خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ قازاقىستاندا رەسمىي زىيارىتىنى باشلىدى

قازاقىستان ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ رەسمىي سەپەر بىلەن قازاقىستانغا كەلگەن.

0:00 / 0:00

ئۇ 12-ئىيۇندىن 15-ئىيۇنغىچە قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف ۋە ھۆكۈمەت باشلىقى كەرىم مەسىموفلار بىلەن ئىقتىساد ۋە بىخەتەرلىك ساھەلىرى بويىچە ئىككى مەملىكەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ ئىستىقباللىرى توغرىلىق مۇزاكىرىلەرنى ئېلىپ بېرىشنى ھەم بىر قاتار ھۆججەتلەرگە قول قويۇشنى پىلانلىغان بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن بىر قاتاردا 15-ئىيۇندا ئاستانا شەھىرىدە ئېچىلىدىغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئون يىللىق تەۋەللۇد يىغىنىغا قاتناشماقچى.

قازاقىستان پرېزىدېنتى ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاق ئوردىدىكى رەسمىي ئۇچرىشىش مۇراسىمىدىن كېيىن نازاربايېف ۋە خۇ جىنتاۋ ئىككى مەملىكەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇھىم مەسىلىلەرنى ۋە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەت باشچىلىرىنىڭ ئېچىلماقچى بولۇۋاتقان سۆھبەت يىغىنىنىڭ كۈن تەرتىپىنى مۇھاكىمە قىلغان.

قازاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سۆھبەت داۋامىدا نازاربايېف خۇ جىنتاۋنىڭ قازاقىستانغا شەخسىي تەكلىپى بىلەن كەلگەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، بۇ يىلنىڭ ھەر ئىككى دۆلەت ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، يەنى بۇ يىلى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلغىنىغا ئون يىل، قازاقىستان مۇستەقىللىقىغا يىگىرمە يىل شۇنداقلا خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە 90 يىل تولۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى. پرېزىدېنت شۇنداقلا رەئىس خۇ جىنتاۋنىڭ قازاقىستانغا يەتتىنچى قېتىملىق زىيارەتتە بولۇۋاتقانلىقىنى، ئىككى رەھبەرنىڭ 25-قېتىم ئۇچرىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن: «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قازاقىستاننىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئىقتىسادىي ھەم مەبلەغ سېلىش بويىچە شېرىكىدۇر. ئۆتكەن يىلى ئىككى تەرەپلىمىلىك سودا مىقدارى 20 مىلياردلىق چېگرادىن ئېشىپ كەتتى. خىتاي ئۆتكەن يىلى قازاقىستاندىن ئېكسپورت بويىچە بىرىنچى ئورۇنغا چىقتى. ئېنېرگىيە ساھەسىدە بىرلەشكەن لايىھىلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە: قازاقىستان-خىتاي گاز تۇرۇبىسى يولىنىڭ ئىككىنچى نۆۋەتلىك قۇرۇلۇشى، قازاقىستان-خىتاي نېفىت تۇرۇبىسى يولىنىڭ قۇۋۋىتى، نېفىتنى قايتا ئىشلەش زاۋۇتلىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، شۇنداقلا مويناق ئاتوم ئېلېكتر ئىستانسىسى قاتارلىقلار بىزنىڭ خىتابنامىمىزدە يېزىلغان بولۇپ، ئۇ قول قويۇشقا تەييارلاندى، شۇنىڭ بىلەن بىز ھەمكارلىقنىڭ يېڭى باسقۇچىغا چىقماقتىمىز.»

ئۆز نۆۋىتىدە سۆز ئالغان خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسى خۇ جىنتاۋ پرېزىدېنت نازەربايېفنىڭ دانا رەھبەرلىكىدە قازاقىستاننىڭ يىگىرمە يىل ئىچىدە ئۆزىنىڭ تەرەققىيات يولىنى بەلگىلەپ ئالغانلىقىنى، ئەلدە سىياسىي تۇراقلىقنىڭ ساقلىنىۋاتقانلىقىنى، ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي ساھەدە تۇراقلىق تەرەققىياتنىڭ بايقىلىۋاتقانلىقىنى، خەلق تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىۋاتقانلىقىنى، قازاقىستاننىڭ خەلقئارالىق مەيداندىكى ھۆرمىتىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ شۇنداقلا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ يېڭى باسقۇچقا كۆتۈرۈلگەنلىكىنى ئاتاپ كېلىپ مۇنداق دېگەن: «بىز شۇنداقلا ئىككى تەرەپلىمىلىك سودا مىقدارىنى 2015-يىلغىچە 40 مىليارد ئا ق ش دوللىرىغا كۆتۈرۈشنى مەقسەت قىلدۇق، سودا، مەبلەغ سېلىش، مالىيە، يۇقىرى تېخنولوگىيىلەر ساھەلىرىدە ۋە خام ئەشيادىن تاشقىرى بۆلۈمدە ئىككى تەرەپلىمىلىك ھەمكارلىقنى ئالغا سۈرۈش ھەققىدە قارار قوبۇل قىلدۇق. بىز خىتاي-قازاقىستان نېفىت ۋە گاز تۇرۇبىلىرى ئىشىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ۋە تۇراقلىقىنى تەمىنلەش ئۈچۈن بىرلىكتە كۈچ چىقىرىشقا قاتنىشىمىز. ئاتوم ئېنېرگىيىسى، ئېنېرگىيىنىڭ يېڭى تۈرلىرى، ئېكولوگىيىلىك تازا ئېنېرگىيە ساھەلىرىدە ھەمكارلىق كېڭەيمەكتە. بىز شۇنداقلا خىتاي ۋە قازاقىستاننىڭ بىخەتەرلىك ساھەسىدىكى ئومۇمىي مەنپەئەتلىرىمىزنى مۇھاكىمە قىلدۇق. بىز مەركىزىي ئاسىيا رايونىدىكى تىنچلىقنى ۋە تۇراقلىقنى قوغداش ئۈچۈن، شۇ جۈملىدىن شەرقىي تۈركىستاندىكى «ئۈچ خىل كۈچلەر» گە، چېگرا بويلىرىدىكى تەشكىلى جىنايەتلەرگە بىرلىكتە قارشى تۇرۇشتا ئىككى تەرەپلىمىلىك ئاساستا ھەم شۇنداقلا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى دائىرىسىدە ھەمكارلىقىمىزنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەشنى نىيەت قىلىمىز.»

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان سىياسىيشۇناس سانات قۇشقۇمبايېف ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئېلىپ بارغان مۇزاكىرىلىرى داۋامىدا ئالدى بىلەن ئىستراتېگىيىلىك مەسىلىلەرنىڭ مۇھاكىمە قىلىنغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.