ياپونىيىدىكى ئۇيغۇر، تىبەت ۋە موڭغۇللار بىرلىشىپ نامايىش ئۆتكۈزدى

خىتاينىڭ 60 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ياپونىيە ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ تەشەببۇس قىلىشى بىلەن ياپونىيىدىكى ئۇيغۇر، تىبەت ۋە موڭغۇللار ئورتاقلىشىپ خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزگەن.

0:00 / 0:00

9 - ئاينىڭ 26 - كۈنى ياپونىيە ۋاقتى چۈشتىن كېيىن ياپونىيىنىڭ پايتەختى توكيو شەھرىدىكى نىگاۋاداي باغچىسىدا يىغىلىپ خىتايغا قارشى نارازىلىق باياناتى ئېلان قىلغان نامايىشچىلار خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ يېنىغىچە شۇئار توۋلاپ بېرىپ، خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدىكى پوچتا ساندۇقىغا نارازىلىق خېتىنى تاشلاپ قويۇپ تارقىلىپ كەتكەن.

بۇ نامايىشقا توكيودا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، موڭغۇللار ۋە ياپونلاردىن بولۇپ، 2 - 3 يۈز ئەتراپىدا كىشى قاتناشقان. قوللىرىدا ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل ۋە ياپون بايراقلىرىنى كۆتۈرۈشكەن بۇ نامايىشچىلار، "ئۇيغۇر، تىبەت ۋە موڭغۇللارغا ئەركىنلىك! ئۇيغۇرلارغا تىل، دىن ئەركىنلىكى بېرىلسۇن!" دېگەنگە ئوخشاش شۇئارلارنى توۋلاشقان.

Yaponiyide--1-Oktebir-namayishi-1-305.jpg
ﺳﯜﺭﻩﺕ، 9 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 26 - ﻛﯜﻧﻰ، ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ 60 ﻳﯩﻠﻠﯩﻘﻰ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ، ﺗﯩﺒﻪﺕ ﯞﻩ ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﻼﺭ ﺋﻮﺭﺗﺎﻗﻠﯩﺸﯩﭗ ﺧﯩﺘﺎﻳﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺶ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﮔﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ. (RFA Photo / Erkin Tarim)

بۇ نامايىشنى توكيودىكى ھەر قايسى مەتبۇئاتلارمۇ نەق مەيدان خەۋىرى قىلىپ تارقاتقان.

نامايىشنى ئۇيۇشتۇرغان ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى باشلىقى ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى بۇ نامايىش ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.