خىتاينىڭ ئۈرۈمچىدىكى 'شىنجاڭ خەۋەر تورى'دا 29 - ئىيول كۈنى ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەردە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ رەئىسى رابىيە خانىمنى 'ئۇيغۇر مەسىلىسىنى خەلقئارالاشتۇرماقچى بولغان ئىدى، بۇنىڭغا ياپونىيىدە ھېچكىم كۆڭۈل بۆلمىدى' دەپ تەسۋىرلىگەن ئىدى. نائوكا خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلارنىڭ بۇ گىپى يالغان.
نائوكا خانىمنىڭ بايان قىلىشىچە، رابىيە خانىم ياپونىيىدە 46 مىنۇت نۇتۇق سۆزلىدى، ئۇنىڭ د ۋ د سىنى پۈتۈن دۆلەت بۇيىچە قويدى. سىدىق ھاجى ئەپەندى نۇتۇق سۆزلىگەندىمۇ 600 دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى. ئادەتتە ياپونىيىگە دۇنيادىكى ئەڭ مەشھۇر كىنو چولپىنى كەلسىمۇ، بۇ قېتىم رابىيە خانىمنىڭ نۇتقىنى ئاڭلىغىلى كەلگەندەك 250 مۇخبىر كەلمەيتتى. بۇ قېتىم رابىيە خانىمنىڭ ياپونىيىگە قىلغان زىيارىتىنىڭ تەسىرى ئىنتايىن چوڭ بولدى، ياپونىيىدە ئۇنىڭ نۇتقىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان ئادەم ئىنتايىن كۆپ بولدى. خىتاي ھۆكۈمىىتىنىڭ دېگەنلىرى يالغان.
خىتاينىڭ ئۈرۈمچىدىكى 'شىنجاڭ خەۋەر تورى'دا 30 - ئىيول كۈنى ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەردە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان 'شىنجاڭ مۇستەقىلچىلىرى' بىلەن 'تىبەت مۇستەقىلچىلىرى' نىڭ تەيۋەندە ئىشى ئاقماي، ياپونىيدىكى ئوڭچىلار بىلەن بىرلىشىپ جۇڭگوغا قارشى تۇرىدىغان يېڭى يۈزلىنىش پەيدا بولدى، دېيىلگەن ئىدى. ياپونىيىلىك مۇتەخەسسىس نائوكا خانىمنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ گېپىمۇ توغرا ئەمەس. ئەمەلىيەتتە ياپونىيىدە، خىتايدىكى بىرلىككە كەلتۈرۈش بىلەن مۇستەقىللىق ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلىلەرگە كۆڭۈل بۆلىدىغان كىشىلەر ئوڭچىلار ئەمەس، مەسىلەن، مەن ئۆزەم ئوڭچى ئەمەس، رادىكال سولچىمۇ ئەمەس، مۆتىدىل تەتقىقاتچى، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان تەتقىقاتچى. مەن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىمەن، مىنىڭ كەسپى دائىرەم خىتاينىڭ يېقىنقى زامان تارىخىنى تەتقىق قىىلىش. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، ياپونىيىدىكى ئوڭچىلار چەتئەللەردە سىياسىي پاناھلانغۇچىلار بىلەن بىرلەشتى، دېگەن گەپلىرى پاكىتقا ئۇيغۇن ئەمەس.
خىتاينىڭ ئۈرۈمچىدىكى 'شىنجاڭ خەۋەر تورى'دا 30 - ئىيول كۈنى ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەردە 'جوڭگو ھۆكۈمىتى ياپونىيىگە غەزەپ بىلەن نارازىلىق بىلدۈرگەندىن كېيىن، ياپونىيە رابىيە قادىرنىڭ نۇتقىنى ئەمەلدىن قالدۇردى' دېگەن ئىدى.
ياپونىيىلىك مۇتەخەسسىس نائوكا خانىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ گپىنىمۇ رەت قىلدى. نائوكا خانىمنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ گەپمۇ توغرا ئەمەس. رابىيە خانىم ياپونىيىدە نۇتۇق سۆزلەپ بولغاندىن كېيىن، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئېچىلىدىغان ئىسپات بېرىش يىغىنىغا قاتنىشىشى لازىم ئىدى، ئۇ ئۆزىنىڭ ۋاقىت جەدىۋىلى بۇيىچە قايتتى. بۇنىڭدا ھېچقاچان 'جۇڭگونىڭ بېسىمى بىلەن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ئىش' يوق. ئۇنداق بولۇشىمۇ مۇمكىن ئەمەس. شۇ كۈنلەردە، خىتاينىڭ ياپونىيىدىكى ئەلچىخانىسىنىڭ ئادەملىرى ياپونىيە ھۆكۈمىتىگە كېلىپ، رابىيە خانىمنىڭ نۇتقى توغرىسىدىكى ۋېدىئولارنى كۆرگەندىن كېيىنكى تەنقىدىي پىكرىنى بەرگەن. ياپون خەلقى ئۇلارنىڭ دېگەن گەپلىرىنىمۇ ۋىدىئولار ئارقىلىق ئاڭلىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ياپونىيە گېزىتلىرىدە، تېلېۋىزىيە خەۋەرلىرىدە بۇ ھەقتە بەلكى خىتاينى تەنقىدلەيدىغان، بولۇپمۇ خىتاينىڭ دۆلەت ئىچىدە خەلقنىڭ تېلېفون ئالاقىسىنى ئوغرىلىقچە ئاڭلايدىغان قىلمىشلىرىغا لەنەت ياغدۇرىدىغان ماقالىلەر تېخىمۇ كۆپەيدى.