ئوغلىنىڭ خۇن دەۋاسى ئۈچۈن مۇراجىئەتنامە تارقاتقان ئاتا شىخەنزە جامائىتى تەرىپىدىن قوغدالدى

2001-يىلى ئوغلى خىتايلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن غازى ئاكا، قانۇن ئورگانلىرى دېلونى ئادىل بىر تەرەپ قىلمىغىنى ئۈچۈن 11 يىلدىن بۇيان ئەرزىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

0:00 / 0:00

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان غازى ئاكا ئۆزىنىڭ يېقىندا 2001-يىلى خىتاي گېزىتىدە بېسىلغان ئوغلىنىڭ ئۆلۈم سەۋەبى ھەققىدىكى خەۋەرنى كۆپەيتىپ بېسىپ، شىخەنزە جامائىتىگە تارقاتقىنىدا، ئەتراپتىكى ئۇيغۇر ھەم خىتاي جامائىتىنىڭ ئۇنى ساقچىلارنىڭ تۇتقۇن قىلىشىدىن قوغداپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇندىن 11 يىل ئاۋۋال خىتاي تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ئوغلىنىڭ خۇن دەۋاسىنى ئەرز قىلىپ، ساقچىلارنىڭ قاتمۇ-قات توسالغۇلىرىدىن ئۆتۈپ، 27-ماي كۈنى بېيجىڭغا يەنە يېتىپ كەلگەن غازى ئاكا، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ 18-ماي كۈنى شىخەنزىدە يۈز بەرگەن ۋەرەقە تارقىتىش ۋەقەسى ھەققىدە توختالدى.

غازى ئاكا شۇ چاغدىكى ۋەقەنى بايان قىلىپ، 18-ماي كۈنى جۈمە نامىزىدىن كېيىن، شىخەنزە جامائىتىگە ئوغلىنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى بېسىلغان گېزىتنى 200 نۇسخا كۆپەيتىپ تارقاتقان چاغدا، ساقچىلارنىڭ پاراكەندە قىلىشىغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر ھەم خىتاي جامائىتىنىڭ، ئۇنى تۇتۇش ئۈچۈن كەلگەن ساقچىلارنى ئەيىبلىگەچكە، ساقچىلارنىڭ مەقسىتىگە يېتەلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

غازى ئاكىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ئىلگىرىمۇ بىرنەچچە قېتىم بېيجىڭ كوچىلىرىدا ھەم ئۆز يۇرتى شىخەنزىدە ئوغلىنىڭ ئۆلۈم سەۋەبى يېزىلغان گېزىتنى ھەم ئۆزىنىڭ ئەرزىنى كۆپەيتىپ تارقاتقان. ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتى گەرچە كۆپ قېتىم ساقچىلارنىڭ توسقۇنلۇقى ھەم تەھدىتىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ھەر قېتىم ئەتراپىدىكى جامائەتنىڭ قوللىشى ھەم قوغدىشىغا ئېرىشكەن.

يۈز بېرىۋاتقان ھەقسىزلىقلار ئۈستىدىن شىكايەت قىلغۇچىلارنىڭ ئەگەر ئۆز ئىرادىسى چىڭلا بولىدىكەن ھەر ۋاقىت ھەر جايدا ۋىجدانلىق كىشىلەرنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن غازى ئاكا، تاكى قانۇن ئورگانلىرى ئوغلىنىڭ خۇن دەۋاسىنى ئادىل بىر تەرەپ قىلغانغا قەدەر ئەرزىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىگىلىشىمىزچە نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقان ھەقسىزلىقلار ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ، ئەرزىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلار، دائىرىلەر تەرىپىدىن ھەر ۋاقىت ھەر خىل پوپوزا، تەھدىت ھەم قورقۇتۇشلارغا ئۇچرىغان، ھەتتا بەزىلىرى كۆپ قېتىم قانۇنسىز ھالدا سولاپ قويۇلۇش، قىيىن قىستاقلارغا ئېلىنىش،تاياق يېيىشتەك پاجىئەلىك قىسمەتلەرگىمۇ ئۇچرىغان. ئەمما زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر ئەرزدارلىرى بۇ يولدا بەدەل تۆلەشنىڭ ھامان بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئۆزلىرىنىڭ ئادالەت تەلەپ قىلىش ئىرادىسىدىن ھېچقاچان يانمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.