خىتاي بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدا، 9 - ئايدا قوزغالغان سېنكاكۇ ئاراللىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى جەھەتتىكى ماجىرا ھازىرغا قەدەر بېسىقمىدى. تۈنۈگۈن رۇسىيە پرېزىدېنتى مېدۋېدىف ياپونىيە ئۆزىنىڭ زېمىن ھوقۇقىنى جاكارلاپ كېلىۋاتقان كۇرىل ئاراللىرىنى زىيارەت قىلغانلىقى سەۋەبىدىن، ياپونىيە بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا يەنە ئارال ماجىراسى قوزغالدى. ھازىر ياپونىيە، خىتاي، رۇسىيىلەرنىڭ دۆلەت مۇناسىۋىتى جەھەتتىكى دىپلوماتىيە پائالىيەتلىرى، ئارال ماجىرالىرىغا مەركەزلىشىپ قالدى. بۇنداق شارائىتتا، ئامېرىكا ئۆزىنىڭ ئاسىيا ئىستراتېگىيىسىنى يولغا قويۇشقا باشلىدى.
ئامېرىكىنىڭ 'ئۈچ تەرەپ بىرلىكتە سۆھبەت ئارقىلىق تىنچ ھەل قىلىش' تەشەببۇسىغا خىتاي قارشى چىقتى
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھېلارىي كلىنتون خانىم تۈنۈگۈن ياپونىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سېنكاكۇ ئاراللىرى ماجىراسىنى ئامېرىكا، ياپونىيە، خىتاي ئۈچ تەرەپ بىرلىكتە سۆھبەت ئارقىلىق تىنچ ھەل قىلىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. گەرچە ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى سېيجى مايىخارا بۇ تەشەببۇسقا ئاكتىپ ئاۋاز قوشقان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ما جاۋشۈ بۈگۈن بۇنىڭغا قارشى ئىنكاس قايتۇرۇپ 'دىياۋيۈداۋ(سېنكاكۇ) ئاراللىرى تالاش - تارتىشى جۇڭگو بىلەن ياپونىيىنىڭ مەسىلىسى، بۇ مەسىلىنى ئامېرىكا - جۇڭگو، ياپونىيە ئۈچ تەرەپ سۆھبەتلىشىپ ھەل قىلىش دېگەن پەقەت ئامېرىكىنىڭ خىيالى، بىز بۇنىڭغا يول قويمايمىز'، 'بۇ ۋاقىتتا ئامېرىكىنىڭ 'ياپونىيە -ئامېرىكا بىخەتەرلىك ئەھدىنامىسى' نىڭ 5 - ماددىسىنى كۆتۈرۈپ چىقىشى خاتا' دەپ جاكارلىدى.
ياپونىيىدىكى توماس ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىلمىي زىيارەتتە بولۇۋاتقان پروفېسسور ۋاڭ جژشىننىڭ قارىشىچە، ئەگەر ياپونىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سېنكاكۇ ئاراللىرى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ئامېرىكا قاتناشسا، بۇ ياپونىيە ئۈچۈن پايدىلىق، مەسىلە چىقسا ئامېرىكا چەتتە قاراپ تورالمايدۇ، ئەمما ئامېرىكىنىڭ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا ئارىلىشىشى خىتايغا بېسىم شەكىللەندۈرىدۇ، شۇڭلاشقا بۇنى خىتاي قوبۇل قىلمايدۇ.
ياپونىيە بۈگۈن رۇسىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسىنى قايتۇرۇپ كەلدى
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ توكيودىن بايان قىلىشىچە، تۈنۈگۈن رۇسىيە پرېزىدېنتى سوۋېت ئىتتىپاقى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا بېسىۋالغان ياپونىيىنىڭ نېفىت، تەبىئىي گاز، ئالتۇن، كۈمۈش بايلىقى مول بولغان كۇرىل ئاراللىرىنىڭ بىرىنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، ياپونىيە بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا يىللاردىن بۇيان ھەل بولمىغان ئارال تالاش -تارتىشى ماجىراغا ئايلاندى.
رۇسىيە پرېزىدېنتى بۈگۈنمۇ يەنە، ياپونىيىنىڭ جىددىي قارشىلىقىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، يەنە باشقا بىر ئارالغا كېلىدىغان پىلانى بارلىقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، ياپونىيە ئۆزىنىڭ رۇسىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسىنى قايتۇرۇپ كەلدى. ئەمما بۇنى 'مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇزاكىرە قىلىنىدۇ' دەپ چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق رۇسىيە بىلەن ئالىي دەرىجىلىك سۆھبەت ئۆتكۈزىدىغان ئىشىكنى ئوچۇق قويدى.
ئوباما دۇنياغا ئۆزىنى 'ئامېرىكىنىڭ تىنچ ئوكيان پرېزىدېنتى' دەپ جاكارلىغان ئىدى
'نيۇيورك ۋاقتى' گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوبامانىڭ ئاسىيا سىياسىتىنىڭ مەزمۇنلىرىنى سەل چاغلاشقا بولمايدۇ. ئۇ بۇلتۇر 11 - ئاينىڭ 1 - كۈنى دۇنياغا ئۆزىنى 'ئامېرىكىنىڭ تىنچ ئوكيان پرېزىدېنتى' دەپ جاكارلىغان ئىدى. ھازىر ئوباما ھۆكۈمىتى جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى مەسىلىلەردە، كامبودژاغا 'مەلۇم دۆلەتتىن ئۆزىنى تارتىش كېرەك' دەپ ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەندەك تەمكىن قىياپەتتە مەيدانغا چىقىۋاتىدۇلا ئەمەس، خىتاي بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئاراللار مەسىلىسىدىمۇ، ئۆزىنىڭ ئاسىيا ئىستراتېگىيىسىنى يولغا قويماقتا. ياپونىيە بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا تاقىلىدىغان ئارال مەسىلىلىرىدىمۇ، ئەمدى ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقماسلىقى مۇمكىن ئەمەس.
ۋاشىنگتوندىكى 'پېۋ تەتقىقات مەركىزى'نىڭ دۇنيادا ئىقتىسادىي پائالىيەتلىرى جانلىنىۋاتقان 16 دۆلەتتە ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، بۇ دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى بىردەكلا خىتاينىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن يۈكسىلىشىنى قارشى ئالىدۇ. ئەمما ھېچقايسىسى خىتاينىڭ ھەربىي جەھەتتىن كۈچلىنىشىنى خالىمايدۇ.
خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى سىياسىيشۇناس دوكتور جوزېپ نايىنىڭ قارىشىچە، كېسىپ ئېيتىشقا بولۇدىكى، خىتاي بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۇزۇن بىر مەزگىلگىچە ئامېرىكىغا رىقابەت قىلالىغۇدەك كۈچكە ئىگە بولالمايدۇ. شۇڭلاشقا، خىتاينىڭ ئامېرىكا بىلەن توقۇنۇشۇپ قېلىش ئېھتىماللىقى يوق. خىتاي ھازىرقىدەك ھاكاۋۇرلۇق ۋە مىللەتچىلىك خاھىشى بىلەن دۇنيادا ئىش قوزغىيالىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.