تۈزۈم قانداقتۇر ستالىندىن ئۆگىنىۋالغان نەرسە ئەمەس. بەلكى ئىمپېرىيە پارچىلىنىپ، مىراسنى قانداق بۆلۈشۈش ئېھتىياجىدىن تۇغۇلغان رىئاللىقىتۇر. بىراق 3‏-ئەھۋالنى تەنقىد قىلغۇچىلار ئۇيغۇرلارنىڭ مانجۇ خانلىقى دەۋرىدە ھەربىي ئىشغالىيەت بىلەن قېتىۋېلىنغانلىقىنى، بۇ ئىشغالىيەتنىڭ ھازىرغا قەدەر داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھېچقاچان ئۆز ئىرادىسى بىلەن خىتايغا قوشىۇلمىغانلىقىنى، ھازىرقى مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيىنىڭ ئۇلارغا مەجبۇرىي تېڭىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. خۇ پىڭ ئەپەندى كومپارتىيىنىڭ ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىشتىن بۇرۇن مىللەتلەرنىڭ «ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەيدىغانلىقى» غا ۋەدە قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بىراق ئۇنىڭ 1949‏-يىلى 9‏- ئايدىن باشلاپ بۇ ۋەدىسىدىن يېنىۋالغانلىقىنى ۋە «مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە» نى تەكىتلەشكە باشلىغانلىقىنى، بۇرۇنقى ۋەدىسىدە تۇرمىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي ھازىر يولغا قويۇۋاتقان مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيىنىڭ ئىسمى بار-جىسمى يوق.

ئۇ «جۇڭگونىڭ ھازىرقى مەسىلىسى ئۇنىڭ ئىسمى بار-جىسمى يوق، نامى بار ئەمىلى يوق ئاپتونومىيىنى يولغا قويۇۋاتقانلىقىدۇر. ھازىر ما رۇڭ بۇنىمۇ بىكار قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتىدۇ. بۇ تېخىمۇ ئېغىر خاتالىقتۇر. چېگرا رايونلاردىكى مىللىي خاسلىقى ئالاھىدە پەرقلىنىدىغان بەزى مىللەتلەرگە نىسبەتەن تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمى ئەسلى ئۇلار قوبۇل قىلالايدىغان ئەڭ تۆۋەن چەكتىدىكى ھوقۇق. ئۇلارغا بېرىلگەن بۇ نامدىكى ئاپتونومىيىنى بىكار قىلىش جۇڭگودىكى مىللىي مەسىلىنى ھەل قىلمايدۇ. بەلكى ئىلگىرىلەپ مۇرەككەپلەشتۈرىدۇ» دەپ كۆرسەتتى.

يېقىقى يىللاردىن بۇيان چەتئەلدىكى خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ ئارىسىدا تېررىتورىيىلىك مىللىي ئاپتونومىيە تۈزۈمىنى بىكار قىلىپ، ئامېرىكىغا ئوخشاش شتاتلارنىڭ يەرلىك ئاپتونومىيە ئاساسىدىكى فېدىراتسىيە تۈزۈمىنى يولغا قويۇش پىكىر ئېقىمى باش كۆتۈرۈشكە باشلىغان ئىدى. خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ سابىق باش سېكرېتارى جاۋ زېياڭنىڭ مەسلىھەتچىسى يېن جياچى ئىلگىرى فېدىراتسىيە ئاساسىي قانۇن لايىھىسىنى تۈزۈپ چىقىپ، تىبەتكە ئالاھىدە رايونلۇق ھوقۇقى بېرىش، لېكىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى بىكار قىلىپ، ئۇنى خىتايدىكى 40 نەچچە شتاتنىڭ بىرىگە ئۆزگەرتىشنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. بىراق يېن جياچىنىڭ ئاساسىي قانۇن لايىھىسى ئۇيغۇرلارنىڭ شىددەتلىك تەنقىدىگە ئۇچراپ، «تۈلكىنىڭ تەقسىماتى» دەپ ئەيىبلەنگەن ئىدى. خۇ پىڭ ئەپەندىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، فېدىراتسىيە تۈزۈمى مىللىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىكى بىر خىل ئۇسۇل بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئامېرىكا فېدىراتسىيە تۈزۈمىنى ئۆلگە قىلىپ ھەل قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئامېرىكا فېدىراتسىيە تۈزۈمىنى جۇڭگودا يۈرگۈزۈش مەسىلىسىگە كەلسەك، بۇ يەردىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە سىزنىڭ مەسىلىنى قايسى نۇقتىدا تۇرۇپ كۆزىتىۋاتقانلىقىڭىز. نۇرغۇن كىشىلەر ئامېرىكىنىڭ فېدىراتسىيە تۈزۈمىنى يولغا قويۇشى كېرەك، چۈنكى ئامېرىكىدا مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمى يوق دەپ قارايدۇ. بىراق مەن بۇ قاراشنى توغرا تاپمايمەن. چۈنكى ئامېرىكا بىر كۆچمەنلەر دۆلىتى. بۇ يەردىكى ھەر قايسى مىللەتلەر ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن بۇ دۆلەتكە كەلگەن. بىراق بىز يەرلىك مىللەتلەر ھەققىدە سۆزلىشىۋاتىمىز. جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر شۇ يەرنىڭ يەرلىك خەلقى. ئۇلار سىرتتىن كەلگەن كۆچمەنلەر ئەمەس. ئۇيغۇر بولسۇن، موڭغۇللار ۋە ياكى تىبەتلەر بولسۇن، ئۇلار ئەزەلدىن تارتىپ ئەۋلادتىن-ئەۋلاد شۇ زېمىندا ياشاپ كېلىۋاتقان يەرلىك ئاھالە. شۇڭا ئۇلارنىڭ ئۆزى تاللىۋالغان تۇرمۇش ئۇسۇلىغا ھۆرمەت قىلىش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارغا ئالىي دەرىجىلىك ئاپتونومىيە بېرىلسە، ئۇلارنىڭ نۇرغۇن ساھەلەردىكى مۇستەقىللىقى ساقلاپ قېلىنسا، مەسىلە توغرا ھەل قىلىنغان بولىدۇ.»

ما رۇڭ ماقالىسىدە مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمى خەنزۇلار بىلەن باشقا مىللەتلەر ئارىسىدىكى پەرقنى چوڭايتىپ، ئۇلارنىڭ مىللىي ئېڭى ۋە بۆلۈنۈش ئارزۇسىنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. ئۇ يەرلىك مىللەتلەرنىڭ مىللىي ئېڭى ۋە بۆلۈنۈش ئارزۇسىنىڭ كۈچىيىشىنى توساشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك تەدبىرى مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيىنى بىكار قىلىپ، مىللىي پەرقنى ئازايتىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. بىراق خۇ پىڭ ئەپەندى، ما رۇڭنىڭ بىرلىكنى بىر تەرەپلىمىلىك تەكىتكەپ، مىللىي پەرقنىڭ ئىنسانىيەت تەرەققىياتىدىكى رولىنى كۆرمەسكە سالغانلىقىنى بىلدۈردى.

خۇ پىڭ «ما رۇڭنىڭ بۇ قارىشى تەلتۆكۈس ئەمەس. گەرچە پەرق بۆلۈنۈشنى ئالغا سۈرسىمۇ، لېكىن يەنە بىر تەرەپتىن پەرق كۆپ خىللىق، كۆپ قۇتۇپلۇقنىڭ ئىپادىسى. ئىنسانىيەت جەمئىيىتىدىكى نۇرغۇن مەسىلىلەرنى پەرق كەلتۈرۈپ چىقارسىمۇ، لېكىن پەرق يەنە ئىنسانىيەت تەرەققىياتىنى ئالغا سۈرىدىغان تۈرتكىدۇر. شۇڭا پەرقنى يوقاتسىڭىز، ئۇنىڭ ئاقىۋىتى تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ. بۇ يەردىكى مەسىلە پەرق كەلتۈرۈپ چىقارغان مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىش مەسىلىسى. مەيلى فېدىراتسىيە تۈزۈمى بولسۇن ، مەيلى ئاپتونومىيە بولسۇن، مەيلى ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش بولسۇن، بۇلار پەرقنى ھەل قىلىدىغان چارە-تەدبىر. ما رۇڭ پەرقنىڭ بۆلۈنۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى بىر تەرەپلىمىلىك تەكىتلەپ، پەرقنى يوقىتىشنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭ دېگىنىدەك بولسا، كۈچلۈك مىللەت ۋە دۆلەتلەر ئاجىز مىللەت ۋە دۆلەتلەرنى ئۇجۇقتۇرۇشى كېرەك. بۇ ئىنتايىن قەبىھلىك» دەيدۇ.