مۇتەخەسسىسلەر ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاتوم رادىئاتسىيىسى قالدۇق تەسىرىنىڭ ياپونىيىدىكى يادرو قازاسىدىن ئېغىرلىقىنى تەكىتلىدى

خەلقئارادىكى ئاتوم مۇتەخەسسىسلىرى ئىلگىرى خىتاي ۋە رۇسىيىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ لوپنۇر رايونى ھەم قازاقىستان شەمەي رايونىدا ئېلىپ بارغان ئاتوم سىناقلىرىنىڭ بۇ رايونلارنىڭ مۇھىتىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2011.04.12
Xitay-atom-sinaqliri-Sherqi-Turkistan-Enver-Toxti-305 ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺋﺎﺗﻮﻡ ﺳﯩﻨﯩﻘﻰ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﺪﻩ ﻫﯧﻴﯩﭙﻨﺎﻕ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺳﯜﺭﯨﺘﻰ.
www.youtube.com ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

ياپونىيىدە يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندىن بۇيان، ياپونىيىدىكى يادرو مۇتەخەسسىسلىرى ھەم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ياپونىيىدىكى يادرو مۇتەخەسسىسلىرى بىرلىكتە ياپونىيىدە يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىن يۈز بەرگەن يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسى قازاسى ھەققىدىكى تەكشۈرۈشىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

ياپونىيىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ياپونىيىدە يەر تەۋرەش ھادىسىسى يۈز بەرگەندىن كېيىنمۇ يەنىلا ياپونىيىدە قېلىشنى قارار قىلغان دوكتور ھاجى قۇتلۇق قادىر ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، گەرچە ياپونىيە ھۆكۈمەت دائىرىلىرى كىشىلەرنى يادرو رادىئاتسىيىسىنىڭ تەسىرىدىن ئاگاھلاندۇرغان بولسىمۇ، لېكىن يېمەكلىك ھەم مۇھىتنىڭ يادرو رادىئاتسىيىسىدىن بۇلغىنىش دەرىجىسىنىڭ ئېغىر ئەمەسلىكى ئىسپاتلانغاندىن كېيىن، ياپونىيىلىكلەرنىڭ يەنىلا ئادەتتىكىدەك نورمال تۇرمۇش تەرتىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

خەلقئارا مەتبۇئاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ياپونىيىدىكى يەر تەۋرەشتىن كېيىن يۈز بەرگەن يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسى قازاسى، خەلقئارانىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغىغان بولۇپ، بولۇپمۇ ياپونىيىنىڭ قوشنا دۆلەتلىرى بولغان كورىيە، خىتاي، رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئاتوم رادىئاتسىيىسىنىڭ تەسىرىدىن قاتتىق ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتى ياپونىيىدە يۈز بەرگەن ئاتوم رادىئاتسىيىسى تەسىرى دەرىجىسىگە مەركەزلەشكەن مۇشۇ كۈنلەردە، خەلقئارادىكى يادرو مۇتەخەسسىسلىرى تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقاتىدا ياپونىيىدىكى يادرو رادىئاتسىيە تەسىرى بىلەن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىكى ئۇكرائىنىنىڭ چېرنوبىل شەھىرىدە يۈز بەرگەن يادرو قازاسى شۇنداقلا رۇسىيە ھەم خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ لوپنۇر رايونى ھەم قازاقىستاننىڭ ئارال، شەمەي رايونلىرىدا كۆپ قېتىم ئېلىپ بارغان ئاتوم بومبىسى سىناقلىرىنىڭ قالدۇق تەسىرلىرىنى سېلىشتۇرغان دوكلاتلىرىنى ئېلان قىلىشقا باشلىدى.

ب د ت مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئۆتكەن ھەپتە بىلدۈرۈشىچە، ياپونىيىدە يۈز بەرگەن ئاتوم رادىئاتسىيىسى تەسىرى 1986-يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە، ئۇكرائىنىنىڭ چېرنوبىل شەھىرىدە يۈز بەرگەن ئاتوم رادىئاتسىيىسى دەرىجىسىگە يېقىنلاشقان. ئەمما ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى ياخشى بولۇۋاتقىنى ئۈچۈن، بۇ قېتىملىق ئاتوم رادىئاتسىيىسىدىن بۇلغىنىش دەرىجىسى ئەينى يىللىرىدىكىدىن كۆپ تۆۋەن ئىكەنلىكى مۆلچەرلەنمەكتە ئىكەن.

9-ئاپرېل شەنبە كۈنى تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە ئېچىلغان تۈرك دۇنياسى مۇھىت مەسىلىسى يىغىنىدىمۇ، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قازاقىستاننىڭ ئارال، شەمەي رايونلىرىدا 1949-يىلدىن 1989-يىلغىچە ئېلىپ بارغان 456 قېتىملىق ئاتوم بومبىسى سىنىقى ھەم خىتاينىڭ 1964-يىلدىن 1995-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ لوپنۇر رايونىدا ئېلىپ بارغان 45 قېتىملىق ئاتوم سىنىقىنىڭ بۇ رايونلار مۇھىتى ھەم رايوندىكى ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق تۈركىي خەلقلەرنىڭ سالامەتلىكىگە ئېلىپ كەلگەن ئېغىر زىيانلىرى ھەققىدىكى تەكشۈرۈش دوكلاتلىرى ئېلان قىلىندى. ئەمما كۆپلىگەن ماتېرىياللاردا، خىتاي ھۆكۈمىتى 1964-يىلى 10-ئايدىن، 1996-يىلى 7-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا جەمئىي 46 قېتىم ئاتوم سىنىقى ئېلىپ بارغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

خىتاي ھۆكۈمىتى لوپنۇر رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان ئاتوم بومبىسى سىناقلىرى ھەققىدىكى تەپسىلىي ماتېرىياللارنى ئۈزلۈكسىز ھالدا خەلقئارادىن يوشۇرۇپ كېلىۋاتماقتا. شۇڭا ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ لوپنۇردىكى يادرو سىناقلىرى سەۋەبلىك ئۇزۇن يىللار رادىئاكتىپ چاڭ-توزانلارغا ئىچىدە ياشاشقا مەجبۇر بولغان بولسىمۇ، لېكىن يۇقىرىقى ساھە ھەربىي مەخپىيەتلىك دەپ قارىلىپ، خەلققە ئاشكارىلانمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇيغۇرلارنىڭ رايوندىكى ئاتوم رادىئاتسىيىسىنىڭ قالدۇق تەسىرلىرى ھەققىدىكى چۈشەنچىسىمۇ چەكلىك بولۇپ كەلمەكتە.

لېكىن يېقىندا يۈز بەرگەن ياپونىيىنىڭ فۇكۇشىما يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسىدىكى يادرو قازاسى بۇ ساھەدە خىزمەت قىلىدىغان چەتئەلدىكى بەزى ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ دىققەت ‏- نەزىرىنى يەنە بىر قېتىم لوپنۇردىكى يادرو سىناقلىرىنىڭ قالدۇق تەسىرىگە مەركەزلەشتۈردى.

ئامېرىكىنىڭ مارىلاند شتاتىنىڭ ھاۋادىكى رادىئوئاكتىپ ھادىسىلەرنى كۆزىتىش ئورنىنىڭ مۇتەخەسسىسى ئابدۇراخمان ئابلىمىت، ياپونىيىدىن تارقالغان رادىئوئاكتىپ زەررىچىلەرنىڭ ئامېرىكىغا يېتىپ كەلگەنلىكىنى تۇنجى بولۇپ بايقىغان ئۇيغۇر مۇتەخەسسىس.

ئۇ رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاتوم رادىئاتسىيىسى قالدۇق تەسىرىنىڭ ئېغىرلىقىنى بىلدۈرۈپ، نەچچە 10 يىللار يادرو چاڭ-توزانلىرىنىڭ ئىچىدە ياشىغان ئۇيغۇرلارنىڭ رادىئوئاكتىپ ھادىسىلەرگە بولغان چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ۋە لوپنۇردىكى يادرو سىناقلىرىنىڭ قالدۇق تەسىرى ئۈستىدىكى تەتقىقاتنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى رايوندا ئېلىپ بارغان، ئاتوم سىناقلىرىدىن كېيىن، رايوندا ھەر خىل يامان خاراكتېرلىك ئۆسمە كېسەللىرى كۆپەيگەندىن باشقا، رايوننىڭ ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇقىمۇ ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلغان.

ھازىر ئەنگلىيىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتوم سىنىقىنىڭ زىيىنىغا ئۇچراش ئەھۋالى ھەم ئۇيغۇرلاردىكى تۈرلۈك راك كېسەللىرىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە مەخسۇس تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان مۇتەخەسسىس دوختۇر ئەنۋەر توختى ئەپەندىمۇ، رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا، رايوندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاق قان كېسىلى ھەم ھەر خىل ئۆسمە كېسەللىرىگە كۆپ گىرىپتار بولۇشىنىڭ سەۋەبى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا كۆپ قېتىم ئېلىپ بارغان ئاتوم سىناقلىرىنىڭ تەسىرىدىن ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتى ياپونىيىدىكى يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسى ھادىسىسىگە مەركەزلەشكەن مۇشۇ كۈنلەردە، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ نەزىرى 1986-يىلى ئۇكرائىنادا يۈز بەرگەن يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسى پارتلاش ھادىسىسى شۇنداقلا ئۇيغۇر ئېلى، ھەم قازاقىستاندا ئىلگىرى ئېلىپ بېرىلغان ئاتوم سىناقلىرىنىڭ قالدۇق تەسىرىگە يەنە بىر قېتىم مەركەزلەشتى. نۆۋەتتە مۇتەخەسسىسلەر ئۇيغۇر ئېلىدە ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنىڭ كۈندىن-كۈنگە يامانلىشىشى، داۋالاش ئىمكانىيىتى بولماي ئۆلۈپ كېتىۋاتقان يامان خاراكتېرلىك ئۆسمە كېسەللىرى بىمارلىرى، ئەمەلىيەتتە رايوندىكى ئاتوم رادىئاتسىيىسى نىسبىتىنىڭ باشقا جايلاردىن نەچچە ھەسسە يۇقىرىلىقىدىن بولغانلىقىنى ۋە رايوندىكى ئاتوم رادىئاتسىيىسى تەسىرىنىڭ يەنە ئۇزۇن مۇددەت داۋاملىشىشى مۇمكىن ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.