سۈبھى فوندى تەشكىلاتى ئۇيغۇر يېتىم ۋە ئوقۇشسىز بالىلارغا داۋاملىق ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئەنگلىيىدىكى Dawn فوندى تەشكىلاتى يەنى "سۈبھى خەير-ساخاۋەت " فوندى تەشكىلاتى يېقىندا ئەنگلىيىنىڭ لوندون شەھىرىدە "خىتاي، خىتايدىكى ئۇنتۇلغان مۇسۇلمانلارنى ئېسىگە ئېلىشى كېرەك" دېگەن تېمىدا مەخسۇس يېتىم ۋە ئوقۇشسىز قالغان ئۇيغۇر بالىلىرىغا ياردەم بېرىش ئىئانە توپلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.

0:00 / 0:00

"سۈبھى خەير-ساخاۋەت " فوندىنىڭ مەزكۇر پائالىيىتىگە، لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى يېقىندىن ھەمكارلاشقان بولۇپ، لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ قۇرغۇچىسى ئەزىز ئەپەندى رادىئومىز مۇخبىرىغا "سۈبھى خەيرى-ساخاۋەت " تەشكىلاتىنىڭ 2007-يىلىدىن بۇيان ئۈرۈمچى شەھىرىدە نامرات، يېتىم-يېسىر بالىلارنى ئوقۇتۇش، ئىگە چاقىسىز قېرى-چۆرىلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا ئوخشاش خەيىر-ساخاۋەتلىك ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقانلىقىدىن مەلۇمات بەرگەن ئىدى.

بىز يەنە، مەزكۇر فوندى تەشكىلاتىنىڭ 2007-يىلى ئۈرۈمچىدە 200 ئوقۇغۇچىنى ئوقۇش پۇرسىتىگە ئىگە قىلغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ 156 نەپىرىنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئىكەنلىكىنى، 6 ياشتىن 16 ياشقىچە بولغان بۇ بالىلارنىڭ 58 نىڭ ئاتا-ئانىسى يوق يېتىم بالىلار ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان ئىدۇق.

بۈگۈن بىز، "سۈبھى خەير-ساخاۋەت" فوندىنىڭ رەئىسى Naemma Raza ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىن 10 يىل بۇرۇن خىتاينىڭ گۇاڭجۇ شەھىرىدە ئۇيغۇرلار بىلەن تونۇشقانلىقىنى ۋە ئۈرۈمچىگە بېرىپ، نامرات ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان رايوندا زىيارەتتە بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قىيىنچىلىق ئىچىدىكى ئېچىنىشلىق تۇرمۇشىنى كۆرۈپ، قۇربىنىڭ يېتىشىچە ياردەم قىلىش ئىرادىسىنى تۇرغۇزغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، "مەن يېتىم بالىلارنى، بولۇپمۇ ئوقۇشسىز بالىلارنى كۆرسەم چىداپ تۇرالمايمەن، ئۈرۈمچىدىكى يېتىم بالىلار شۇنداق ئەقىللىق ئىكەن، ئەگەر ئۇلار ياخشى تەربىيىلىنىپ، مول-بىلىملەرگە ئىگە بولسا، ئىشىنىمەنكى، كەلگۈسىدە مىللىتىگە ياراملىق تۆھپىكارلاردىن بولۇپ يېتىشىپ چىقىدۇ" دېدى.

Naemma Raza ئەپەندى سۆزىدە يەنە، ئۈرۈمچىدە يېتىم ۋە ئوقۇشسىز بالىلاردىن سىرت، ياشانغان ئىگە-چاقىسىز كىشىلەرنىڭمۇ ئىنتايىن كۆپ ئىكەنلىكىنى، بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ياردەمگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

"سۈبھى خەيرى-ساخاۋەت تەشكىلاتى" نىڭ ئەسلى مەقسىتىمۇ، ياردەمسىز قالغان كىشىلەرگە ياردەم بېرىشتىن ئىبارەت. نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى، بولۇپمۇ ئىقتىسادىي جەھەتتە قىيىنچىلىق ئاستىدا ياشاۋاتقانلىقى، بولۇپمۇ ساۋاتسىزلىق مەسىلىلىرى بىزنى چوڭقۇر ئويغا سالدى، ئەلۋەتتە بىز ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى خەلقئارادا ئۇلار توغرىسىدا بېرىلىۋاتقان خەۋەرلەر ئارقىلىق چۈشىنىپ يەتتۇق ۋە ئەنگلىيىدىكى ئۇيغۇرلار ئارقىلىق، بولۇپمۇ لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلىدىن ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ ئېنىق تونۇدۇق. بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ ۋە جانلىق پائالىيەتلەر ئۇيۇشتۇرۇپ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خىزمەت ئىشلىسەك دېگەن ئۈمىدىمىز بار."

نائېمما ئەپەندىدىن بىز يەنە "سۈبھى خەيرى-ساخاۋەت " تەشكىلاتىنىڭ پائالىيەتلىرىگە خىتاي ھۆكۈمىتى قانداق پوزىتسىيە بىلدۈردى دېگەن سوئالنى سورىدۇق. ئۇ: "بىز قانۇنلۇق يوسۇندا مۇناسىۋەتلىك مائارىپ تارماقلىرى بىلەن سۆزلىشىپ، يېتىم-يېسىرلارنى ئوقۇش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىش رەسمىيەتلىرىنى بېجىردۇق. مەن توغرا يولدا قىلىۋاتقان خىزمىتىمىزنىڭ چوقۇم ئاخىرغىچە توسالغۇسىز داۋاملىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن" دېدى.

"سۈبھى خەيرى-ساخاۋەت " تەشكىلاتىنىڭ" خىتاي، خىتايدىكى ئۇنتۇلغان مۇسۇلمانلارنى ئېسىگە ئېلىشى كېرەك " تېمىسىدا ئېلىپ بېرىلغان ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىش ئىئانە توپلاش پائالىيىتىگە قاتناشقان لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ ئەزاسى نىزامىدىن ئەپەندى، نائېمما ئەپەندى باشچىلىقىدا ئېلىپ بېرىلغان مەزكۇر پائالىيەتتىن چوڭقۇر تەسىرلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.

لوندون ئانسامبىلىنىڭ قۇرغۇچىسى ئەزىز ئەپەندى، "سۈبھى خەيرى ساخاۋەت" تەشكىلاتى ئەنگلىيىدە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ۋە ئەھمىيەتلىك بولغان بۇ خىزمەتنى 2007-يىلى باشلاپ، ھازىرغا قەدەر داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ خىزمەتنى بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقى ھەققىدە ئىپادە بىلدۈرگەنلىكىنى ئېيتىپ، "Naemma ئەپەندى باشچىلىقىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ياردەم خىزمىتى، ئەنگلىيىدىكى باشقا ئىنسانپەرۋەرلەر ئۈچۈنمۇ ئۈلگىلىك ۋە تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ" دېدى.