رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ توكيودىن بايان قىلىشىچە، ھىندىستان باش مىنىستىرى مانموخان سىنخا تۈنۈگۈن توكيودا، ياپونىيە باش ۋەزىرى نائوتوكان بىلەن ھىندىستان بىلەن ياپونىيە ئىقتىسادىي شېرىكلىك ئورنىتىش ئۈچۈن سۆھبەت باشلىغان ئىدى. ياپونىيە بىلەن ھىندىستاندىن ئىبارەت ئاسىيادىكى ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى چوڭ ئىقتىسادىي دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتنىڭ بۈگۈنكى سۆھبىتىدە، تېخىمۇ يېقىن ئىقتىسادىي شېرىكلىك ئورنىتىش پىلانى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
بۇنداق بىر ئىقتىسادىي شېرىكلىكنىڭ نىشانى، بۇ ئىككى دۆلەت ئۆزلىرىنىڭ ئاساسلىق رەقىبى بولغان خىتايدىن كېلىدىغان خەۋپتىن ساقلىنىش ۋە خىتايغا بېقىندى بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، بىرلىشىپ بىر قوزغاتقۇچ كۈچ يارىتىشتىن ئىبارەت بولدى.
خەلق ئىچىدە قوللىنىلىدىغان يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى جەھەتتە شېرىكلىك ئورنىتىش مەسىلىسىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلدى
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، نوپۇس سانى كۆپ ھەم يۇقىرى تېخنىكىغا ئىگە بولغان ياپونىيە بىلەن ھىندىستاندىن ئىبارەت بۇنداق ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي سۆھبەتتە، بۈگۈن ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەزمۇنلارنىڭ ئىچىدە، خەلق ئىچىدە قوللىنىلىدىغان يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى جەھەتتە شېرىكلىك ئورنىتىش مەسىلىسىمۇ بار. بۈگۈنكى سۆھبەتتە يەنە، ياپونىيىنىڭ چوڭ ئاپتوموبىل شىركەتلىرىدىن ھىندىستاندا ئاللىقاچان زاۋۇت قۇرۇپ بولغان سۇزۇكى شىركىتى، ھىندىستانغا سېلىنىدىغان مەبلەغنى كۆپەيتىش ۋە باجنى كۆتۈرۈۋېتىش ھەققىدىمۇ تەكلىپ ئوتتۇرىغا قويدى.
'ھىندىستان سىرەك توپا مەدەنلىرىنى ئېچىشنى ياپونىيە شىركەتلىرىگە ئېچىۋېتىدۇ'
ياپونىيە NHK خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، نائوتوكان بىلەن مانموخان توكيودا ئۆتكۈزۈۋاتقان سۆھبەتنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالىدىن قارىغاندا، مۇشۇ ئۈچ كۈنلۈك سۆھبەت جەريانىدا 'ياپونىيە بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي شېرىكلىك كېلىشىمى' ئىمزالىنىشتىن ئۈمىد بار. سىرەك توپا ئىشلەپچىقىرىشى دۇنيا بۇيىچە بەشىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ھىندىستاننىڭ باش مىنىستىرى مانموخان بۈگۈن 'ھىندىستان سىرەك توپا مەدەنلىرىنى ئېچىشنى ياپونىيە شىركەتلىرىگە ئېچىۋېتىدۇ' دەپ جاكارلىدى. ياپونىيىنىڭ تويوتا شىركىتىنىڭ ئاپتوموبىل سەپلىمىلىرى ئىشلەيدىغان شۆبىلىرى ھىندىستاننىڭ شەرق تەرىپىدە، سىرەك توپا پىششىقلايدىغان زاۋۇت قۇرۇش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى.'
ياپونىيە بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدا يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى جەھەتتە شېرىكلىك ئورنىتىش ھىندىستانغا باغلىق
ياپونىيىنىڭ ھىندىستاندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى خادىملىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ھىندىستان 1998 - يىلىدىكى يادرو سىنىقىدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ، ئۆزىنى يادرو دۆلىتى دەپ جاكارلىغان، ئەمما 'يادرو قوراللىرىنىڭ تارقىلىپ كېتىشىنى چەكلەش كېلىشىمى'گە تېخى ئىمزا قويمىغان بىر يادرو دۆلىتى. يۇقىرى سەۋىيىلىك يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى تېخنىكىسىغا ئىگە بولغان ياپونىيە ھازىر ھىندىستان بىلەن 'يادرو سىناقلىرىنى ئومۇميۈزلۈك چەكلەش كېلىشىمى' دىن چەتنىمىگەن ھالدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ.
پەقەت ھىندىستان دۇنيادىكى 'يادرو سىناقلىرىنى ئومۇميۈزلۈك چەكلەش كېلىشىمى' نىڭ خەلقئارالىق نازارەت سىستېمىسىغا قاتناشقاندا، ئاندىن ياپونىيە بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدا، خەلق ئىچىدە قوللىنىلىدىغان يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى سۆھبىتى نەتىجىگە ئېرىشىدۇ. بۇ قېتىم ياپونىيە بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدا، يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى جەھەتتە شېرىكلىشىش كېلىشىمىنىڭ ئىمزالىنىش ياكى ئىمزالىنالماسلىقى، تامامەن ھىندىستاننىڭ پوزىتسىيىسىگە باغلىق.
ھىندىستان ھازىر دۇنيا بۇيىچە چەتئەللەردىن ئەڭ كۆپ مەبلەغ قوبۇل قىلىۋاتقان دۆلەتكە ئايلاندى
ئەنگلىيىدە چىقىدىغان 'پۇل مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى' نىڭ بايان قىلىشىچە، ھىندىستان يېقىنقى بىر نەچچە ئاي ئىچىدە، دۇنيا بۇيىچە چەتئەللەردىن ئەڭ كۆپ مەبلەغ قوبۇل قىلىۋاتقان دۆلەتكە ئايلاندى. ياپونىيىنىڭ ھازىر ھىندىستانغا سېلىۋاتقان مەبلەغ سانى خىتاي مەبلەغلىرىدىن ئېشىپ كەتتى. ياپونىيە - ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا سودىسىلا 20 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشتى.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ھىندىستان باش مىنىستىرى مانموخان بىلەن ياپونىيە باش ۋەزىرى نائوتوكاننىڭ ھازىر توكيودا ئۆتكۈزۈۋاتقان سۆھبىتى، خىتاينىڭ ياپونىيە بىلەن ئارال غەۋغاسى ئەڭ سەزگۈر مەسىلىگە ئايلانغان، خىتايدىكى ياپونغا قارشى نامايىشلار گەنسۇغىچە كېڭەيگەن، خىتاي ئۆزىنىڭ تەسىرىنى بىرما، سېرلانكا قاتارلىق ھىندىستانغا قوشنا دۆلەتلەردە ھەدەپ كېڭەيتىۋاتقان، خىتاي بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىمۇ ئارۇناچال، كەشمىر مەسىلىلىرى، يەنى زېمىن ماجىراسى بارغانسېرى جىددىيلىشىۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ، ئەمەلىيەتتە، ياپونىيە بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى بىخەتەرلىك جەھەتتە ھەمكارلىق تىكلەيدىغان سۆھبەتكە ئايلاندى.
بۇ قېتىم ياپونىيە بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتتە خىتايدىن مۇداپىئە كۆرۈشنى باش نىشان قىلغان ھىندىستان باش مىنىستىرى مانموخان ئەتە، ياپونىيە زىيارىتىنى ئاياغلاشتۇرۇپ، مالايشىيا، ۋېيتنام قاتارلىق ئاسىيا دۆلەتلىرىگە قىلىدىغان زىيارىتىنى باشلايدۇ.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.