ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى ئۇيغۇر دىيارىدا ئاتومدىن زىيان كۆرگەنلەر ھەققىدىكى مەلۇماتلارنىڭمۇ بۇ مۇزېيغا قويۇلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان. بۇ ئۇچرىشىشقا ناگاساكى پارلامېنت ئەزالىرىمۇ قاتناشقان.
8 - ئاينىڭ 1 - كۈنى ياپونىيە قۇرۇلتىيى "ناگاساكى شەھرىدە بىز بىلمەيدىغان خىتاينىڭ ئاتوم تەھدىدى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى" تېمىسىدا يىغىن چاقىرغان بولۇپ، يىغىندا ياپونىيە ئۇيغۇر جەمىيىتى مەسئۇلى ئىلھام مەخمۇت سۆز قىلغان. ئۇ سۆزىدە ئۇيغۇر دىيارىدا ئاتومنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغان كىشىلەرنىڭ ئىنتايىن كۆپ ئىكەنلىكىنى، ياپونلارنىڭ بۇ كىشىلەرنى ئېنىقلاپ چىقىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان. ئۇ 8 - ئاينىڭ 2 - كۈنى ياپونىيىنىڭ كومامىتۇ شەھرىدە "ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ مەيدانغا چىقىش سەۋەپلىرى" تېمىسىدا سۆز قىلغان.
بۇ يىغىننى ياپونىيىنىڭ ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىدىن بىرى بولغان ياپونىيە قۇرۇلتىيى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، بۇ يىغىنغا120 ئەتراپىدا كىشى قاتناشقان. ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى بۇ يىغىندا 5 - فېۋرال ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى ھەققىدە توختىلىپ، بۇ ۋەقەنىڭ خىتاينىڭ ئۇزۇن يىللىق بېسىم سىياسىتى نەتىجىسىدە ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى شۇڭا بۇنىڭ جاۋابكارى خىتايلار دېگەندەك "ئۈچ خىل كۈچ" لەر ئەمەس، بەلكى خىتايلارنىڭ ئۆزى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.
ئىلھام مەخمۇت بەرگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا بۇ پائالىيەت 8 - ئاينىڭ 6 - كۈنىگىچە داۋام قىلىدىكەن. بۇ 3 يىغىندا يەنە نېمەلەر بايان قىلىندى؟
بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن نەق ئەنقەرەدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم مەيدانغا تېلېفون قىلىپ بۇ يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ سۆھبەت خاتىرىسىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.