خۇ جياغا ساخاروف كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى بېرىش مۇراسىمى ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلدى

ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى - ساخاروف مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن خىتاي تۈرمىسىدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى خۇ جيانى مۇكاپاتلاش مۇراسىمى، چارشەنبە كۈنى، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ستىراسبۇرگدىكى بىناسىدا ئۆتكۈزۈلدى.

0:00 / 0:00

لېكىن مۇكاپات تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىغا خۇ جيانىڭ قاتنىشىش ئىمكانىيىتى بولمىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا خۇ جيانىڭ ئايالى زېڭ جىڭيەننىڭ قاتنىشىشىغا رۇخسەت قىلمىدى.

ساخاروف مۇكاپاتى ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ يىلدا بىر قېتىم تارقىتىلىدىغان ئەڭ ئالىي كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى بولۇپ، مەزكۇر مۇكاپات سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىكى رۇسىيە فىزىكا ئالىمى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ساخاروفنىڭ نامىغا تەسىس قىلىنغان مۇكاپات ئىدى. مەزكۇر مۇكاپاتنىڭ بۇ يىلقى لائۇرىياتى بولسا خىتاي تۈرمىسىدىكى بىر مەھبۇس.

ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئۆكتەبىردە بۇ يىلقى ساخاروف مۇكاپاتى خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ، خىتاي تۈرمىسىگە سولانغان مۇھىت، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەيدىزلەر ھوقۇقى پائالىيەتچىسى خۇ جياغا بېرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشى خىتاي دائىرىلىرىنى غەزەپلەندۈرگەن ئىدى. بېيجىڭدىكى مەلۇم بىر تۈرمىدە يېتىۋاتقان خۇ جيا ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ چارشەنبە كۈنكى مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتنىشالمىدى. لېكىن خۇ جيانىڭ بېيجىڭدا ئائىلە نەزەربەنت ئاستىدىكى ئايالى زېڭ جىڭيەن ياۋروپا پارلامېنتىدىكى مۇراسىمغا سىنئالغۇدا تەبرىك سۆزى يوللىدى.

فرانسىيىنىڭ ستراسبۇرگ شەھىرىدىكى ياۋروپا پارلامېنت بىناسىدا ئېچىلغان مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىنىڭ شەرەپ سەھنىسىدە خۇ جياغا بىر كىشىلىك بوش ئورۇن ئاجىرىتىلغان ئىدى. مۇكاپاتلاش مۇراسىمىغا ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ رەئىسى، گېرمانىيىلىك خەنز - گېرت پوتتېرىڭ رىياسەتچىلىك قىلدى شۇنداقلا ياۋروپا پارلامېنتىدىكى پۈتۈن ئەزالار، مېھمانلار ۋە ساخاروف مۇكاپاتى تەسىس قىلىنغان 20 يىلدىن بېرى مەزكۇر مۇكاپاتنى ئالغان ئەربابلار ياكى ئۇلارغا ۋەكىللىك قىلىدىغان كىشىلەر، ساخاروفنىڭ خانىمى ئېلىنا بوننېر قاتارلىقلار مۇراسىمدا ھازىر بولدى.

ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ رەئىسى خەنز - گېرت پوتتېرىڭ مۇراسىمدىكى سۆزىدە ياۋروپا خىتاي بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى، لېكىن كىشىلىك ھوقۇقنى كۆرمەسكە سالالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، كىشىلىك ھوقۇقنىڭ دۆلەتكە تەھدىت دەپ قارالماسلىقىنى تەكىتلىدى. پوتتېرىڭ "بىز ياۋروپا پارلامېنتى خىتاي بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت تىكلەشنى ئارزۇ قىلىمىز. بۇ مۇناسىۋەتنى پەۋقۇلئاددە مۇھىم دەپ قارايمىز. خىتاي بۈيۈك دۆلەت، ياۋروپا خىتايغا ئېھتىياج،خىتاي ياۋروپاغا ئېھتىياج. لېكىن بىز كىشىلىك ھوقۇقنى خىتاي خەلقىنىڭ دوستى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇۋاتىمىز. شۇنداقلا بىز بىرلىك ۋە ھەمكارلىقىمىزنىڭ دۇنيا تىنچلىقى ھەم تەرەققىياتى ئۈچۈن قانچىلىك ئىشلارنى قىلىپ بېرەلەيدىغانلىقىنى چۈشىنىمىز. كىشىلىك ھوقۇق ھەر قانداق دۆلەتكە تەھدىت دەپ قارالماسلىقى كېرەك. لېكىن بۇنىڭغا قارىماي كىشىلىك ھوقۇق پۈتۈن دۇنيادىكى بارلىق خەلقلەرنىڭ كىشىلىك، كوللىكتىپ ۋە ئۇنىۋېرسال ھەققىدۇر " دەپ كۆرسەتتى.

مۇراسىمدا خۇ جيانىڭ ئايالى زېڭ جىڭيەننىڭ ياۋروپا پارلامېنتىغا يوللاپ بەرگەن سىنئالغۇ سۆزى قويۇلدى. زېڭ جىڭيەن سىنئالغۇدىكى سۆزىنى مۇنداق باشلايدۇ": كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر. مېنىڭ ئىسمىم زېڭ جىڭيەن، مەن خۇ جيانىڭ ئايالى. خۇ جيا ھازىر تۈرمىدە يېتىۋاتقانلىقى ئۈچۈن مۇكاپاتنى ئېلىشقا كېلەلمىدى. مېنىڭ پاسپورتۇم بولمىغانلىقتىن مۇراسىمغا كېلىپ خۇ جياغا ۋاكالىتەن مۇكاپاتنى ئالالمىغانلىقىمنى ئەپۇ قىلىشىڭلارنى سورايمەن". ئۆزىنىڭ خۇ جيانى ئاخىرقى قېتىم 21 ‏ - نويابىر كۈنى تۈرمىدە زىيارەت قىلغانلىقىنى، لېكىن تۈرمە دائىرىلىرىنىڭ ئېرى بىلەن مۇكاپات توغرىسىدا پاراڭلىشىشىنى چەكلىگەنلىكىنى تەكىتلىگەن زېڭ جىڭيەن، خۇ جيانىڭ "تارىخ مېنىڭ توغرىلىقىمنى ئىسپاتلايدىغانلىقىغا ئىشەنچىم بار " دېگەنلىكىنى بىلدۈردى.

زېڭ جىڭيەن: " خۇ جيا ماڭا ئۆزىنىڭ جۇڭگو تۈرمىسىدىكى ئەڭ ئاخىرقى سىياسىي مەھبۇس بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. لېكىن جۇڭگونىڭ رېئاللىقى بولسا ئۇنچىلىك ئۈمىدۋار ئەمەس. خۇ جيا 3 ‏ - ئاپرىلدا سوتلانغاندىن كېيىن، خۇاڭ چى، زېڭ خولىن، چېن داۋجۇنلەر ئۆز قارىشىنى ئەركىن ئىپادىلىگەنلىكى ئۈچۈن قولغا ئېلىندى. بۇ ئەھۋاللار جۇڭگودا ئەركىنلىكنىڭ يەنىلا چەكلىمىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، ئۈمىدۋار بولۇشىمىزغا بىرەر سەۋەب يوقتۇر " دەيدۇ.

ئاندرېي ساخاروف سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مەشھۇر فىزىكا ئالىمى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى بولۇپ، ئۇ 1970 ‏ - ۋە 80 ‏ - يىللاردا سوۋېت ئىتتىپاقى رىجىمىنى تەنقىدلىگەنلىك سەۋەبى سۈرگۈن قىلىنغان ۋە ئۇزۇن يىللار تۈرمە ھەم نەزەربەنت ئاستىدا ياشىغان ئىدى. ياۋروپا پارلامېنتى 1988 ‏ - يىلى ئۇنىڭ نامىغا مۇكاپات تەسىس قىلىدۇ. خۇ جيا خىتايدا ساخاروف مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئىككىنچى كىشىدۇر. چارشەنبە كۈنكى مۇراسىمغا ئاندرېي ساخاروفنىڭ خانىمى ئېلىنا بوننېر قاتناشقان بولۇپ، ئۇ ياۋروپا پارلامېنتىنى خۇ جيا، خۇ جيانىڭ ئايالى ۋە بالىسىنى قوغداش، كىشىلىك ھوقۇقنى ھەرگىز قۇربان قىلىۋەتمەسلىككە چاقىردى.

ئېلىنا بوننېر مۇنداق دەيدۇ": خىتاينىڭ بۈيۈك دۆلەت، چوڭ دۆلەت ئىكەنلىكىنى بىلىمەن. لېكىن پرىنسىپ نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا كىشىلىك ھوقۇقتىن ھەرگىز، ھەرگىزمۇ ۋاز كېچىشكە بولمايدۇ. تەبئىي گاز، نېفىت، پۇل - مۇئامىلە قاتارلىقلارنى دەپ، بولۇپمۇ ھازىرقىدەك بانكا كرىزىسى بولۇۋاتقاندا، نېمە سەۋەب بىلەن بولسا بولسۇنكى، بۇ نەرسىلەرنى كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشكە بولمايدۇ. چۈنكى كىشىلىك ھوقۇق ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ كېلەچىكىنىڭ ھۇل تېشىدۇر".

ساخاروف مۇكاپاتى تەسىس قىلىنغان 1988 ‏ - يىلدىن بېرى بۇ مۇكاپات نېلسون، ماندىللا، ئاندرېي ساخاروف، بېرما ئۆكتىچىلەر رەھبىرى ئاڭسەن سۇچى، كوفى ئاننان، تۈركىيىلىك كۇردلار رەھبىرى لەيلا زانا، بېنگاللىق ئۆكتىچى زات تەسلىمە نەسرىن، سۇدان كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى سالىخ مەھمۇت ئوسمان قاتارلىقلارغا بېرىلگەن ئىدى. مەزكۇر مۇكاپاتنى ئالغۇچىلارغا 50 مىڭ ياۋرو بېرىلىدۇ. خۇ جيانىڭ ئايالى زېڭ جىڭيەن، بۇ 50 مىڭ ياۋرو بىلەن فوندى جەمئىيەت قۇرۇپ، تۈرمىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئائىلە - تاۋابىئاتىغا ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ رەئىسى خەنز - گېرت پوتتېرىڭ مۇراسىمدىكى سۆزىدە، " خۇ جيا سۈكۈتتىكى خىتاي ۋە تىبەت ئاۋازىنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن ئىدى .... 1988 ‏ - يىلى بىزنىڭ تۇنجى مۇكاپاتىمىز تارقىتىلغاندا، تۇنجى لائۇرىياتلىرىمىزنىڭ بىرى بولغان نىلسون ماندىلا تۈرمىدە ئىدى. شۇ چاغدا ئاندرېي ساخاروفنىڭ ئورنى بوش قالغان ئىدى. مانا بۈگۈن خۇ جيانىڭ ئورنى بوش قالدى،" دەپ كۆرسەتتى.