'ئۇيغۇرلار ئانىسى رابىيە قادىرنىڭ تەرجىمىھالى' نىڭ ياپونچىسى نەشىردىن چىقىدۇ

"ئۇيغۇرلارنىڭ ئانىسى رابىيە قادىرنىڭ تەرجىمىھالى" ناملىق كىتاب ياپون تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشىردىن چىقىش ئالدىدا تۇرماقتا. گېرمانىيىلىك يازغۇچى ئالېكساندىر خانىم تەرىپىدىن يېزىلغان "ئەجدىرھا بىلەن ئېلىشقان ئايال" ناملىق نېمىسچە كىتاپقا ئاساسەن تەرجىمە قىلىنغان مەزكۇر كىتاپ 15 - ئۆكتەبىر نەشىردىن چىقىدۇ.

0:00 / 0:00

كىتاب نەشىردىن چىقىش ئالدىدا ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىدا تونۇتۇلۇشقا باشلىغان. كىتاب ياپونىيىدىكى ئەڭ چوڭ نەشرىياتلاردىن بىرى بولغان كودونشىيە نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان. كىتابنى كۇماكاۋا ئەپەندى نېمىسچىدىن ياپونچىغا تەرجىمە قىلغان. تەھرىرلىكىنى كاگوشىما ئۇنۋېرسىتىتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ھاجى قۇتلۇق قادىر ئەپەندى قىلغان.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەزكۇر كىتاب ھەققىدە قۇتلۇق قادىر ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.