خۇ جىنتاۋ ياپونىيىدىكى ئۇيغۇر قاتارلىق ئىجتىمائىي گۇرۇھلارنىڭ نارازىلىق نامايىشىغا دۇچ كېلىشى مۇمكىن

جەنۇبىي كورىيىدە چاقىرىلغان 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ باشلىقلار يىغىنى پەيشەنبە كۈنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، بۈگۈندىن باشلاپ ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادى ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى ياپونىيىنىڭ يوكوخاما شەھىرىگە توپلىنىشقا باشلىدى.

0:00 / 0:00

باشلىقلار يىغىنى رەسمىي باشلىنىشتىن بۇرۇن ئەزا دۆلەتلەرنىڭ سودا ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى چارشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنلىرى تەييارلىق يىغىنى ئاچقان. لېكىن، ئانالىزچىلار بۇ قېتىمقى يىغىن يېقىندىن بېرى يىرىكلىشىپ كەتكەن خىتاي - ياپونىيە مۇناسىۋىتىنىڭ كۆلەڭگۈسىدە قالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

خۇ جىنتاۋ بۇ قېتىمقى يىغىندا قاتنىشىدىغان مۇھىم شەخسلەرنىڭ بىرى، لېكىن يىغىن جەريانىدا ياپونىيىدىكى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق ئامممىۋى گۇرۇھلارنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرىغا دۇچ كېلىشى مۇمكىن.

ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادى ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى جۈمە كۈندىن باشلاپ ياپونىيىنىڭ يوكوخاما شەھىرىگە توپلىنىشقا باشلىدى. ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىدا ئەركىن سودا بەلۋىغى قۇرۇش، يەر شارى ئىقتىسادىنى يولغا سېلىش قاتارلىق مەسىلىلەر يوكوخامادىكى 2 كۈنلۈك مەزكۇر يىغىندا مۇزاكىرە قىلىنىدىغان مەركەزلىك تېمىلاردىن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مەسئۇلىيىتى يۇقىرىقى مەسىلىلەرنىڭ يىغىندا مۇزاكىرىگە قويۇلۇپ، پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىشنى ئالغا سۈرۈشتۇر. ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مېخارا يىغىندا بۇ مەسىلىلەرنىڭ مەركەزلىك مۇزاكىرە قىلىنىشىغا، مەلۇم نەتىجە ھاسىل قىلىشىغا ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئەڭ دىققەت قوزغايدىغان مېھمانلىرىدىن بىرى خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋدۇر. چۈنكى بۇ قېتىمقى يىغىن خىتاي - ياپونىيە مۇناسىۋىتى سېنكاكو تاقىم ئارىلىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى قوزغىغان تالاش - تارتىش سەۋەبىدىن ئىنتايىن ناچار ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان بىر مەزگىلگە توغرا كەلگەن بولۇپ، بەزى كۆزەتكۈچىلەر يوكوخامادىكى يىغىن يىرىكلىشىپ كەتكەن خىتاي - ياپونىيە مۇناسىۋىتىنىڭ كۆلەڭگۈسى ئاستىدا قالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ھالبۇكى، خۇ جىنتاۋنىڭ يوكوخاما سەپىرى ئانچە كۆڭۈللۈك بولماسلىقى مۇمكىن. چۈنكى ئۇنىڭ ياپونىيىدىكى مەزگىلى دالاي لاما، ئۆركەش دۆلەتكە ئوخشاش شەخسلەرنىڭ خېروشىماغا توپلىنىپ، نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبلىرىنىڭ يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ۋاقتىغا توغرا كېلىپلا قالماي، يەنە ياپونىيىدىكى ئوڭ قانات كۈچلەر، ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرنىڭ بىرلىشىپ، يوكوخامادا خىتايغا قارشى نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرغان مەزگىلگە توغرا كەلگەن. ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام مەخمۇت ئەپەندىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، يۇقىرىقى ئاممىۋى گۇرۇھلار شەنبە كۈنى يوكوخامادا خۇ جىنتاۋغا قارشى نامايىش ئۇيۇشتۇرغان.

ئانالىزچىلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاينىڭ يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان ھەربىي تەرەققىيات قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دېڭىزدىكى ھەربىي پائالىيەت دائىرىسىنى كېڭەيتىشى ياپونىيىدە راھەتسىزلىك ياراتقان. بولۇپمۇ، يېقىندا يۈز بەرگەن سېنكاكو تاقم ئارىلىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى تالاش - تارتىش، ياپونىيە دېڭىز قوغداش قىسىملىرىنىڭ خىتاي بېلىقچىلار كېمىسىنى تۇتۇپ قېلىشى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە پۇقرالىرىنىڭ بۇنىڭغا كۆرسەتكەن شىددەتلىك رىئاكسىيىسى ئوتتۇرىدىكى مۇناسىۋەتنى ئىلگىرىلەپ جىددىيلەشتۈرۈۋەتكەن. بۇ ۋەزىيەت ئاستىدا ئىككى دۆلەت رەھبىرى جەنۇبىي كورىيىدە چاقىرىلغان 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ باشلىقلار يىغىنىدا ئايرىم ئۇچراشمىغان ئىدى.

ياپونىيە باش مىنىستىرى نائوتو كان بىلەن خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ يوكوخامادىكى 2 كۈنلۈك يىغىن جەريانىدا ئايرىم ئۇچرىشىدىغان - ئۇچراشمايدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس. ئىلھام مەخمۇت ئەپەندىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاينىڭ ياپونىيىگە تۇتقان پوزىتسىيىسى ياپونىيە خەلقىدە، بولۇپمۇ ياپونىيىدىكى ئوڭچى كۈچلەردە خىتايغا بولغان قارشىلىقنى كۈچەيتىپ، ئۇلاردىكى گۇمانسىراش تۇيغۇسىنى ئاشۇرغان. ئىلھام ئەپەندى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرگە تۇتقان پوزىتسىيىسى ياپونىيىدىكى ئوڭچى كۈچلەردە خىتايدىن ھەزەر ئەيلەش تۇيغۇسىنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى بلدۈردى.

خۇ جىنتاۋ ئەتە نامايىشچىلارنىڭ ئۇنىڭغا قارشى ئېلىپ بارىدىغان نارازىلىق ھەرىكىتىگە دۇچ كېلىپلا قالماي، ئۇ يوكوخاماغا يېتىپ بارغان جۈمە كۈنى خېروشىمادا دالاي لاما ۋە ئۆركەش دۆلەتلەرنىڭ قاتنىشىشىدىكى نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبلىرىنىڭ دۇنياۋى ئۇچرىشىش يىغىنىغىمۇ دۇچ كەلدى. بۇ يىغىنغا دالاي لاما، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى پرېزىدېنتى گورباچېف قاتارلىق نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن 7 نەپەر شەخس قاتناشقاندىن سىرت، ب د ت ئاتوم ئېنىرگىيە ئورگانى، ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسى قاتارلىق 13 خەلقئارا تەشكىلات ۋەكىللىرىمۇ ئىشتىراك قىلغان. خېروشىمانىڭ شەھەر باشلىقى تاداتوشى ئاكىبا يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ، "بۇ يىغىننىڭ ئاتوم بومبىسىنىڭ بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچرىغان خېروشىمادا ئېچىلىشىنىڭ پەۋقۇلئاددە ئەھمىيىتى بارلىقى ۋە بۇ يىغىننىڭ دۇنيانى يادرو قوراللىرىدىن خالى بولۇشقا يىتەكلىشى ھەم بۇ يولدا قەتئىي ئىرادىسىنى نامايەن قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى."

بەزى ئانالىزچىلار خېروشىمادىكى يىغىننىڭ يوكوخامادىكى باشلىقلاريىغىنى بىلەن ئوخشاش بىر مەزگىلگە توغرا كېلىشى، يوكوخامادا خۇ جىنتاۋغا قارشى ئېلىپ بېرىلىدىغان نارازىلىق نامايىشى ۋە خېروشىمادىكى دالاي لاما ۋە ئۆركەش دۆلەتلەرنىڭ قاتنىشىشى قاتارلىق سەۋەبىدىن، خېروشىمادىكى بۇ يىغىن چوقۇم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىققىتىنى قوزغىماي قالمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئىلھام مەخمۇت ئەپەندىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇ خىل خەلقئارا مۇنبەرلەردىن پايدىلىنىپ دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە تارتىش ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى يېنىكلىتىشكە پايدىلىقتۇر.

بۇ يىللىق نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن خىتاي ئۆكتىچىلىرىدىن ليۇ شاۋبو خېروشىمادىكى يىغىنغا تەكلىپ قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى تۈرمىدىكى مەزكۇر نوبىل ساھىبىنىڭ يىغىنغا قاتنىشىشىغا رۇخسەت قىلمىغان ئىدى. بۇ يىغىنغا ليۇ شاۋبو قاتنىشالمىغان بولسىمۇ، لېكىن 1989 - يىلدىكى تيەنەنمىن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ئۆركەش دۆلەت تەكلىپ بىلەن قاتناشقان. ئۆركەشنىڭ يىغىنغا ليۇ شاۋبوغا ۋاكالىتەن قاتناشقانلىقى ۋە ياكى تيەنئەنمىن ھەرىكىتىنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە يىغىن رەئىسى گورباچېف تەرىپىدىن ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغانلىقى مەلۇم ئەمەس. ئەمما ئۇنىڭ بۇ يىغىندا نۇتۇق سۆزلەيدىغانلىقى مەلۇم.

شەنبە كۈنى باشلىنىدىغان ئاسىيا‏ - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادى ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئاساسلىق مۇزاكىرە مەزمۇنى ترانز - پاسىفىك ئەركىن سودا رايونى بەرپا قىلىپ، بۇ سودا بەلۋىغىدىكى دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا ئېكسپورت، ئىمپورت تاۋارلىرىغا مىقدار بەلگىلەپ بېرىشنى بىكار قىلىشتۇر. لېكىن ئىلھام مەخمۇت بۇ يىغىننىڭ نوقۇل ئىقتىسادى مەسىلىلەر بىلەن چەكلىنىپ قېلىۋاتقانلىقىنى تەنقىدلەپ، شەنبە كۈنى ئېلىپ بېرىلىدىغان نامايىش ئارقىلىق يىغىن ئەھلىنىڭ دىققىتىنى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىگە ئاغدۇرۇشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.