رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي قولغا ئالغان 4 نەپەر ياپونىيىلىكنىڭ 3 نى بۈگۈن قويۇپ بەردى. يەنە بىرىنى "قانۇن بويىچە داۋاملىق تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىنىدۇ " دەپ قويۇپ بەرمىدى. خۇددى شىنخۇا ئاگېنتلىقى بايان قىلغاندەك، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جياڭ يۈ بۈگۈن، قولغا ئېلىنغان 3 نەپەر ياپونىيە پۇقراسىنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىنلا يەنە "دىياۋيۈادۋ ئاراللىرى جۇڭگونىڭ زېمىنى، بۇ مەسىلىدە بىزنىڭ مەيدانىمىز تەۋرەنمەيدۇ، ياپونىيە بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا توسالغۇ پەيدا قىلماسلىقى كېرەك" جاكارلىدى.
نائوتو كان "ياپونىيە قانۇنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كەمسىتىشىگە ئۇچرىدى" دەپ كۆرسەتتى
مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۈگۈن ياپونىيە پارلامېنتىنىڭ خامچوت كومىتېتى تۇنجى قېتىم سېنكاكۇ ئاراللىرى مەسىلىسى توغرىسىدىكى دوكلات ۋە تەشەببۇسلارنى ئاڭلايدىغان يىغىن ئاچتى. يىغىندا ياپونىيە باش مىنىستىرى نائوتو كان 'سېنكاكۇ ئاراللىرى ياپونىيىنىڭ مۇقىم زېمىنى' دەپ جاكارلىدى ۋە 'ياپونىيە قانۇنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كەمسىتىشىگە ئۇچرىدى' دەپ كۆرسەتتى، شۇنداقلا ئۇ، ئارال مەسىلىسىدە خىتايغا تاقابىل تۇرۇش يېتەرلىك بولمىغانلىقى ئۈچۈن ياپونىيە خەلقىدىن ئەپۇ سورايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ھازىر ياپونىيە ھۆكۈمىتى خىتايغا قارشى ھەرىكەتلەرنى توسۇپ بولالمايۋاتىدۇ
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۈگۈن خىتاي 3 نەپەر ياپون پۇقراسىنى قويۇپ بەرگەندىن كېيىنمۇ، ياپونىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا، ئارال مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن سۆھبەتكە ئولتۇرۇشنىڭ ئالدىنقى ئالامەتلىرى كۆرۈلمىدى. خىتاي سېنكاكۇ ئاراللىرى مەسىلىسىدە ياپونىيىنىڭ قانۇنىنى كەمسىتكەنلىكى، ياپونىيە خەلقىگە ھار كەلدى.
ياپونىيىدە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان مەۋجۇت بولۇپ كېلىۋاتقان بىر خىتاي يېزىقى مەكتىپى، يېقىندا ھۇجۇمغا ئۇچرىدى، شۇنىڭدىن كېيىن بۇ مەكتەپنى ساقچىلار 24 سائەت قوغداپ تۇرمىسا بولمايدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندى. سەيشەنبە كۈنى خىتاي ئەلچىخانىسىغا ئىس بومبىسى ئاتقان بىر رادىكال ياپونىيىلىك قولغا ئېلىندى. تۈنۈگۈن ئوڭچى ياپونىيىلىكلەر خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ساياھەت ئاپتوموبىلىغا ھۇجۇم قىلدى. ھازىر ياپونىيە ھۆكۈمىتى بۇنداق خىتايغا قارشى ھەرىكەتلەرنى توسۇپ بولالمايۋاتىدۇ.
ئىشىخارا ئەپەندى "ئەگەر ياپونىيىدە ئاتوم بومبىسى بولسا، خىتاينىڭ كۆزىگە ياپونىيە باشقىچە كۆرۈنەتتى" دېدى
توكيونىڭ شەھەر باشلىقى ئىشىخارا ئەپەندى بۈگۈن مەركىزى ئاگېنتلىقىغا "ئەمدى خىتاي ياپونىيىنى بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنىڭ بىر يۈلتۇزىغا ئايلاندۇرماقچىمىكەن؟ ئەگەر ياپونىيىدە ئاتوم بومبىسى بولسا، خىتاينىڭ كۆزىگە ياپونىيە باشقىچە كۆرۈنەتتى. خىتاي ھازىر ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تومۇرىنى تۇتۇپ بېقىۋاتىدۇ. ئەگەر ياپونىيە بوش تۇرسا، بۇ ئاراللارنى ئۆزى قوغدىمىسا، ئامېرىكىنىڭ ھېچقاچان ئەسكەر چىقىرىپ ياپونىيىنىڭ ئاراللىرىنى قوغداپ بەرمەيدىغانلىقىنى بىلىۋالغان. ھازىر ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورىيە بىرلىشىپ، شىمالى كورىيىنىڭ كۆزىگە كۆرسىتىپ تۇرۇپ، ھەربىي مەشىق ئۆتكۈزۈۋاتقاندا، بىز نېمە ئۈچۈن ئامېرىكا بىلەن بىرلىكتە سېنكاكۇ ئاراللىرى ئەتراپىدا خىتاينىڭ كۆزىگە كۆرسىتىپ تۇرۇپ ھەربىي مەشىق ئۆتكۈزمەيدىكەنمىز؟" دېدى.
ياپونىيە - خىتاي مۇناسىۋىتىدە ئەزەلدىن گەپنى ئوچۇق قىلىدىغان ئىشىخارا ئەپەندى 'مەن بىر شىركەتكە دېگەن ئىدىم، ئۇلا پۇل چىقىرىپ سېنكاكۇ ئاراللىرىدا بىر كىچىك مەشئەل ياساپ قويغان ئىدى. كېيىن يەنە باشقىلار ئۇنىڭدىنمۇ چوڭراق بىر مەشئەل ياساپ قويدى. بۇ قېتىم مۇشۇ مەشئەللەر تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكەتلەرنى چارلاشتا تازا ئەسقاتتى. ياپونىيە دېگەن بىر ئىككى تال ئاتوم بومبىسى بىلەنلا ۋەيران قىلىۋەتكىلى بولىدىغان كىچىك دۆلەت. خىتاي شۇنى ئويلاۋاتسا كېرەك. ئامېرىكىنىڭ قالقان سىستېمىسى ئۆزىنىڭ زېمىنىغا كەلگەن باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى توسىدۇ، ياپونىيىگە ئېتىلغان ئوقنى ياپونىيە ئۆزى توسىدۇ. ياپونىيىنىڭ ھازىرقى ئېھتىياجى، ئىقتىسادىي كۈچى ۋە تېخنىكىسى ئاتوم بومبا دېگەننىمۇ ياساپ چىقالايدۇ' دېدى.
'سىنگاپور خەۋەرلىرى'دە بايان قىلىنىشىچە، ياپونىيە چېگرا ساقلىغۇچىلىرى خىتاي كېمىسىنىڭ كاپىتانىنى قولغا ئالغاندىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى ياپونىيىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى بىر كۈندە بىر نەچچە قېتىم، ھەتتا يېرىم كېچىدە چاقىرتىپ كېلىدىغان ۋەقە يۈز بەرگەندىلا، ياپونىيە ئۆزىنىڭ خىتايدىكى ئەلچىلىرىنى قايتۇرۇپ كېلىشنىڭ تەييارلىقىنى كۆرگەن ئىدى. خىتاي تەرەپنىڭ ھازىرقى گەپ - سۆزلىرى، خۇددى بۇنىڭدىن 60 يىل بۇرۇن كورىيىگە توساتتىن ئەسكەر چىقىرىش ئالدىدا قىلغان گەپ - سۆزلىرىگە ئوخشاپ قېلىۋاتىدۇ.
ئەگەر ئۆز - ئارا سۆزلىشىدىغان شارائىت يارىتىلمىسا، ئەمدى ھەر ئىككى دۆلەتكە ئەلچى كېرەك بولمايدۇ
10 - ئاينىڭ 4 -، 5 - كۈنلىرى ياۋروپادا ئۆتكۈزۈلىدىغان ياۋروپا - ئاسىيا دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئۇچرىشىشىدا، ياپونىيە ئاراللار مەسىلىدىكى مەيدانىنى پۈتۈن دۇنياغا جاكارلاش كېرەك. 10 - ئاينىڭ 12 - كۈنى خانويدا ئېچىلىدىغان شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى ئۇچرىشىشىمۇ، ياپونىيە - خىتاي مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشقا شارائىت يارىتىدىغان بىر پۇرسەت. ئەگەر بۇ پۇرسەتلەرنىڭ ھەممىسى ئۆتۈپ كەتسە، ياپونىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئارا ماجىراسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئۆز - ئارا سۆزلىشىدىغان شارائىت يارىتىلمىسا، ئەمدى ھەر ئىككى دۆلەتكە ئەلچى كېرەك بولمايدۇ.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.