«خىتايغا نەزەر» تور گېزىتى بۈگۈنكى باش ماقالىسىدە 2012-يىلى باشلىنىپ بەش كۈن ئۆتكەندە، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتكوم بىر ھۆججەت چىقىرىپ، ئايالىنى، بالىلىرىنى چەتئەللەرگە يولغا سېلىپ قويۇپ، ئۆزى خىتايدا تەنھا قېلىپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئەمەلدارلارنى باش ۋەزىپىگە قويماسلىق كېرەك دەپ بەلگىلىمە چىقارغانلىقىنى ۋە بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى بايان قىلدى. ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، بالىلىرىنى چەتئەللەرگە يولغا سېلىپ قويۇپ ئۆزى تەنھا قېلىپ، مەنسەپكە تايىنىپ بايلىق توپلاۋاتقانلىقى ئاللىقاچان ئاشكارىلىنىپ قالغان بۇنداق ئەمەلدارلار، خىتاي جەمئىيىتىدە «يالىڭاچ ئەمەلدار» دەپ ئاتىلاتتى. ھازىر بۇ يېڭى سۆزلۈكنى خىتاي ھۆكۈمىتى رەسمىي ھۆججەتلىرىدىمۇ قوللىنىشقا مەجبۇر بولغان. بۇ ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتايدا يۈز بەرگەن بۇ ئۆزگىرىش خەلقنىڭ كوممۇنىست پارتىيىگە بولغان قارشىلىق -نەپرىتىنىڭ نەتىجىسى.
بۇ ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، دېڭ شاۋپىڭ دەۋرىدە تۈزۈلگەن سىياسەت بويىچە بېيىتىلىشقا ۋە مەنسەپكە تەيىنلىنىشكە باشلىغان سابىق كوممۇنىست ئەمەلدارلىرىنىڭ ئەۋلادلىرى، جەمئىيەتتە «مىراسخور پارتىيە» دەپ ئاتىلىشقا باشلىغان ئىدى. ئۇلار ئەمەلدارنى خەلق سايلىماي، بەلكى كونا ئەمەلدار بەلگىلەپ چىقىدىغان مۇستەبىت تۈزۈمنىڭ ھىمايىسىدە تېز بېيىپ، ئەمەل-مەنسەپلىرىمۇ تېز ئۆسۈپ، خەلقنىڭ پۈتۈن تەبىئىي بايلىقلىرىنى تەقسىملىۋېلىشقا كىرىشكەن ئىدى. دېڭ شاۋپىڭ دەۋرىدە مەنپەئەتكە ئېرىشكەن بۇ «مىراسخور پارتىيە»لەر ھازىر دۆلەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى ھوقۇقلىرىنى تالىشىدىغان بولدى.
«بوشۈن تور گېزىتى»، «يېڭى ئەسر ژۇرنىلى» قاتارلىق ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى 1-ئاي ئىچىدە، كوممۇنىست خىتاينىڭ ئىچكى قىسمىدىكى مەنپەئەت تەقسىماتىدا يۈز بېرىۋاتقان توقۇنۇشلارنى ئىنكاس قىلىدىغان ماقالىلەرنى ئۈزۈلدۈرمەي ئېلان قىلىپ تۇرغان ئىدى. ئۇ ماقالىلەردە، خىتايدا 1995-يىلىدىن 2005-يىلىغىچە بىر مىليون 180مىڭ «يالىڭاچ ئەمەلدار» ئېنىقلاپ چىقىلغان. بۇنداق «يالىڭاچ ئەمەلدار» دىن ھەر بىر ئۆلكىدە 40 مىڭى، ھەر بىر ناھىيىدە 50 ئى بارلىقى، بۇنداق «يالىڭاچ ئەمەلدار»لار دىن 4 مىڭى چەتئەللەرگە 4 يۈز مىليارد يۈەن پۇلنى ئېلىپ قېچىپ كەتكەنلىكىگە دائىر پاكىتلار بايان قىلىنغان ئىدى. ئەسكەرتىلىشىچە، ئاپتور بۇ سانلىق مەلۇماتلارنى خىتاي مەركىزى پارتىيە مەكتىپىنىڭ پروفېسسورى لىن جىنىڭ 2010-يىلىدىكى ئىككى چوڭ يىغىننىڭ گۇرۇپپا يىغىنىدا قىلغان سۆزىدىن نەقىل ئالغان.
بۈگۈن خىتايدىكى «كۇتۇپخانا» دېگەن بىر تور پونكىتى «بىر يالىڭاچ ئەمەلدار ئۆلگەن بىلەن يەنە مىليون يالىڭاچ ئەمەلدار تېخىچە ئۆزىنى قىزىل بايراققا ئوراپ تۇرىدۇ» سەرلەۋھىلىك بىر ماقالە ئېلان قىلدى. بۇ ماقالىدە، خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ جاڭجا شەھەرلىك سودا ئىدارىسىنىڭ باشلىقى لى شېڭشى دېگەن «يالىڭاچ ئەمەلدار» نىڭ يېقىندا بىر تۇل خوتۇننىڭ ئۆيىدە ئۆلۈپ قالغانلىقى ۋە ئۇنىڭ جىنايى قىلمىشلىرى پاش قىلىنغان.
«خىتايغا نەزەر» تور گېزىتى بۈگۈن ئېلان قىلغان «يالىڭاچ ئەمەلدار بىلەن مىراسخور پارتىيە بىرلىكتە پارتلاپ چىقتى» سەرلەۋھىلىك يەنە بىر ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقنىڭ قارشىلىق ۋە نەپرىتى ئالدىدا، خىيانەتچىلىككە قارشى تۇرۇش شوئارىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، «خىيانەتچىلىككە، قارا گۇرۇھلارغا زەربە بېرىش» دېگەن ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىشقا مەجبۇر بولغان ئىدى. ھەتتا بۇ يىل 1-ئايدا رەسمىي ھۆججەت چىقىرىپ، تۇغقانلىرىنى چەتئەلگە كەتتۈرۈۋەتكەن خىيانەتچى ئەمەلدارلارنى باش ۋەزىپىگە تەيىنلىمەسلىك كېرەك دەپ جاكارلىغان ئىدى. «يالىڭاچ ئەمەلدار»لارنىڭ مەسىلىسى تېخى ھەل قىلىنماي تۇرغاندا، 2-ئايدا «مىراسخور پارتىيە» لەر ۋەقە پەيدا قىلدى. «مىراسخور پارتىيە» شى جىنپىڭ دۆلەت رەئىسى بولۇش تەييارلىقىنى تېزلىتىش ئۈچۈن، ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىشقا باشلىغاندا، يەنە بىر «مىراسخور پارتىيە» خىتايدىكى ئەڭ چوڭ شەھەر بولغان چۇڭچىڭ شەھىرىنىڭ باشلىقى بۆ شىلەي مەركەزگە ئەمەل دەۋاسى قىلىپ ماجىرا چىقاردى. بۇ ماجىرادا ئامېرىكا كونسۇلخانىسىغا كېرىۋېلىشقا مەجبۇر بولغان يەنە بىر ئۆلكە دەرىجىلىك ئەمەلدارنى تۇتۇش ئۈچۈن، ھەتتا ھەربىي قىسىملارنى ئىشقا سېلىپ، ئامېرىكىنىڭ كونسۇلخانىسىنى مۇھاسىرىگە ئېلىشتىن يانمىدى.
سەھنىدىن چۈشمەيۋاتقان «يالىڭاچ ئەمەلدار» بىلەن تېخىمۇ يۇقىرى ئەمەل، ھوقۇق تەلەپ قىلىۋاتقان «مىراسخور پارتىيە»لەر ھازىر مۇسابىقىگە چۈشتى. بۇ، كوممۇنىست خىتاينىڭ ئىچكى قىسمىدىكى مەنپەئەت توقۇنۇشىنىڭ ئىنكاسى. بۇ جەرياندا، خۇ جىنتاۋ دەۋرىدە ئىجاد قىلىنغان «يالىڭاچ ئەمەلدار» دېگەن يېڭى سۆزلۈك بىلەن دېڭ شاۋپىڭ دەۋرىدە ئىجاد قىلىنغان «مىراسخور پارتىيە» دېگەن سۆزلۈك ھازىر تەڭ قوللىنىشقا باشلىدى.