ياۋروپا پارلامېنتىدا «خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى يادرو سىنىقى ۋە ئۇنىڭ بۈگۈنكى تەسىرى» ناملىق يىغىن ئۆتكۈزۈلىدۇ
2012.02.22
بىراق يېقىندا بىر قىسىم تەشكىلاتلار بىرلىشىپ، ياۋروپا پارلامېنتىدا مەزكۇر مەسىلە تېما قىلىنغان بىر مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىشقا تەييارلىق قىلماقتا. 29-فېۋرال ئېچىلىدىغان مەزكۇر يىغىن ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ بەزى ئەزالىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. يىغىننى ئۇيۇشتۇرغۇچىلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ ئارقىلىق ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يادرو سىناقلىرىنىڭ تەسىرىدىن ھازىرمۇ قۇتۇلالمايۋاتقانلىقىنى تەكىتلەش ۋە خىتاينى ئۇلارغا تۆلەم بېرىشكە قىستاشتۇر.
«50 يىلدىن كېيىنكى 596-نومۇرلۇق سىناق: خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى يادرو سىنىقى ۋە ئۇنىڭ تەسىرى» ناملىق مۇھاكىمە يىغىنى 29-فېۋرال ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ بېريۇسېلدىكى بىناسىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ لازلو تۆكېس، كرىستىنا ئوجۇلاند، ۋىتاۋتاس لاندسبېرگىس قاتارلىق ئەزالىرىنىڭ قوللىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان مەزكۇر يىغىننى ۋاكالەتسىز مىللەتلەر-خەلقلەر تەشكىلاتى، د ئۇ ق ۋە بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى قاتارلىق تەشكىلاتلار ئورۇنلاشتۇرغان.
لوپنۇر يادرو سىناق بازىسى دۇنيادىكى ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىدا تەسىس قىلىنغان ئەڭ چوڭ يادرو سىناق مەيدانلىرىنىڭ بىرىدۇر. خىتاي 1964-يىلى تۇنجى يادرو سىنىقى ئېلىپ بارغاندىن باشلاپ، 1996-يىلى يادرو سىنىقىنى توختاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان 32 يىل ئىچىدە ئۇنىڭ، 46 قېتىم سىناق ئېلىپ بارغانلىقى مەلۇم. بىراق يادرو سىنىقىنىڭ سالامەتلىك، مۇھىت قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئېغىر تەسىرى يەرلىك خەلق ئاممىسىغا ھازىرغا قەدەر ئۆزىنى كۆرسىتىپ كەلدى. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە بالىلارنىڭ بىنورمال تۇغۇلۇش نىسبىتىنىڭ يۇقىرى، تۈرلۈك راك كېسەللىكلىرىنىڭ خىتايدىكى ئەڭ ئېغىر رايون بولۇپ قېلىشى يادرو سىناقلىرىنىڭ تەسىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.
بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىل ئاقىۋەتكە مەسئۇل ئىكەنلىكىنى ئىزچىل رەت قىلىپ، بۇ مەسىلىنى ئاشكارا تالا-تارتىش قىلىش ۋە تەكشۈرۈشنى چەكلەپ كەلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، خىتاي 1996-يىلى يادرو سىنىقىدىن توختاتقانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن بۇيان، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈشى ئاجىزلىشىپ كەتكەن ئىدى.
ۋاكالەتسىز مىللەتلەر-خەلقلەر تەشكىلاتىنىڭ پروگرامما مۇدىرى ئاندرېئو سۋان ئەپەندى 29-فېۋرالدىكى يىغىن ھەققىدە توختىلىپ، بۇ يىغىن ئارقىلىق خىتاينى يادرو سىنىقى كەلتۈرۈپ چىقارغان مەسىلىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بىز خىتاي دائىرىلىرىگە سىگنال بېرىپ، ئۇلارغا بۇنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشكە ۋە ھەل قىلىشقا تېگىشلىك زور مەسىلە، دەپ قارايدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرۈشنى خالايمىز. شۇنداقلا يەنە خىتاينى باشقا يادرو دۆلەتلىرىنىڭ يادرو سىنىقىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا قانداق تۆلەم تۆلىگەنلىكى ھەققىدىكى ئۆرنەكلەر بىلەن تەمىنلەشنى كۆزلەيمىز. بىزنىڭ مەقسىتىمىز يەنە ئىجابىي پوزىتسىيىدە تۇرۇپ، خىتاينىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچۇرغۇچىلارغا تۆلەم تۆلەش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشىغا تەكلىپ پىكىرلەرنى بېرىش. بۇ ئارقىلىق يەنە ياۋروپالىقلارنىڭ تىنچ ئوكيان، نېۋادا قاتارلىق جايلاردا ئېلىپ بېرىلغان يادرو سىناقلىرىنى چۈشىنىۋېلىشىغا ياردەم قىلىش. بىز خىتاينىڭ بۇ يىغىنغا قاتنىشىپ، ئىلمىي خادىملار ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ پىكرىنى ئاڭلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. شۇڭا بىز بۇ يىغىننىڭ ئىجادى رول ئويناپ، مەن ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەرگە دىققەت قوزغىشىنى، دىئالوگ ئېلىپ بېرىلىپ، كونكرېت بىر نەتىجىگە ئېرىشىشكە مەلۇم ھەسسە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»
29-فېۋرالدىكى يىغىندا، فىزىكا ساھەسىدىكى بەزى نوپۇزلۇق كىشىلەر، يادرو سىناقلىرىنىڭ مۇھىت ۋە جىسمانىي تەسىرى ھەققىدە مەخسۇس تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان بەزى تېببىي مۇتەخەسسىسلەر سۆز قىلىدۇ. يادرو فىزىكا ئالىمى دومىنىك لالان، «000358 نومۇرلۇق گۇۋاھنامە: قازاقىستان، ئۇكرائىنچە، بېلورۇسىيە، ئۇرال ۋە سىبىرىيىدىكى يادرو ۋەيرانچىلىقى» ناملىق ئەسەرنىڭ ئاپتورلىرى روبېرت نوس بىلەن ئانتوينېت دې جۇڭ ۋە ئۈرۈمچى تۆمۈر يول دوختۇرخانىسىنىڭ سابىق دوختۇرى، لوپنۇردىكى يادرو سىناقلىرىنىڭ تەسىرى ھەققىدە مەخسۇس تېببىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ئەنگلىيىدە تۇرۇشلۇق پائالىيەتچى ئەنۋەر توختى قاتارلىق كىشىلەر دوكلات بېرىدۇ.
بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇلمۇتەللىپ ئىمېروف ئەسكەرتىپ، لوپنۇر يادرو سىنىقىنىڭ تالاپىتىگە ئۇچۇرغۇچىلار بىلەن كارى بولماسلىقنىڭ ئۆزى بىر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى، دەپ كۆرسەتتى.
خىتاي ھۆكۈمىتى لوپنۇر يادرو سىناقلىرىنىڭ ئەتراپىدىكى ئاھالىلەرگە قانچىلىك تەسىر كۆرسەتكەنلىكى، رادىئاكتىپ ئېلېمېنتلارنىڭ تەسىرىدە ئۆلگەن ئادەم سانى، كېسەللىك كۆلىمى، بىنورمال تۇغۇلغان بالىلارنىڭ سانى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئىزچىل مەخپىي تۇتۇپ كەلدى.
ياپونىيىلىك تەتقىقاتچى جۇم تاكادا، لوپنۇردىكى 32 يىللىق يادرو سىناقلىرىدا بىر مىليون 500 مىڭ كىشىنىڭ رادىئاتسىيەلەنگەنلىكى ئىلگىرى سۈرگەن. ۋاكالەتسىز مىللەتلەر-خەلقلەر تەشكىلاتى خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ مەلۇماتلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ئەڭ ئاز دېگەندە 194 مىڭ ئادەمنىڭ يادرو سىنىقى ۋە داۋالىنالماي قېلىش سەۋەبلىك ئۆلگەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
ۋاكالەتسىز مىللەتلەر-خەلقلەر تەشكىلاتىدىكى ئاندېرئىئو سۋان، مەسىلىنىڭ قانچىلىك ئېغىرلىقىغا كېسىپ بىر نېمە دېمەكنىڭ قىيىنلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇ قېتىمقى يىغىندا بۇنىڭغا جاۋاب ئىزدەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئاندرېىئو سۋان «بۇ مەسىلە ھەققىدە ئېنىق سانلىق مەلۇمات بېرىش ئىنتايىن قىيىن. لوپنۇر ھازىرمۇ چەكلەنگەن بىر رايون. بۇ رايوندىكى خەلقنىڭ كۆپ قىسمى چارۋىچى بۇ ئىشلار بۇنىڭدىن خېلى بۇرۇن يەنى 50-، 60-يىللاردا يۈز بەرگەن. بۇ ھەقتىكى ماتېرىياللار ناھايىتى چەكلىك. مۇتلەق كۆپ قىسىم 2-قول ماتېرىياللار. بىزگە لوپنۇر ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلاردا ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈش ماتېرىياللىرىدىن، بۇ رايونلاردا راك كېسەللىكى ۋە رادىئاتسىيەلىنىشقا مۇناسىۋەتلىك كېسەللىكلەرنىڭ نىسبىتى ناھايىتى يۇقىرىلىقى مەلۇم. بىراق مەسىلىنىڭ كۆلىمى يەنىلا بىزگە نامەلۇم. چۈنكى مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشكە ھېچقاچان يولغا قويۇلغان ئەمەس. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىمۇ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، يادرو سىنىقىنىڭ تەسىرىنى ئېلان قىلىپ باقمىغان. بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ مەقسەتلىرىدىن بىرى، ھېقىقى ئەھۋالنىڭ زادى قانچىلىك ئېغىرلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشتۇر» دەپ كۆرسەتتى.
خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بېرى بۇرۇن لوپنۇردىكى يادرو سىناق مەيدانىدا ئىشلەپ پېنسىيىگە چىققان بىر قىسىم ھەربىيلەرگە تۆلەم پۇلى بېرىشكە باشلىغان بولسىمۇ، بىراق ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەرلىك ئاھالىگە تۆلەپ پۇلى بېرىش مەسىلىسىنى ئويلىشىپ باقمىغان. بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇلمۇتەللىپ ئىمىروف،خىتاي دائىرىلىرىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچۇرغۇچى ئۇيغۇرلارنى ھەقسىز داۋالىشى ۋە ئۇلارغا تۆلەم پۇلى بېرىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
ۋاكالەتسىز مىللەتلەر-خەلقلەر تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ 1997-يىلى ئېلىپ بارغان بىر قېتىملىق مەخپىي تەكشۈرۈشتىن، ئۇيغۇر ئېلىدە راك كېسەللىكى خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدىن 30 % كۆپ بولۇپ چىققان. دوختۇرخانىلاردىكى راك كېسەل بىمارلىرىنىڭ 90 % نى قان ۋە لىمفا راكى بىمارلىرىنىڭ ئىگىلىگەن بولۇپ، بۇ رادىئاتسىيەلىنىشنىڭ بىر خىل ئالامىتىنى كۆرسىتىدىكەن. ۋاكالەتسىز مىللەتلەر ۋە خەلقلەر تەشكىلاتىدىكى ئاندېرىئو سۋان، خىتاي دانىلىرىنى يادرو سىنىقىنىڭ تەسىرىنى تەكشۈرۈشكە چاقىرىپ، «بىز ئۇلارنىڭ مەلۇم دەرىجىدە كەڭ دائىرىلىك كۈرەش ئېلىپ بېرىپ، يادرو سىناقلىرىنىڭ زادى قانچىلىك تەسىر يەتكۈزگەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بىز دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى يادرو سىناقلىرىدىن ۋە چېرنوبىلغا ئوخشاش يادرو ۋەقەلىرىدىن، يادرو ھادىسە يۈز بەرگەن يەردە راك كېسەللىكىگە ئوخشاش رادىئاتسىيەلىنىشقا مۇناسىۋەتلىك كېسەللىكلەرنىڭ كۆپىيىدىغانلىقىنى بىلىمىز. شۇڭا بىز خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى ياكى باشقىلارنىڭ شۇنداقلا مۇستەقىل تەرەپلەرنىڭ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ئەھۋالنى ئىگىلىشىگە يول قويۇشىنى تەلەپ قىلىمىز» دەپ كۆرسەتتى.