1.خىتايدا ئاممىۋى نارازىلىق ھەرىكەتلىرى كۆپەيدى، دۆلەت بىخەتەرلىك چىقىمى ھەربىي چىقىمدىن ئېشىپ كەتتى
يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان خىتايدا ئاممىۋى نارازىلىق ھەرىكەتلىرى بارغانچە كۆپەيگەن. چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتلىرى تور بەتلىرىدىن يېڭى ئىرا، بوشۈن قاتارلىق ئەركىن تور بېكەتلىرىنىڭ ستاتىستىكا قىلىشىچە، 2010-يىلدىن بۇيان خىتايدا قوزغالغان ئاممىۋى نارازىلىق ھەرىكەتلىرى ھەم تۈرلۈك قارشىلىقلار 50 مىڭ قېتىمدىن ئېشىپ كەتكەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2010-2011-يىلىدىكى دۆلەت ئىچىدىكى بىخەتەرلىك سەرپىياتىمۇ، خىتاينىڭ ھەربىي چىقىمىدىن يۇقىرى بولغان.
ھالبۇكى ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ ھۆكۈمەتكە قارشى نارازىلىق ھەرىكەتلىرى ھەم بۇ مىللەتلەر رايونىدا كۈچىيىۋاتقان يەرلىك مىللەتلەر بىلەن خىتاي كۆچمەنلىرى ئارىسىدىكى مىللىي توقۇنۇشلارنىڭ ئاشكارا ئىپادىلىنىشى خەلقئارا مەتبۇئاتلار ھەم خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغاۋاتقان ئەڭ نېگىزلىك مەسىلىلەرگە ئايلاندى.
2.خۇ پىڭ:«كوممۇنىست ھۆكۈمەتنى ئەڭ ئەنسىرەتكىنى چېگرا رايوندىكى مىللەتلەرنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرى»
بېيجىڭ باھارى ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى، سىياسىي ئانالىزچى خۇ پىڭ ئەپەندى ئۆز قارىشىنى بايان قىلىپ، نۆۋەتتە خىتايدا داۋاملىشىۋاتقان ئاممىۋى قارشىلىق ھەرىكەتلىرى بولۇپمۇ خىتاينىڭ چېگرا رايونلىرىدا يۈز بېرىۋاتقان يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ھۆكۈمەتكە قارشى ھەرىكەتلىرى ھەم يەرلىك مىللەتلەر بىلەن خىتاي كۆچمەنلىرى ئارىسىدىكى توقۇنۇشلارنىڭ كۆپىيىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەنسىزلىككە سالغانلىقىنى سۈردى.
«خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان ئاممىۋى نارازىلىق ھەرىكەتلىرى تارقاق ھالەتتە، ئوخشىمىغان رايونلاردا، ئوخشىمىغان مىللەتلەر ئارىسىدا يۈز بەرمەكتە. مەسىلەن، بۇ يىل ئەتىيازدا باشلانغان ياسىمەن گۈلى ھەرىكىتىمۇ ئومۇميۈزلۈك قارشىلىق ھەرىكىتىگە ئايلىنالمىدى. شۇڭا كوممۇنىست ھۆكۈمەتنى بىراقلا ئاغدۇرۇۋېتىدىغان بىرلىككە كەلگەن زور كۈچمۇ ھازىرچە شەكىللەنمىدى. گەرچە بۇ خىل قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ھازىرچە بىر گەۋدىگە ئايلانغان، ھۆكۈمەتكە قارشى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن ئاممىۋى نارازىلىق ھەرىكىتىگە ئايلىنالمىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ خىل ئاممىۋى نارازىلىق ھەرىكەتلىرى خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىگە زور بېسىم ئېلىپ كەلمەكتە. بولۇپمۇ ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەر رايونىدا يۈز بەرگەن قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ كۆپىيىشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنى تېخىمۇ ئەنسىز ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويدى. چۈنكى، خىتاي بولمىغان مىللەتلەر رايونىدىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىدە ھۆكۈمەتكە قارشى نارازىلىق ئىپادىلىنىش بىلەن بىللە يەرلىك خەلقنىڭ بارغانچە كۆپىيىۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرىگە بولغان نارازىلىقىمۇ ئىپادىلىنىپ، رايوندىكى ئېتنىك توقۇنۇشلارنى پەيدا قىلماقتا. مانا بۇ مەسىلىلەرنى قانداق ھەل قىلىش خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېشىنى قاتۇرۇۋاتقان مەسىلىدۇر.
3. خۇ پىڭ: «ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەر قوش زۇلۇمغا ئۇچراۋاتىدۇ، شۇڭا ئۇلاردىكى قارشىلىق تۇيغۇسى تېخىمۇ كۈچلۈك»
خۇ پىڭ ئەپەندى ئۆتكەن ئايدا خوتەن ھەم قەشقەردە يۈز بەرگەن ساقچىخانىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى ھەم خىتاي ساقچى ھەم پۇقرالىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى.
«خىتايدىكى مىللەتلەر مەسىلىسى كوممۇنىست ھۆكۈمەتنى تېخىمۇ ئەنسىرىتىدۇ. چۈنكى، چېگرا رايونلاردىكى خىتاي بولمىغان مىللەتلەر ئىچكى ئۆلكىلەردىكى خىتاي پۇقرالىرى ئۇچراۋاتقان ئومۇمىي زۇلۇمدىن باشقا يەنە مىللىي زۇلۇمغىمۇ ئۇچراۋاتىدۇ. شۇنداق بولغاچقا، بۇ مىللەتلەر ئۆزىنىڭ مىللىي ھەق-ھوقۇقلىرى تارتىۋېلىندى دەپ قارايدۇ. شۇنداق بولغاچقا، بۇ مىللەتلەرنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىقى تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ. ئۇلار ئۆزىنىڭ مىللىي مەنپەئىتى قوغداش، ئۆز مىللىي كىملىكىنى، ئۆرپ-ئادەت، مەدەنىيىتىنى قوغداش ئىرادىسى تېخىمۇ قەتئىي بولىدۇ. خوتەن ھەم قەشقەردە يۈز بەرگەن ۋەقەلەردە مانا مۇشۇ خىل قارشىلىق ھېسسىياتى ئىپادىلەنگەن. رادىكال قارشىلىق ئەمەلىيەتتە ئۇزۇن مەزگىل داۋامىدا يىغىلىپ قالغان نارازىلىق تۇيغۇلىرىنىڭ پارتلاپ چىقىشى دېيىشكە بولىدۇ.»
4. خۇ پىڭ «قورال كۈچى ئارقىلىق باستۇرۇش، رايوندىكى رادىكال قارشىلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ»
خۇ پىڭ ئەپەندى كوممۇنىست ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ھەر خىل چەكلىمىلەرنى كۈچەيتكەندىن باشقا، ئاقسۇ قاتارلىق جايلارغا «يىلپىز ئالاھىدە قىسمى» دەپ ئاتالغان، قوراللىق ئەترەتنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، رايوندا «تېررورلۇققا زەربە بېرىدىغانلىقى»نى جاكارلىشىنىڭ رايوندا مۇقىملىقنى كۈچەيتىش ئەمەس، بەلكى خەلقنىڭ قارشىلىق تۇيغۇسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ رايوندىكى رادىكال قارشىلىقلارنى كۆپەيتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
«ئەسلىدە كوممۇنىستىك ھۆكۈمەت ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىل قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى ئۆزىنىڭ رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىدىن ئىزدىشى كېرەك ئىدى، ئەمما ھازىر قورال كۈچى ئارقىلىق رايون ۋەزىيىتىنى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. ئۇلار يىلپىز ئەترىتىگە ئوخشاش ئالاھىدە ئەترەتنى يۆتكەپ كېلىپ، ئىنتايىن زور چىقىم بەدىلىگە رايوندا ئۆزلىرى ئارزۇ قىلغان مۇقىملىقنى بەرپا قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى قاتارلىق مىللىي ئادەتلىرىگە قارىتىلغان چەكلىمىنى كۈچەيتىپ، ئەسلىدە قارشىلىق تۇيغۇسى بولمىغان ئاۋام پۇقرالاردىمۇ ھۆكۈمەتكە قارشى نارازىلىقنىڭ كۈچىيىشىگە ئۆزلىرى سەۋەب بولۇۋاتىدۇ. مانا ھازىر جاڭ چۈنشەنمۇ ۋاڭ لېچۈەننىڭ قاتتىق قوللۇق سىياسىتىنى قوللىنىش ئارقىلىق رايون ۋەزىيىتىنى كونترول قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ. مېنىڭچە، ئەگەر بۇنداق داۋاملىشىۋەرسە، رايوندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ئاجىزلىشىش ئەمەس، بەلكى بۇندىن كېيىن رادىكال قارشىلىق ھەرىكەتلىرى تېخىمۇ كۆپىيىشى مۇمكىن. زۇلۇمغا ئۇچرىغان ئاق توشقانمۇ نارازىلىقى چېكىگە يەتكەندە يولۋاسقا قارشى ئېتىلىدۇ دېگەن تەمسىل مانا مۇشۇنداق ۋەزىيەتكە قارىتىلغان بولسا كېرەك.»