خىتاي - ياپونىيە ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيلىكنىڭ شەرقىي دېڭىزدىلا ئەمەس، ب د ت چوڭ يىغىنىدىمۇ ئىپادىسى بار

خىتاي بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدىكى سېنكاكۇ ئاراللىرىغا بولغان ئىگىدارچىلىق ھوقۇقى مەسىلىسىدىن پەيدا بولغان جىددىيلىكنىڭ دەرىجىسى، ھازىر دۆلەت باش مىنىستىرى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2010.09.23
Wen-jyabaw-we-yapon-PM-NaotoKan-305 ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺑﺎﺵ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻯ ﯞﯦﻦ ﺟﻴﺎﺑﺎﯞ ﯞﻩ ﻳﺎﭘﻮﻥ ﺑﺎﺵ ﯞﻩﺯﯨﺮﻯ ﻧﺎﺋﻮﺗﻮ ﻛﺎﻥ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ.
AFP Photo

ئەمما خىتاي بىلەن ياپونىيە ئۆزلىرىنىڭ باش مىنىستىرلىرى بۇ مەسىلە ئۈستىدە ئوچۇق -ئاشكارا سۆزلەشمەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى. لېكىن، خۇددى "بىرلەشمە سەھەر گېزىتى" تەسۋىرلىگەندەك، بۇ ئىككى دۆلەت ئەربابلىرىنىڭ ب د ت نىڭ 65 ‏ - قېتىملىق چوڭ يىغىنىدا قىلغان سۆزلىرى ۋە ئوتتۇرىغا قويغان تەشەببۇسلىرى ئۆز - ئارا "ئېكەككە، دوقاق". خىتاي بىلەن ياپونىيىنىڭ ھازىر شەرقى دېڭىزدىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرىدىنمۇ "ئىس" پۇراپ تۇرىدۇ.

ياپونىيە، ئاسىيا دۆلەتلىرىنى ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىلەن ئىجتىمائىي تۈزۈم ماسلاشمىغان مەسىلىنى تۈگىتىشكە چاقىرغان

"ياپون تايمىس" گېزىتىنىڭ بۈگۈن نيۇيوركتىن بايان قىلىشىچە، يېڭىدىن تەيىنلەنگەن ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېيجى مايىھارا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 65 - قېتىملىق چوڭ يىغىنىدا، ئاسىيا دۆلەتلىرىنى، ب د ت نىڭ يېڭى ئېرادا قولغا كەلتۈرىدىغان 8 ماددىلىق نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن، ھازىرقى ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىلەن ئىجتىمائىي تۈزۈم ماسلاشمىغان مەسىلىنى تۈگىتىشكە چاقىرغان.

ئۇ، تەشەببۇسىدا، ئاچارچىلىق ۋە ئەيدىز كېسىلىگە دۇچار بولىدىغان ئادەم سانى كۆپىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ھازىر بايلار بىلەن نامراتلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنىڭ چوڭىيىپ كېتىشىنى توسۇش لازىملىقىنى كۆرسەتكەن.

ياپونىيە يەنە، ب د ت غا دائىمىي ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رەت قىلىش ھوقۇقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان

ئەمما "دوۋېي" قاتارلىق خىتاي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، يېڭىدىن تەيىنلەنگەن ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېيجى مايىھارا، 56‏ - قېتىملىق بىرلەشكەن دۆلەتلەر چوڭ يىغىنىنىڭ يادرو قوراللىرىنىڭ تارقىلىشىنى چەكلەش تېمىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنىدا، ب د ت 1945‏ - يىلى قۇرۇلغاندىن كېيىن، دەسلەپكى 52 ئەزا دۆلەت تەرەققىي قىلىپ، ھازىر 192 گە يەتكەنلىكىنى، بۇ ئەزا دۆلەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى 1992 ‏ - يىلىدىن بۇيان، ب د ت نىڭ قۇرۇلمىسىدا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ ب د ت غا دائىمىي ئەزا دۆلەت سانىنى كۆپەيتىشنى، يەنى ياپونىيىنى، گېرمانىيىنى، برازىلىيىنى ۋە ھىندىستاننى قوشۇش لازىملىقىنى، بۇ ئىسلاھاتتا، ب د ت دەسلەپ قۇرۇلغان ۋاقىتتىلا بەلگىلەنگەن دائىمىي ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ھە دېسىلا دۇنيادىكى يېڭى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا كاشىلا قىلىدىغان رەت قىلىش ھوقۇقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

تۈنۈگۈندىن باشلاپ خىتاينىڭ دېڭىز قىسىملىرى سېنكاكۇ ئاراللىرىغا يېقىن جايلاردا چارلاش ئېلىپ بارماقتا

"ئالما گېزىتى" نىڭ بايان قىلىشىچە، بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، خىتاي سېنكاكۇ، رىكۇ ئاراللىرىغىلا ئەمەس، بەلكى ۋيېتنام ۋە تەيۋەنگە يېقىن جايدىكى شىسا ۋە نەشسا تاقىم ئاراللىرىغا قاراتقان ھەربىي ھەرىكىتىنىمۇ كۈچەيتىشكە باشلىدى. تۈنۈگۈندىن باشلاپ يەنە، خىتاينىڭ شەرقىي دېڭىز فلوتىنىڭ ئىككى چارلاش پاراخوتى، ياپونىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى دېڭىز چېگرىسىدا قۇرۇلغان "چۈنشاۋ نېفىتلىكى" ئەتراپىدا چارلاش ئېلىپ بېرىشقا باشلىغان.

ياپونىيىمۇ تۈنۈگۈندىن باشلاپ تىكئۇچارلار بىلەن خىتاينىڭ ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى كۆزەتمەكتە

مەركىزى ئاگېنتلىقنىڭ بايان قىلىشىچە، ياپونىيىمۇ تۈنۈگۈندىن باشلاپ تىكئۇچارلار بىلەن، خىتاينىڭ "چۈنشاۋ نېفىتلىكى" ئەتراپىدا ھەرىكەت قىلىۋاتقان ھەربىي پاراخوتلىرىنى كۆزەتمەكتە. ئەگەر خىتاي ھەربىي پاراخوتلار بىلەن نېفىت بۇرغىلاش ئۈسكۈنىلىرىنى يۆتكەپ كەلسە، ياپونىيىمۇ شۇ جايدا نېفىت بۇرغىلاشقا تەييار تۇرماقتا.

دۇنيادا ھەممە ئىش قانۇن بويىچە ھەل قىلىنىدۇ، خىتايدا بۇنداق مەسىلىنى ھەل قىلىدىغان قانۇن يوق

ئامېرىكىنىڭ شىمالى كارولىنا شتاتىدا تۇرۇۋاتقان مۇستەقىل تەتقىقاتچى جۇ شۆيۇئەننىڭ مۇلاھىزە قىلىشىچە، سېنكاكۇ ئارىلى مەسىلىسىدە ياپونىيىنىڭ كۆز قارىشى ئىنتايىن ئېنىق. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئاراللار ئەمەلىيەتتە كىمنىڭ قولىدا بولسا، بۇ ئاراللارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى شۇ دۆلەتكە مەنسۇپ. دەرۋەقە، بۇ ئاراللار ئادەتتە ئادەم ياشىمايدىغان ئاراللار، بۇ ئاراللار ئەمەلىيەتتە ياپونىيىنىڭ قولىدا. ياپونىيىنىڭ بۇ ئاراللارغا ئىگىدارچىلىق قىلىدىغان قانۇنىي ئىسپاتلىرى بار. ئەمما خىتاينىڭ گېپى مۈجمەل، ئەمەلىيەتتە، خىتاينىڭ بۇ ئاراللارنى سېتىۋەتكەنلىكىگە ئىسپات بار.

ھازىر دۇنيادا ھەممە مەسىلە غەربچە، يەنى قانۇن بويىچە ھەل قىلىنىدۇ، ئەمما شەرقچە، يەنى پۇرسەتپەرەسلىك شەكلىدە ھەل قىلىنمايدۇ. ياپونىيە ئىشنى ھازىر قانۇن بويىچە قىلىۋاتىدۇ. خىتاي سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ قانۇن سىستېمىسىنى تەرتىپكە سالمىغاچقا، بۇنداق مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىغان قانۇنى يوق. شۇڭلاشقا خىتاي ھازىر دىپلوماتىيىسىگىلا تايىنىپ قالدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، دېڭ شاۋپىڭ بۇنداق "تالاش - تارتىشتىكى مەسىلىلەرنى ئەۋلادلار كەلگۈسىدە ھەل قىلىۋالسۇن" دەپ تاشلاپ كەتكەن. بۇنى قايسى ئەۋلاد، قانداق ھەل قىلىدىغانلىقى ھەققىدە، ھازىرقى خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ كۆڭلىدىمۇ سان يوق. ئوچۇقكى، بۇ مەسىلىدە، ھازىر خىتاينىڭ قىلىۋاتقىنى ئاقمايدۇ.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.