بۇ ياپونىيە ھەربىي قىسىملىرىنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاياقلاشقاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم خىتاي تۇپرىقىغا قەدەم باسقانلىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ ياپونىيە پاراخوتى، پىلان بۇيىچە، خىتاينى بەش كۈن زىيارەت قىلىدۇ. بۇنىڭدىن بۇرۇن، سىچۈەندە ئاپەت يۈز بەرگەندە، ياپونىيىنىڭ ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلققە ياردەم بېرىدىغان ئەشيالىرىنى دەرھال نەق مەيدانغا يەتكۈزۈپ بېرىش ئۈچۈن ھەربىي ئايروپىلان قوللىنىشنى خىتاي ھۆكۈمىتى رەت قىلغان ئىدى.
'سازانامى' سىچۈەندە ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلققە ياردەم بېرىدىغان ئەشيا ئېلىپ كەلدى
ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، ياپونىيە ئۆزىنى قوغداش ئەترىتىنىڭ 'سازانامى' بەلگىلىك پاچاقلىغۇچىسى بىلەن كەلگەن 240 نەپەر دېڭىز جەڭچىسى، سىچۈەندە ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلققە ياردەم بېرىدىغان ئەشيادىن 300 دانە ئەدىيال ۋە 2600 كىشىلىك تەييار يېمەكلىك ۋە دورا قاتارلىق جىددىي كېرەكلىك ئەشيا ئېلىپ كەلگەن.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنسىتىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ليۇ جەنچاۋ بۇ قېتىم ياپونىيىنىڭ 'سازامى' بەلگىلىك ھەربىي پاراخوتىنىڭ خىتاينى زىيارەت قىلىشى بۇلتۇر 11 - ئايدا خىتاينىڭ 'شېنجېن' بەلگىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا تاقابىل تۇرىدىغان ھەربىي پاراخوتى ياپونىيىنى زىيارەت قىلغانلىقىغا قىلىنغان جاۋابەن زىيارەت، شۇڭلاشقا بۇنىڭغا قارىتا ھېچقانداق ئاممىۋىي غەزەپ قوزغالمايدۇ، دەپ چۈشەندۈرگەن.
ئىككى مىللەت ئوتتۇرىسىدا چۈشەنچە ۋە ئۆز - ئارا ئىشىنىش پەيدا بولۇشى مۇمكىن
ياپونىيىدە چىقىدىغان 'سانكېي گېزىتى'دە بايان قىلىنىشىچە، ياپونىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى تاكاشى سەكىنې ياپونىيە ھەربىي پاراخوتىنىڭ خىتاينى زىيارەت قىلىشى بۇلتۇر خۇ جىنتاۋ ياپونىيىنى زىيارەت قىلغاندا مۇقىملانغان ئىدى. بۇ زىيارەتنىڭ مەقسىتى ياپونىيە بىلەن خىتاي مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشتىن ئىبارەت.
گەرچە ياپون - خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلىنىشىنىڭ ئۇنداق تېز بولۇشىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمىسىمۇ، ئەمما 'سازانامى' خىتايغا كىرگەندىن كېيىن ئىككى مىللەت ئوتتۇرىسىدا چۈشەنچە ۋە ئۆز - ئارا ئىشىنىش پەيدا بولۇشى مۇمكىن، دېگەن.
ياپونىيىنىڭ ئۆزىنى قوغداش ئەترىتى شەرقىي تېموردا ۋە ئىراقتا ياخشى ئوبراز ياراتقان ئىدى
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ دېڭىز ئارمىيە گېنېرال مايۇرى ياڭ يى خەلقنى ياپونىيىنىڭ ھەربىي پاراخوتىنىڭ ياپون بايرىقى ئېسىپ خىتاي تۇپرىقىغا قەدەم باسقانلىقىنى توغرا چۈشىنىشكە چاقىرغان. ئۇ سۆزىدە، تارىختا ياپونىيىنىڭ تاجاۋۇزى گەرچە خىتايغا ئېغىر زىيان كەلتۈرگەن بولسىمۇ، ئۇ بەرىبىر تارىختا ئۆتكەن بىر ۋەقە بولۇپ قالدى.
يېقىنقى تارىخقا قارايدىغان بولساق، ياپونىيىنىڭ ئۆزىنى قوغداش ئەترىتىنىڭ شەرقىي تېموردا ۋە ئىراقتا ئېلىپ بارغان پائالىيىتى خەلققە ياخشى تەسىر قالدۇردى، ئۇ ئۆزىنىڭ ئىنتىزامغا رىئايە قىلىدىغان، ئەدەپ ۋە قائىدىنى بىلىدىغان، باشقا دۆلەتكە ھۈرمەت قىلىدىغان ھەربىي قىسىملىق ئوبرازىنى ياراتتى، دېگەن.
'خەلق گېزىتى' ئېيتقاندەك زور قالايمىقانچىلىق يۈز بەرمىدى
يەرلىك خەلقنىڭ فرانسىيە ئاگېنتلىقىغا ئېيتىپ بېرىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى دەسلەپتە يەرلىك ئورۇنلارغا چىقارغان ئۇقتۇرۇشىدا، ياپون پاراخوتى كەلگەندە، 'ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسى' ئېسىلىشى لازىملىقىنى تاپىلىغان ئىكەن.
خىتاينىڭ 'خەلق گېزىتى'مۇ ياپونىيىنىڭ ھەربىي پاراخوتى جۇڭگو زىمىنىغا قەدەم باسسا، خەلق ئىچىدە جىددىي قارشىلىق يۈز بېرىشى، ھەتتا ئۇ زور قالايمىقانچىلىققا ئايلىنىشى مۇمكىن، دەپ يەرلىك دائىرىلەرنى ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ئەمەلىيەتتە، ياپونىيىنىڭ ئۆزىنى قوغداش ئەترىتىنىڭ 'سازانامى' ناملىق پاچاقلىغۇچى پاراخوتى خىتاينىڭ گۇاڭدۇڭدىكى جەنجياڭ پورتىغا كىرگەندە، خىتاينىڭ ئاق كىيىملىك دېڭىز ئارمىيە ئەسكەرلىرى سەپ تۈزۈپ قارشى ئالغان. گەرچە يولنىڭ ئىككى تەرىپىگە ياپونىيىنىڭ دۆلەت بايرىقى قادالغان بولسىمۇ، يەرلىك خەلقتە، بەلكى 'خەلق گېزىتى' ئېيتقاننىڭ تەتۈرىسچە ئىش بولغان، ھېچقانداق قارشىلىق ھېسيات ياكى ئالامەت كۆرۈلمىگەن.