خىتاي كانادانىڭ تېلېفون ئالاقە ئۇچۇر سىستېمىسىغا قول ئۇزاتتى

كانادادىكى ئېلېكترونلۇق تېلېفون ئالاقە شىركەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ خۇاۋېي شىركىتىدىن ئىلغار تور قوراللىرىنى سېتىۋالغانلىقى نۇرغۇن كانادالىقلارنى بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنى قاتتىق ئۈمىدسىزلەندۈردى.

0:00 / 0:00

كانادادىكى بەزى تېلېفون شىركەتلىرىگە ئەمدى ئىشەنگىلى بولمايدۇ

ئۆكتەبىرنىڭ 8-كۈنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى «ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىكىنىڭ خىتاينىڭ تېلېفون ئالاقە شىركىتى خۇاۋېي ۋە زىتې تەرىپىدىن يولۇققان مەسىلىلىرى ھەققىدە تەكشۈرۈش دوكلاتى» ناملىق دوكلات ئېلان قىلىپ، خۇاۋېينىڭ خىتاي قىزىل ئارمىيىسى ۋە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئىقتىسادى ياردەم ئالىدىغان شىركەت بولغانلىقى ئۈچۈن ئىشەنچلىك ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. شۇنداقلا خۇاۋېينىڭ ئامېرىكىدا بۇندىن كېيىن ئېلىپ بارىدىغان سودىسىغا قاتتىق چەك قويۇپ، خۇاۋېي بىلەن توختام تۈزگەن بېلل كانادا، تېلاس بەلل، تېلۇس، ساسكتەل قاتارلىق كانادا شىركەتلىرىنى ئاگاھلاندۇرغان ئىدى. گەرچە كانادا ھۆكۈمىتى، ھۆكۈمەت دىجىتاللىرى، ھۆكۈمەت تېلېفونلىرى، سانلىق مەلۇماتلىرى، ئېلخەت ۋە ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ ئالاقە تورلىرىغا خۇاۋېي تېلېفون ئالاقە ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلىتىشكە رۇخسەت قىلمىغان بولسىمۇ، بېلل كانادا قاتارلىق بۇ ئالاقىلىشىش شىركەتلىرى خۇاۋېينىڭ ئەرزان باھادىكى ئىلغار ئالاقە قوراللىرىنى سېتىۋېلىشتىن ئۈمىد ئۈزمىدى.

خىتاي ئىگىدارچىلىقىدىكى شىركەتلەرنىڭ ئىشپىيونلۇق ھەرىكەتلىرى ھەققىدە پاكىتلار نۇرغۇن

بۇ يىل ئىككىنچى ئاينىڭ 14-كۈنى ۋالل سترېت ژۇرنىلىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي تور ئىشپىيونلىرى باش مەركىزى كاناداغا جايلاشقان دۆلەت ھالقىغان تېلېفون ئالاقە شىركىتى نورتەلگە ئون نەچچە يىلدىن بېرى تور ھۇجۇمى قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار ئاساسى جەھەتتىن نورتەلنىڭ سودا پىلانلىرىنى، تەتقىقات ماتېرىياللىرىنى، نورتەل خادىملىرىنىڭ ئېلخەت ئالاقە ئادرېسلىرىنى ئوغرىلىغان. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇچۇر ئوغرىلىغانلىقى ئاشكارىلىنىپ قالسا مەسئۇلىيەتنى شەخسلەرنىڭ ئۈستىگە ئارتىپ قويۇش ئارقىلىق ئۆزىنى ئاقلاپ كېلىۋاتقان بولۇپ، نورتەلدىن ئوغرىلىغان ئۇچۇرلاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قولى بارلىقىدىن ئۆزىنى قاچۇرغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تور ئىشپىيونلىرى، چوڭ شىركەتلەردىن ئۇچۇر ئوغرىلاپلا قالماي، قولىنى ھۆكۈمەتلەرگىچە ئۇزىتىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، 2007-يىلى 8 ئايدا گېرمانىيە ۋەزىرلىكى ۋە ئۇچ مىنىستىرنىڭ ئېلېكترونلۇق ئالاقىلىشىش تورىغا ھۇجۇم قىلىپ ئىشپىيونلۇق ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندۇرغان. مېركەل خانىم بېيجىڭنىڭ بۇ قىلمىشىنى بىۋاسىتە ئەيىبلىگەن ئىدى. ئامېرىكىدىكى فوخ خەۋەر گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە مۇشۇ ئاينىڭ 3-كۈنى، خىتاي تور ھۇجۇمچىلىرى ئامېرىكا ئاقسارىيىنىڭ ئەسكىرى ئىشخانىسىغا تور ھۇجۇمى قوزغاپ بەزى نازۇك ئۇچۇرلارنى ئوغرىلىغان. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بايان قىلىشىچە، خۇاۋېي شىركىتى خىتاي ھۆكۈمىتى ئىگىدارچىلىقىدىكى بىر شىركەت، ئۇنىڭ ئۈستىگە خەلقئارا قانۇندا تور ئىشپىيونلۇقىغا دائىر تېخى ئېنىق بىر ماددا يوق ئەھۋال ئاستىدا، كانادادىكى ئەڭ چوڭ تېلېفون شىركەتلىرىنىڭ خۇاۋېينىڭ ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىۋېلىشى كىشىنى چۆچۈتىدىغان بىر ئەھۋال.

كانادالىقلارنىڭ ئۇچۇر بىخەتەرلىكى نۆۋەتتىكى مۇھىم مەسىلە

بۈگۈنكى دۇنيا ئىنسانلىرى غايەت زور ئۇچۇر ئالىمىدىكى ئالاقىلىشىش قوراللىرى ھەممىلا تەرەپكە تۇتاشقان بىر مۇھىت سىستېمىسىدا ياشاۋاتقان بولۇپ، ئۇچۇرلار ئېلېكترونلۇق ئالاقە قوراللىرى ئارقىلىق، يەنى ئېلېكترونلۇق توك سىملىرى، رادىئو دولقۇنلىرى، قول تېلېفون مۇنارلىرى ئارقىلىق ۋە باشقا ئىجتىمائىي ئالاقىلىشىش تورلىرى ئارقىلىق مەلۇم ئېلېكترونلۇق باشقۇرۇش ئۈسكۈنىسىنىڭ ئىچىدە ساقلىنىدۇ، بۇ مۇرەككەپ تېخنىكا قۇرۇلۇشلىرى بولسا ئېلېكترونلۇق تور ۋە تېلېفون ئالاقىلىشىشنى ماڭغۇزۇۋاتقان ۋە يۈرگۈزۈۋاتقان شىركەتلەر تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدۇ. ئەگەر بۇ شىركەتلەرگە ئىشىنىش مۇمكىن بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، بىخەتەرلىكتىن سۆز ئېچىش قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟ مانا بۇ مەسىلىلەر نۆۋەتتە كانادالىق ۋەتەنپەرۋەرلەر، ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى، بولۇپمۇ كانادالىق ئۇيغۇرلارنى ئۈمىدسىزلەندۈرگەن ۋە ئەندىشىگە سالغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى. بىز بۇ ھەقتە ئۇيغۇر كانادا جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئادىل ئابباسنى زىيارەت قىلدۇق.