ئۇنىڭ ئايالى دىلبەر توختى، قېيىن ئاتىسى توختى ھوشۇر ھەم ئانىسى سەمەرخان ئوبۇللار ئىلگىرى رادىئومىز زىيارىتىنى كۆپ قېتىم قوبۇل قىلىپ، بۇ ئائىلە كىشىلىرىنىڭ مەمەتتۇرسۇن تاشنىڭ خۇن داۋاسىنى قىلىش جەريانىدا تارتقان ئازابلىرىنى بايان قىلغان ئىدى. بۈگۈن مەمەتتۇرسۇن تاشنىڭ قېيىنى ئاتىسى توختى ھوشۇر ئەپەندى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ مەمەتتۇرسۇن تاشنىڭ خۇن داۋاسى ئەرزىنى يەنىلا داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
رادىئومىز 2009-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يەكەن ناھىيىسىدىن دىلبەر توختىنىڭ ئېرى مەمەتتۇرسۇن تاشنىڭ 2006-يىلى 1-ئاينىڭ 24-كۈنى يەكەن ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ گۈلباغ يېزىلىق ساقچىخانىسى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلىپ،11 كۈندىن كېيىن،ساقچىخانىنىڭ تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدا، ھېچقانداق قولغا ئېلىش بۇيرۇقى بولمىغان، تېخى جىنايىتى بېكىتىلمىگەن، جازا ھۆكۈم قىلىنمىغان ئەھۋال ئاستىدا ۋېي جىڭشەن ئىسىملىك ساقچىخانا باشلىقى ھەم ۋېن جىڭيەن ئىسىملىك ئىككى نەپەر خىتاي ساقچىسى تەرىپىدىن سوراق جەريانىدا ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ھەققىدىكى شىكايەت خېتىنى تاپشۇرۇۋالغان ئىدۇق.
بىز ئىلگىرىكى پروگراممىلىرىمىزدا بۇ ئائىلە كىشىلىرىنى كۆپ قېتىم زىيارەت قىلىپ، يەكەن ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ مەمەتتۇرسۇن تاش دېلوسىنى بىر تەرەپ قىلىشتا مەمەتتۇرسۇن تاشنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان ئىككى نەپەر خىتاي ساقچىسىغا يان بېسىپ، ئۇلارنى قانۇنى جازاغا تارتمىغانلىقى، مەمەتتۇرسۇن تاشنىڭ ئايالى دىلبەر خانىم ھەم ئانىسى سەمەرخان ئوبۇلغا 50 مىڭ يۈەندىن 60 مىڭ يۈەنگىچە تۆلەم پۇل بېرىش بىلەن بۇ دېلونىڭ ھەل بولغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقى، بۇ خىل قارارغا نارازىلىق ئەرزى سۇنغان دىلبەر توختى ھەم توختى ھوشۇر قاتارلىقلارنىڭ يەرلىك ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن كۆپ قېتىم تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بەرگەن ئىدۇق.
26-ئاپرېل كۈنى مەمەتتۇرسۇن تاشنىڭ قېيىنى ئاتىسى توختى ھوشۇر ئەپەندى، رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا، ئۆزىنىڭ كۈيئوغلى مەمەتتۇرسۇن تاشنىڭ خۇن داۋاسىنى يەنىلا داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
توختى ھوشۇر ئەپەندى سۆزىدە، ئۆزلىرىنىڭ كۆپ قېتىم ئەرز قىلغان بولسىمۇ، يەكەن ناھىيىلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ مەمەتتۇرسۇن تاشنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان ساقچىخانا باشلىقى ۋېي جىڭشەن ھەم ۋېن جىڭيەن ئىسىملىك ئىككى نەپەر خىتاي ساقچىسىنى ھېلىغىچە قانۇنىي جازاغا تارتمىغانلىقى، قىزى دىلبەر توختىغا بېرىلگەن تۆلەم ھەققىنىڭ زىيادە ئاز بولغانلىقى، دىلبەر توختىغا ئىلگىرى ۋەدە قىلىنغان بىر يۈرۈش بىنالىق ئۆي، مەمەتتۇرسۇن تاشنىڭ ئوغلىنى بېقىش ھەققى ھەم دىلبەر توختىنى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق ۋەدىلىرىنى ئورۇنلىمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ كۈيئوغلى مەمەتتۇرسۇن تاشنىڭ خۇن داۋاسى، قىزى ھەم نەۋرىسى ئېرىشىشكە تېگىشلىك بولغان قانۇنىي ھەقلەر ئۈچۈن، تۈرلۈك بېسىم ھەم قورقۇتۇشلارغا قارىماستىن ئەرز قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقئىنى بىلدۈردى.
توختى ھوشۇر ئەپەندى، يەكەن ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ قىزى دىلبەر توختى ھەم ئۆزىنى يەكەن دائىرىلىرى ئۈستىدىن قەشقەر شەھىرى ھەم ئۈرۈمچىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارغا ئەرز قىلغىنى ئۈچۈن، ھەر خىل جىنايەتلەرنى ئارتىپ، يەكەن ساقچىخانىسىغا سولاپ قويغانلىقىنى بايان قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ زور قىيىنچىلىق ھەم بېسىملار ئىچىدە ئەرزنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
توختى ھوشۇر ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، سوراق جەريانىدا ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن كۈيئوغلىنىڭ خۇن داۋاسى ئۈچۈن بېرىلگەن تۆلەم ھەققى بىلەن، 2009-يىلى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە ئۆلگەن خىتاي پۇقرالىرىغا بېرىلگەن 420 مىڭ يۈەن تۆلەم ھەققى ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى سېلىشتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ بۇ ئەرزنى داۋاملاشتۇرۇشىدىكى يەنە بىر سەۋەب، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىدىن ھەقىقىي ھالدىكى قانۇنى ئادىللىق، مىللىي باراۋەرلىك تەلەپ قىلىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.