خۇ جىنتاۋدىن شى جىنپىڭغىچە

2012‏-يىلى خىتايدا دۆلەت رەئىسى ئالمىشىدىغان يىل، خىتاينىڭ تۆتىنچى ئەۋلاد رەئىسى خۇ جىنتاۋ قولىدىكى ھوقۇقنى ئالدىن بەلگىلىنىپ بولغان بەشىنچى ئەۋلاد خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغان يىل.
مۇخبىرىمىز ۋەلى
2011.06.23
herman-van-rompuy-xu-jintao-bilen-305.jpg ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى ھېرمان ۋون رومپۇي خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن كۆرۈشتى. 2011-يىلى 16-ماي، بېيجىڭ.
AFP

بۈگۈن فرانسىيە خەلقئارا رادىئو ئىستانسىسىنىڭ تور بېتىدە ئۆز يازغۇچىسى يىلدىر پلانتادنىڭ «خۇ جىنتاۋدىن شى جىنپىڭغىچە» دېگەن ماقالىسى بېسىلدى. بۇنىڭ تەرجىمىسىنى «خىتايغا نەزەر» تور گېزىتى باستى. بۇ ماقالىدە، تۆتىنچى ئەۋلاد خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ ھەققىدە باھا ۋە بەشىنچى ئەۋلاد خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ھەققىدە تەسەۋۋۇر ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

2012‏-يىلى ئامېرىكا، فرانسىيە، جەنۇبىي كورىيە، ئىسپانىيىلەردە پرېزىدېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، يېڭى ھۆكۈمەت تەشكىللىنىدۇ. ئەمما خىتايدا ئومۇمىي خەلق سايلىمى ئۆتكۈزۈلمەيلا، دۆلەت رەئىسى ئالمىشىدۇ، خىتاينىڭ تۆتىنچى ئەۋلاد رەئىسى خۇ جىنتاۋ قولىدىكى ھوقۇقىنى ئالدىن بەلگىلىنىپ بولغان بەشىنچى ئەۋلاد خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ، دەپ باشلايدۇ ئاپتور «خۇ جىنتاۋدىن شى جىنپىڭغىچە» دېگەن مۇلاھىزىسىنى.

ئاپتور خۇ جىنتاۋ دەۋرىنى ئەسلەپ مۇنداق دەپ يازىدۇ: خۇ جىنتاۋ «مۇقىملىقنى ساقلاش»، «ئىناق جەمئىيەت قۇرۇش» دېگەن شوئارنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. ئۇ مۇقىملىقنى قانداق ساقلىدى؟ ئىناق جەمئىيەت قۇرالىدىمۇ؟ خۇ جىنتاۋ دەۋرىدە، گەرچە خىتاي دۆلىتى ئالدىنقى دەۋردىكىدىن باي بولغان بولسىمۇ، مەسىلەن، جاڭ زېمىن دەۋرىدىكى ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى ئادەم بېشىغا توغرا كېلىدىغان 1،274 ئامېرىكا دوللىرىلىق سەۋىيە 2011‏-يىلى 4 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن بولسىمۇ، ئەمما خۇ جىنتاۋ دەۋرىدە، پارىخور-خىيانەتچى ئەمەلدارلار كۆپەيدى. خىتاينىڭ دېڭىز قىرغاقلىرىدىكى جايلار بىلەن ئىچكى قۇرۇقلۇقتىكى جايلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات سۈرئىتىدىكى پەرقلەر بارغانسېرى چوڭايدى. خۇ جىنتاۋ گۇاڭدوڭ ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى ئوتتۇرا ھېسابتىكى دۇنيا سەۋىيىسىگە، شاڭخەي ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى ئويرو قوللىنىدىغان رايونلارنىڭ ئىچىدىكى لىتۋادىن پەرقلەنمەيدىغان سەۋىيىگە، خوڭكوڭ ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى فرانسىيىگە تەڭلەشكەنلىكىنى كۆز -كۆز قىلىپ، گۇيجۇ قاتارلىق ئۆلكىلەردىكى ئاھالىلەرنىڭ، بولۇپمۇ خىتاي بولمىغان مىللەتلەر ياشايدىغان رايونلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى ھەتتا ۋيېتنام ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىگىمۇ يەتمىگەنلىكىنى يوشۇردى.

ئاپتور مۇلاھىزىنى مۇنداق دەپ داۋاملاشتۇرىدۇ: خۇ جىنتاۋ بۇ دەۋردە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى رەت قىلىپ، نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكە ئىسلاھاتچى ليۇ شاۋبونى تۈرمىگە تاشلىدى. خۇ جىنتاۋ «مۇقىملىقنى ساقلىغان» سىرى، «ئىناق جەمئىيەت قۇرغان» سىرى، خەلقنىڭ قوزغىلاڭلىرى كۆپەيدى. بۇ «ئىناق جەمئىيەت» تە خۇ جىنتاۋنىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرىنىڭ ئۈنۈمسىزلىكىدىن، ھەر يىلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 15 مىڭ ئادەم ئۆلۈپ كېتىۋاتىدۇ. ھازىر خەلق قوزغىلاڭلىرى ھەر كۈنى يۈز بېرىدىغان، خۇ جىنتاۋ باستۇرۇپ ئۈلگۈرەلمەيدىغان ھالغا كەلدى.

ئاپتورنىڭ ئالاھىدە تەكىتلىشىچە، خۇ جىنتاۋنىڭ بۇ «ئىناق جەمئىيەت» تە، خىتاي بولمىغان باشقا مىللەتلەرنى باستۇرۇش ئەڭ قەبىھ بولدى. 2008‏-يىلى تىبەتلەرنى، 2009‏-يىلى ئۇيغۇرلارنى، 2011‏-يىلى موڭغۇللارنى باستۇرۇپ، بۇ رايونلارنىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىنى خىتايلارنىڭ قولىغا ئۆتكۈزۈپ بەردى. بۇ رايونلاردا ھازىرغا قەدەر ئىنتېرنېتنى كونترول قىلىۋېلىش ئارقىلىق يەرلىك خەلقنىڭ ئاۋازىنى بوغۇۋاتىدۇ.

ئاپتور ماقالىسىدە خۇ جىنتاۋدىن ھوقۇق ئۆتكۈزۈۋېلىش ئالدىدا تۇرغان شى جىنپىڭ ھەققىدە مۇلاھىزە ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭ قارىشىچە، بەشىنچى ئەۋلاد خىتاي رەئىسى بولىدىغان شى جىنپىڭ كونا كوممۇنىست ئەمەلدارلىرىنىڭ مىراسخورى. ئۇنى ئۈچىنچى ئەۋلاد خىتاي رەئىسى جاڭ زېمىن يۆلەپ مۇئاۋىن رەئىسلىككە ئېرىشتۈرگەن ئىدى. ئۇ كېلەر يىلى دۆلەت رەئىسلىك مىراسقا ئېرىشىش ئۈچۈن، ھازىر يەنە بىر مىراسخور بىلەن بىرلىكتە، ماۋ زېدوڭنىڭ سىياسىي يولىغا بولغان سېغىنىشىنى ئىپادىلىمەكتە.

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، شى جىنپىڭنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىدىكى ھازىرقى دەۋردە، ئەي ۋېۋېيغا ئوخشاش مەشھۇر سەنئەتكارلار تۇتقۇن قىلىنىپ، سۆزلەش ئەركىنلىك چەكلەنگەنلىكى، دۇنيادا ئوچۇق-ئاشكارا پرېزىدېنت سايلىمى ئېلىپ بارىدىغان دېموكراتىك دۆلەت تەيۋەننىڭمۇ خىتاينىڭ بىر ئۆلكىسى دەپ جاكارلىنىۋاتقانلىقى، خىتايدىن ئۆزگە مىللەرگە ھازىرغا قەدەر سىياسىي ئەركىنلىك بېرىش ئوتتۇرىغا قويۇلمايۋاتقانلىقى، بۇ، شى جىنپىڭنىڭ دېموكراتىيىگە، ئەقەللىيسى بىر خىل ئىلغارلىققا قاراپ ماڭىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.