بۈگۈن خىتايغا نەزەر تور گېزىتىدە، نيۇ-يورك تايمىس گېزىتىنىڭ مەخسۇس سەھىپە يازغۇچىسى توماس فرىماننىڭ خىتاي رەھبىرى خۇ جىنتاۋغا قىلغان ئىلمىي ۋە سەمىمىي نەسىھىتى ھەققىدە، بىۋاسىتە خەلق ئىچىدىن كەلگەن ئوچۇق-يورۇق ۋە ساددا باھالار ئېلان قىلىندى. توماس ئەپەندى خۇ جىنتاۋدىن خەلققە ئەركىنلىك بېرىشنى، ۋەزىيەتكە ماسلىشىشتا تەشەببۇسكار بولۇشنى، ھەرگىزمۇ مىسىر پرېزىدېنتى ھۈسنى مۇبارەكنى دورىماسلىقنى ئۆتۈنگەن ئىدى.
توماس ئەپەندى خۇ جىنتاۋغا ھازىرقى ئەرەب باھارى دېگەن يېڭى ۋەزىيەتنى چۈشەندۈرۈشكە تېرىشقان. ئۇ مۇنداق دېگەن: يېڭى بىر ئەسىر، يەنى 2000 -يىلى يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، پۈتۈن دۇنيادا بىر شەخسىنىڭ قولىدىكى كومپيۇتېر باشقا ھەممە شەخسىنىڭ كومپيۇتېرىغا ۋە سىملىق ياكى سىمسىز ھەممە ئالاقە تورىغا بىۋاسىتە ئۇلىنالايدىغان بىر يېڭى تەرەققىيات بارلىققا كەلدى. بۇ ئالاقىلىشىش مەيدانى بوستۇن بىلەن بېيجىڭنى، دېتروي بىلەن دەمەشىقنى تام قوشنا قىلىپ قويدى. ئەرەب باھارى مۇشۇنداق يېڭى ۋەزىيەتتە پارتلىغان ئىنقىلاب، ئۇ كونا ئىنقىلابلارغا ئوخشىمايدۇ.
توماس ئەپەندى خۇ جىنتاۋغا نەسىھەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: يېقىنقى يىللاردا دۇنيا ئىقتىسادى ئاجىزلاپ كەتكەندىمۇ، يېڭى ئەسىردە بارلىققا كەلگەن بۇ ئالاقە تورى ھېچ ئاجىزلىمىدى، بەلكى تېخىمۇ كېڭىيىپ، ئىچكى موڭغۇلنىڭ بوتو شەھىرى بىلەن سۈرىيىنىڭ تارا شەھىرىنىمۇ ئۆزىگە قېتىۋالدى. ھازىر پۈتۈن دۇنيادا 2 مىليارد ئادەم بىر-بىرى بىلەن بىۋاسىتە ئالاقە قىلىدىغان بۇ تور---بۇرۇن كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ ئالاقە تورى، بۇنىڭغا كونا چارە بىلەن تاقابىل تۇرۇش مۇمكىن ئەمەس.
توماس ئەپەندى خۇ جىنتاۋغا يەنە مۇنداق دېگەن: ھازىر دۇنيادا، ھەر قانداق بىر مۇستەبىتنىڭ، خەلقنىڭ بىر-بىرى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى خالىغانچە ئۈزۈپ تاشلىيالايدىغان دەۋرى ئاللىقاچان كەتسە-كەلمەسكە كەتتى. مىسىردىكى ھۈسنى مۇبارەك خەلقنىڭ بىر-بىرى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تاشلاشقا ئۈلگۈرەلمىگەن ئىدى. ھازىر سۈرىيىدە يۈز بېرىۋاتقان باستۇرۇشنىڭ پاكىتلىرىنىمۇ، ھۆكۈمەت خەلقنىڭ پۈتۈن ئالاقە تورىنى ئۈزۈپ تاشلىغان ئەھۋال ئاستىدا، باستۇرۇلۇۋاتقان خەلق ئۆزى دۇنياغا بىۋاسىتە يەتكۈزۈپ كىشىلىك غۇرۇرىنى ئىپادىلەۋاتىدۇ.
ئامېرىكا يازغۇچىسى توماس خۇ جىنتاۋغا تېخىمۇ سەمىمىي سۆزلەپ، ھازىر دۇنيادا ئاش-نان ئۈچۈن ئىنقىلاب قىلىدىغان ئادەم يوق، دۇنيادىكى ھەر قانداق ئادەم ھازىر ئۆزىنىڭ غۇرۇرى ۋە قەدىر قىممىتى ئۈچۈن ئىنقىلاب قىلىدۇ. ھەربىر ئادەمنىڭ غۇرۇرىنى قورال بىلەن باستۇرۇپ يوق قىلىش مۇمكىن ئەمەس. ئىقتىساد تەرەققىي قىلدۇرۇلسا ئىنقىلاب بولمايدۇ دەپ ئويلاش تېخىمۇ ئەخمىقانە پىكىر.
بۈگۈن خىتايغا نەزەر تور گېزىتىدە، ئامېرىكا يازغۇچىسى توماس فرىماننىڭ خۇ جىنتاۋغا قىلغان سەمىمىي نەسىھىتى ھەققىدە، خىتاي خەلقى ئىچىدىن يېزىلغان ئوچۇق-يورۇق ئىنكاسلار ئېلان قىلىندى. ئۇنىڭ بىرىدە، بۇ يازغۇچى بەكلا سەمىمىي ۋە سىپايە ئادەمكەن، خۇ جىنتاۋغا بۇنداق سەمىمىي نەسىھەت قىلىش خۇددى ئېشەككە ساز چېلىپ بەرگەنگە باراۋەر، دەپ بايان قىلىنغان. يەنە بىرىدە، كوممۇنىست باندىتلىرى خەلقنىڭ بىر-بىرى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى قامال قىلغانسېرى، خەلقنىڭ غۇرۇرى ئۆرلەپ، ئۇ، شۇنچە قاتتىق نەپرەت بىلەن پارتلايدۇ، دەپ بايان قىلىنغان.