يالغانچىلىق ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋىتى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯚﻣﻪﺭﺟﺎﻥ ﺗﻮﺧﺘﻰ
2010.01.25
2010.01.25
بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى يالغانچىلىقنىڭ جۈملىسىدىن سانالسىمۇ، يالغانچىلىقنىڭ گۇناھى بۇلاردىن چوڭ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىستە مۇنداق دېگەن: "ھەمىشە راستچىل بولۇڭلار! چۈنكى راستچىللىق ياخشىلىققا باشلايدۇ، ياخشىلىق جەننەتكە باشلايدۇ. كىمكى ھەمىشە راست گەپ قىلىۋەرسە، راستچىل بولۇشنى مەقسەت قىلىۋەرسە، ئاخىرى ئۇ كىشى ئاللاھنىڭ ئالدىدا راستچىل بەندە بولۇپ يېزىلىدۇ؛ سىلەر ھەرقانداق بىر يالغانچىلىقتىن ساقلىنىڭلار! چۈنكى يالغانچىلىق كىشىنى ئاسىيلىققا ئېلىپ بارىدۇ، ئاسىيلىق دوزاخقا ئېلىپ بارىدۇ. كىمكى ھەمىشە يالغانچىلىق قىلسا ۋە يالغانچىلىقنى مەقسەت قىلىۋەرسە، ئاخىرى ئۇ ئاللاھنىڭ ئالدىدا يالغانچى بولۇپ يېزىلىدۇ."
راست سۆزلەش ۋە پۈتۈن ئىشلاردا ھەمىشە راستچىل بولۇش گۈزەل ئەخلاق ۋە ھەر ئىشتا نەتىجە قازىنىشنىڭ يولىدۇر. ئەرەبلەردە، "راست سۆزلىگەن ئادەم چوقۇم غەلىبە قىلىدۇ" دەيدىغان ھېكمەت بار. ئەكسىچە، يالغان سۆزلەش ئاللاھنىڭ ۋە خەلقنىڭ ئالدىدا كەچۈرۈلمەيدىغان جىنايەت بولغىنىدەك، ئۆزىنىڭ ھۆرمەت ئېتىبارىنى يوقىتىشقا سەۋەب بولىدىغان يامان خۇلقتۇر. ئۇيغۇرلاردىكى " يالغانچىنىڭ قۇيرۇقى بىر تۇتام" دەيدىغان ھېكمەتمۇ بۇ سەۋەبتىن ئېيتىلغان بولۇشى ئېھتىمال.
سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدىكى ئىسلام ئۇنىۋېرستېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، سەئۇدى ئەرەبىستان رادىئوسىنىڭ ئۇيغۇر بۆلۈمىدە خىزمەت قىلىۋاتقان مۇھەممەد نىياز ھاجىم بىلەن بۇھەقتە سۆھبەت ئۆتكۈزگەن ئىدۇق.
مۇھەممەد نىياز ھاجىم بىلەن سۆھبەت
مۇھەممەد نىياز ھاجىم يالغانچىلىقنىڭ زىيىنى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: "يالغانچىلىق پۈتۈن رەزىللىكلەرنىڭ مەنبىئىدۇر. يالغانچىلىق تۈپەيلىدىن ئىتتىپاقلىق بۇزۇلۇپ، جەمئىيەت تەرتىپى قالايمىقانلىشىپ، ئىنسانلار ئارىسىدا ھەل قىلىش قىيىن بولغان زىددىيەتلەر، ھادىسىلەر، زىيانلار، ئاداۋەتلەر ۋە دەپ تۈگەتكۈسىز كۆڭۈلسىزلىكلەر كېلىپ چىقىدۇ. يالغانچى ئادەم خەلقنىڭ نەزىرىدىن چۈشىدۇ. ئۇنىڭ سۆزىگە ھېچكىم ئىشەنمەس بولىدۇ. يالغانچىلىق سەۋەبىدىن ئىشلار ئوڭۇشلۇق بولمايدۇ. شۇڭا قۇرئان كەرىمدە: ﴿ئاللاھ ئىسراپخورنى، يالغانچى ئادەمنى توغرا يولغا باشلىمايدۇ﴾ دەپ كۆرسىتىلگەن. ئاللاھ تىلنى سۆز قىلىشقا ياراتقان، بىراق قىزىل تىلنىڭ ئۇستىخىنى يوق. نېمە دېسە سۆزلەۋېرىدۇ. ئىنسان تىلىنى كونترول قىلمىغاندا ئۆزىگە زىيانلىق ئىشلارغا سەۋەب بولىدۇ. ھەقىقىي مۇسۇلمان ئادەم ھەرگىز يالغان سۆزلىمەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بىر كۈنى " مۇسۇلمان ئادەمنىڭ ئوغرىلىق قىلىشى مۇمكىنمۇ؟" دەپ سورالغىنىدا، "ھەئە، مۇمكىن" دەپ جاۋاب بەرگەن. " مۇسۇلمان ئادەمنىڭ زىنا قىلىشى مۇمكىنمۇ؟" دەپ سورالغىنىدا، "ھەئە، مۇمكىن" دەپ جاۋاب بەرگەن. ئۇ يەنە " مۇسۇلمان ئادەمنىڭ يالغان ئېيتىشى مۇمكىنمۇ؟" دەپ سورالغىنىدا، "ياق، مۇمكىن ئەمەس" دەپ جاۋاب بەرگەن. يالغان سۆزلەش قەتئىي توغرا ئەمەس، پەقەت قىسمەن ئەھۋالدا يالغان گەپ قىلىشقا بولىدۇ. بۇ خىل يالغان سۆزلەش پەقەت زىددىيەتنى ھەل قىلىش، ئەر - خوتۇنلارنىڭ ئارىسىنى ئەپلەشتۈرۈپ قويۇش، ئاداۋەتلىك كىشىلەرنى ياراشتۇرۇپ قويۇش ئۈچۈن رول ئوينايدىغان يالغان سۆز بولۇشى شەرت. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىستە: "كىشىلەرنى ئەپلەشتۈرۈپ قويۇشقا تىرىشقان ئادەم يالغانچى ئەمەس" دەپ كۆرسەتكەن."يالغانچىلىقنىڭ ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان تۈرى
مۇھەممەد نىياز ھاجىم يالغانچىلىقنىڭ زامانىمىزدا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان تۈرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: "سۆزىدە تۇرماسلىق ، ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلىش دۇنيادا ھەممە ئادەم ئۆچ كۆرىدىغان يالغانچىلىق بولۇپ، بۇ ئىللەت كىمدە بولسا شۇ ئادەم ياخشىلىق كۈتۈشكە يارىمايدىغان، ئىشەنگىلى بولمايدىغان، يارامسىز ئادەم ھېسابلىنىدۇ. بۇنداق ئادەم ئۆزىگە ۋە باشقىلارغا نۇرغۇن زىيانلارنى كەلتۈرىدۇ. ۋەدىگە ۋاپا قىلماسلىق، لەۋز قىلغان ئىشقا ئىگە بولماسلىق ئىماننىڭ ئاجىزلىقىدىن دېرەك بېرىدىغان مۇناپىقلىق خاراكتېرىگە ئىگە يالغانچىلىقتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇناپىقلىقنىڭ ئالامەتلىرىنى بايان قىلىپ: "مۇناپىقلىقنىڭ بەلگىسى ئۈچ بولۇپ، ئۇلار: يالغان سۆزلەش، ۋەدىگە خىلاپلىق قىلىش، ئامانەتكە خىيانەت قىلىش" دەپ كۆرسەتكەن. مانا بۇ ئۈچ ئىش ئىشەنچنى يوقىتىشنىڭ ئامىلىدۇر. ئىنسان كېلىشىم تۈزسە كېلىشىمىگە رىئايە قىلىشى، بېرەر ئىشقا ۋەدە قىلغان بولسا ئۇنىڭغا ۋاپا قىلىشى لازىم. ۋەدىگە ۋاپا قىلىش ئىنسانىي گۈزەل ئەخلاق بولسا، ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلىش بەكمۇ قاتتىق رەزىللىكتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن قۇرئان كەرىمدە ساختىلىقتىن ئاگاھلاندۇرۇپ، ۋاپادارلىققا ئۈندەيدىغان ئايەتلەرنىڭ كۆپ بولغانلىقى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. قۇرئان كەرىمنىڭ ئىسرا سۈرىسىدە: ﴿ئەھدىگە ۋاپا قىلىڭلار (قىيامەت كۈنىدە) ئەھدە ئۈستىدە ئەلۋەتتە سوئال - سوراق قىلىنىسىلەر﴾ دەپ كەلگەن. ئىنساننىڭ ئارزۇ - ئۈمىدلىرى ھەر خىل، قىلىدىغان ئىشلىرى كۆپ بولغانلىقى سەۋەبلىك بەزى ئىشلار ئىنساننىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن سەگەك مېڭىنىڭ بولۇشى ۋەدىگە ۋاپا قىلىش ئۈچۈن تولىمۇ زۆرۈردۇر. چۈنكى ۋەدىسىنى ئۇنتۇپ قالغان ئادەم ۋەدىسىگە قانداقمۇ ئەمەل قىلالىسۇن! ئىنسان بەرگەن ۋەدىسىنى ئېسىگە ئالغاندىن كېيىن ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىشى، ئىرادىسىگە كېلىشى، قانچىلىك بەدەل تۆلەشكە توغرا كەلسىمۇ ، بۇ ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا كۈچ سەرپ قىلىشى كېرەك."كىشىلەر ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىش يولىدا ئوخشاشمىغان تەقدىر - قىسمەتلەرنى بېشىدىن كەچۈرۈشى مۇمكىن. چۈنكى تۆلىنىدىغان بەدەل ئېغىر بولۇشى مۇمكىن. ئۆزىدە سەگەك مېڭە بىلەن ئۇلۇغۋار قەلبنى مۇجەسسەملەشتۈرگەن ئادەم چوقۇم ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىدۇ.