خۇ جىنتاۋنىڭ ئامېرىكا زىيارىتىگە قارىتا كانادا مەتبۇئاتلىرىدىكى ئىنكاسلار
2011.01.25

يەنى خىتاي مەسىلىسىگە كەلگەندە، بارلىق غەرب دۆلەتلىرىنى تەقدىرداش دېيىشكە بولىدۇ. بۇنىڭدىن 5 يىل ئىلگىرى، خۇ جىنتاۋ ئامېرىكىنى زىيارەت قىلغاندا، پرېزىدېنت بوز ئۇنىڭغا دۆلەت زىياپىتى بېرىشنى رەت قىلغان، باراك ئوباما خىتاينى زىيارەت قىلغاندا بولسا، خۇ جىنتاۋ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈشنى خالىمىغانىدى. بۇ قېتىم، ئامېرىكا تەرەپنىڭ قاتتىق تۇرۇشى بىلەن خۇ جىنتاۋ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا قاتنىشىشقا مەجبۇر بولدى.
ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، خۇ جىنتاۋ كانادادا زىيارەتتە بولغاندىمۇ، ئۇ ئەسلىدىكى كۈنتەرتىپنى بۇزۇپ تاشلاپ، باش مىنىستىر ستېپھېن ھارپېر بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىنى بىكار قىلغانىدى. گەرچە خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ ئامېرىكا زىيارىتىدىكى ۋە ئامېرىكا بىلەن خىتايدىن ئىبارەت ئىككى دۆلەت رەھبىرى ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتلەرنىڭ ئاساسلىق تېمىلىرى تىجارەت- سودا، خىتاي پۇلىنىڭ كۈرىسى، كىشىلىك ھوقۇق، خىتاي ئارمىيىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۈچىيىشى ۋە شىمالىي كورىيە يېرىم ئارىلى ۋەزىيىتىگە ئوخشاش مەسىلىلەرگە مەركەزلەشكەن بولسىمۇ، كانادانى ئۆز ئىچىگە ئالغان غەرب مەتبۇئاتلىرى، بۇلاردىن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىگە ئالاھىدە دىققەت قىلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ زىيارەتمۇ خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى تارىختىكى ئەڭ ئېغىر ئەھۋالدا تۇرۇۋاتقان بىر دەۋرگە توغرا كەلدى.
كانادا"دۆلەت پوچتىسى" گېزىتىدىكى "ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيلىك خۇ جىنتاۋ ۋە ئوباما سۆھبىتىدە ئوتتۇرىغا چىقتى" ناملىق ماقالىدە باراك ئوباما بىلەن ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ ھېچ تەپتارتماستىن خىتاينىڭ ئەزەلدىن كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداپ ۋە ئۇنى ھۆرمەت قىلىپ كەلگەنلىكى، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىياتىنىڭ دۇنيادا ئېتىراپ قىلىنغانلىقىنى جاكارلىغانلىقى ئەيىبلىنىپ: "ئەمما، خىتاينىڭ كونتروللۇقىدىكى تىبەت ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا، ھۆكۈمەتكە قارشى نارازىلىق ھەرىكەتلەر قانلىق شەكىلدە باستۇرۇلدى.
يېقىنقى يىللاردىن بېرى، بېيجىڭنىڭ بۇ ئىككى رايونغا قاراتقان سىياسەتلىرى ۋە بۇ رايوندىكى پائالىيەتلىرى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ جىددىي دىققەت - ئېتىبارىنى قوزغىماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىرگە،خىتاي دائىرىلىرى سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، لېكىن نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ليۇ شاۋبونى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپلىگەن سىياسىي جىنايەتچىلەر ھازىرغىچە تۈرمىلەردە تۇتۇپ تۇرۇلماقتا،" دەپ يېزىلىدۇ.
ك ت ۋ تېلېۋىزىيىسىنىڭ پروگراممىسىدا، خۇ جىنتاۋنىڭ، مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، دەسلەپتە ئامېرىكا مۇخبىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەققىدىكى بۇ سوئالىنى ئاڭلىيالمىدىم، دەپ ئۇستىلىق بىلەن ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىشتىن قاچقانلىقىنى، لېكىن كېيىنرەك، باشقا بىر مۇخبىرنىڭ يەنە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەققىدىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىشكە مەجبۇر بولغاندا بولسا،بۇرۇن تەييارلىۋالغىنى بويىچە، ئالدىدىكى قەغەزدىن، "دۆلىتىمىز كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدە يەنە نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىشقا توغرا كېلىدۇ" ۋە "كىشىلىك ھوقۇق ھەققىدىكى تەلەپلەر دۆلەتنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك" دېگەنلەرنى ئوقۇپ بەرگەنلىكى بايان قىلىندى.
"يەرشارى پوچتىسى" ناملىق گېزىتتىكى "خۇنىڭ خىتايغا خاس ساختىپەزلىك سۆز ئويۇنىنى ئويناۋاتقانلىقىغا قاراڭ" ناملىق، مەزكۇر گېزىتنىڭ باش ماقالىسىدە "خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ ئامېرىكا زىيارىتىگە، خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ ئەنئەنىسى بولغان "گۈلدۈرى بار، يامغۇرى يوق" قۇرۇق گەپلەر بىلەن كەلدى. ئۇلار كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتە كۆپلىگەن ۋەدىلەرنى بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما ھېچبىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرمىدى. ئىقتىسادىي سىياسەت توغرىسىدا قانداق قىلىدىغانلىقى ھەققىدە يەنىلا ئېغىز ئاچمىدى.
خۇ ئەپەندى قۇرۇق تەكەللۇپلار بىلەن "خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتە يەنە نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىشقا توغرا كېلىدىغانلىقى"دىن سۆز ئاچتى. ئالدىنقى يىلى سېنتەبىر ئېيىدا، باش مىنىستىر ۋېن جياباۋمۇ بۇنىڭغا ئوخشاش سۆزلەرنى قىلغانىدى. ۋېن ئەپەندى: "بىز كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتە نۇقسانلىرىمىز يوق دېيەلمەيمىز، ئەمما بۇ ساھەدە داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز. بىز دۆلىتىمىزنىڭ كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتە تېخىمۇ ياخشىلىنىشىنى ئارزۇ قىلىمىز،"دېگەن سۆزلەرنى قىلغان ۋە ھەتتا ئۇ سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بارىدىغانلىقى ۋە دېموكراتىيىدىن سۆز ئاچقانىدى. لېكىن نۆۋەتتە، خىتايغا قارايدىغان بولساق، كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتە ياخشىلىنىش ئەمەس، بەلكى زۇلۇمنىڭ بارغانسېرى ئومۇملىشىۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز،" دېيىلىدۇ.
كانادالىق مۇتەخەسسىسلەر، خۇنىڭ بۇ قېتىمقى ئامېرىكا زىيارىتىدە، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى مەسىلىلىرىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئىلگىرىكى ھۆكۈمەتلەر دەۋرىگە قارىغاندا جىددىي تەكىتلەنگەنلىكى ۋە ئەڭ مۇھىم مەسىلىگە ئايلانغانلىقىنى، بۇنىڭ بۇ زىيارەتنىڭ ئىجابىي تەرىپى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. خىتاي مەتبۇئاتلىرى، خۇ جىنتاۋنىڭ ئامېرىكا زىيارىتىگە مۇناسىۋەتلىك خەۋەر ۋە مۇلاھىزىلىرىدە، ئۇنىڭ پرېزىدېنت باراك ئوباما ۋە ئامېرىكا خەلقى تەرىپىدىن داغدۇغىلىق كۈتۈۋېلىنغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، خۇ جىنتاۋنىڭ ئامېرىكا مۇخبىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە ئائىت سوئالىغا جاۋاب بەرگەنلىكىنى ۋە غەرب مەتبۇئاتلىرىدىكى، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە ئائىت مۇلاھىزىلەرنى تىلغا ئالمىدى. ھەتتا بېيجىڭ دائىرىلىرى يەنە، خىتايدا خەۋەر تارقىتىدىغان ئەنگلىيىنىڭ ب ب س ۋە ئامېرىكىنىڭ سىملىق تېلېۋىزىيە قانىلى س ن ن لەرنىڭ خەۋەرلىرىدىكى خۇ جىنتاۋنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ھەققىدىكى سۆزلىرىنى چىقىرىۋەتتى.