خىتاي، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەدەنىي يادىكارلىقلىرىنى قانداق قوغدايدۇ؟
2007.05.11
خىتاي دائىرىلىرى يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىدىكى قىزىل مىڭ ئۆي، تۇرپاندىكى ئىدىقۇت ۋە يارغول قەدىمى شەھەر خارابىلىرى،مىران ھەمدە كروران قەدىمى شەھەرلىرى قاتارلىق يەتتە ئاساسلىق مەدەنىي يادىكارلىق ئورۇنلىرى ھەمدە يەنە يىگىرمە ئورۇندىكى قەدىمىي قەبرە ھەمدە ئاسارە - ئەتىقە تېپىلغان جايلارنى قوغدىلىدىغان مۇھىم تارىخىي يادىكارلىقلار قاتارىغا كىرگۈزدى. تارىخىي ئاسارە - ئەتىقىلەرنى قوغداش قانۇنىنى چىقاردى.
بىراق مۇتەخەسسىسلەر خىتاي دائىرىلىرىنىڭ پەقەتلا ساناقلىق جايلارنى مەخسۇس قوغداش كاتىگورىيىسىگە كىرگۈزۈپ، تارىخىي ئورۇنلارنى مۇھىم ۋە مۇھىم ئەمەس دەپ ئايرىشنىڭ ئۆزى خاتا ئىكەنلىكىنى شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر تەرەپتىن ئاللا بۇرۇن ساياھەتچىلىككە ئېچىش، مۇۋاپىق قوغدىماسلىق سەۋەبلىرىدىن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان بۇ ئورۇنلارنى قوغداش تەدبىرلىرىنى ئالىمىز، رېمونت قىلىمىز دەپ يەنە بىر تەرەپتىن، بۇ ئورۇنلارنى ھە دەپ ساياھەتچىلەرگە قالايمىقان ئېچىش ھەرىكىتىنىڭ زىددىيەتلىك بولۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.
ئىنسانىيەت مەدىنىيىتىنىڭ ئاچقۇچى قەدىمى ماكان
ئۇيغۇر ئېلى ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە تەۋە ئەڭ قەدىمىي يادىكارلىقلارغا ئىگە، شۇنداقلا ئىلمىي ئارخېئولوگىيىلىك تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە ئاسارە- ئەتىقە، قەدىمىي شەھەر خارابىلىرى ھەم قەدىمىي قەبرىستانلىق ئورۇنلىرى ئىنتايىن كۆپ بولغان ماكان. شۇڭىمۇ ئارخېئولوگلار ھەمدە تارىخشۇناسلار " ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ ئاچقۇچى تارىمدا"،" تەكلىماكانغا ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ قەدىمىي ئىزلىرى كۆمۈلگەن" دېيىشىدۇ'.
ئۇيغۇر بىرىنچى ئەۋلاد ئارخېئولوگلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قىممەتلىك مەدەنىي بايلىقلارنىڭ قانۇنىي مىراسخورلىرى بولغان ئۇيغۇرلاردا ئاسارە- ئەتىقىلەرنى، تارىخىي يادىكارلىقلارنى قوغداش ھەم تەتقىق قىلىش تارىخىي، سىياسىي چەكلىمىلەر سەۋەبلىك بىر قەدەر كېچىكىپ شەكىللەنگەن دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ.
ئۇيغۇر ئېلىدە تا ئالدىنقى ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە ئارخېئولوگىيە بىر بوشلۇق بولۇپ كەلگەن شۇنداقلا ئۇيغۇر ئېلىدە تۇنجى ئاسارە -ئەتىقىلەر مۇزېيى -1953 - يىلى بارلىققا كەلدى، شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىدە مەدەنىي يادىكارلىق ئورۇنلىرىنى تىزىملاش، تەكشۈرۈش ھەم مۇۋاپىق تەتقىق قىلىش رەسمىي باشلانغان.
ئەنە شۇندىن ئېتىبارەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەدەنىي يادىكارلىقلارنى قوغداش ئىشلىرى بارا- بارا شەكىللەنگەن. ئەمما غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئالىملىرى، ئارخېئولوگلىرى 19- ئەسىرلەردىلا ئۇيغۇر ئېلىدە ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ۋە تارىخىي تەتقىقات ئېلىپ بېرىشقا باشلىغان.
قوغداش تەدبىرى يەنىلا مۇۋاپىق ئەمەس
ئۇيغۇر ئېلى مەدەنىي يادىكارلىقلارنى تەتقىق قىلىش ئورنىدىن ئىگىلىنىشىچە، ھازىرغىچە ئۇيغۇر ئېلىدە بايقالغان ئاسارە - ئەتىقە ئورنى 4000 دىن ئاشىدىكەن بۇنىڭ ئىچىدە 58 ئورۇن دۆلەت بۇيىچە ئالاھىدە قوغدىلىدىغان ئورۇن، يەنە 263 سى ئاپتونوم رايون بۇيىچە قوغدىلىدىغان ئورۇن ھەمدە يەنە 2000 ئورۇن ناھىيە دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان جايلار كاتىگورىيىسىگە كىرگۈزۈلگەن ئىكەن.
گەرچە بەزى مەدەنىي يادىكارلىق ئورۇنلىرىغا مەخسۇس قوغداش ئىشخانىلىرى قۇرۇلۇپ قوغداش خادىملىرى قويۇلغان بولسىمۇ، ئۇلار زامانىۋى قاتناش قوراللىرى، يۇقىرى ئوغرىلىق تېخنىكىسى ۋە ئەسۋابلىرىغا ئىگە ئاسارە - ئەتىقە بۇلاڭچىلىرىغا زەربە بېرىشتە ئاجىزلىق قىلىدىكەن.
ئىلگىرى مىران قەدىمىي مەقبەرىلىرىنى قوغداش ئورنىدىن ئىگە بولۇشىمىزچە، ئاسارە - ئەتىقە ئورۇنلىرىنى قوغداش خادىملىرىنىڭ سانى چەكلىك بولۇپلا قالماي، شارائىتى، قاتناش قوراللىرىمۇ ئىنتايىن قالاق بولۇپ قەبرە ئوغرىلىرى بىلەن كۈچ ئېلىشالمىغاچقا،قەبرە ئوغرىلاش ھەم ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىش ئەھۋاللىرى بارغانچە ئېغىرلاشماقتا ئىكەن.
ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرى ئاسارە - ئەتىقە، مەدەنىي يادىكارلىق ئورۇنلىرىنى قوغداش ھەققىدە مەخسۇس قانۇن بەلگىلەپ،بۇ يىل 1- مايدىن ئېتىبارەن رەسمىي يولغا قويۇشقا باشلىدى.قانۇندا تېخى ئېچىلمىغان مەدەنىي يادىكارلىق ئورۇنلىرىغا كىرگەنلەرگە ئېغىر بولغاندا 100 يۇەن جەرىمانە قويۇش، رۇخسەتسىز ئېكسكۇرسىيە، ساياھەت قىلغۇچىلارنى تەشكىللىگەنلەرگە 20 مىڭ يۇەندىن 40 مىڭ يۇەنگىچە جەرىمانە قويۇش دېگەندەك بەلگىلىمىلەرنى چىقىرىپ، يەنە بۇ قانۇن بۇيىچە خىتاينىڭ مەملىكەتلىك ھەمدە ئاپتونوم رايونلۇق ۋە ناھىيە دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان جايلار كاتىگورىيىسىگە كىرگۈزۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما قوغداش كاتىگورىيىسىگە كىرگۈزۈلمىگەن يەنە نۇرغۇن مەدەنىي يادىكارلىق ئورۇنلىرىنىڭ مۇۋاپىق قوغدالمايۋاتقانلىقى شۇنداقلا مۇھىم ئارخېئولوگىيىلىك تەتقىقات ئورۇنلىرى بولغان مەدەنىي يادىكارلىق ئىزنالىرىنىڭ ساياھەتچىلىككە قالايمىقان ئېچىلىپ داۋاملىق بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىغا ئىشىك ئېچىپ بېرىلگەنلىكى مۇتەخەسسىسلەرنى تەشۋىشلەندۈرمەكتە ئىكەن.
بۇ ھەقتە تەتقىقاتچى قاھار بارات ئەپەندىمۇ پىكىرلىرىنى ئىزھارلىدى. (گۈلچېھرە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- تۇرپاندىكى قەدىمىي شەھەرلەر ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىماقتا
- تۇۋا جۇمھۇرىيىتى قەدىمكى ئۇيغۇر شەھىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى
- قازاقىستانلىق گېئولوگنىڭ ئۇيغۇر ئېلى زىيارىتىدىن كېيىنكى تەسىراتى(3)
- قازاقىستانلىق گېئولوگنىڭ ئۇيغۇر ئېلى زىيارىتىدىن كېيىنكى تەسىراتى(2)
- قازاقىستانلىق گېئولوگنىڭ ئۇيغۇر ئېلى زىيارىتىدىن كېيىنكى تەسىراتى(1)
- ئالماتىدا ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت كۆرگەزمە ئېچىلدى
- ياپونىيە بۇتخانىلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ قىممەتلىك ئاسارە – ئەتىقىلىرى ساقلانماقتا
- ئىراقتا مەدىنىي مىراسلارنى بۇلاڭ -تالاڭ قىلىش قىلمىشلىرى داۋاملاشماقتا