0:00 / 0:00
كىتاب جەمى 244 بەتتىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، ئاپتور كىتابتا ياۋروپا ۋە ئاسىيادىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قىسقىچە تارىخى، ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان مائارىپ سىياسىتىنى بايان قىلىپ ئۆتكەن.
ئۇ كىتابىدا يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكىنى قوغداپ قېلىشنىڭ يوللىرىنى بايان قىلىپ ئۆتكەن. بۇ كىتابتا يەنە نېمىلەر بايان قىلىنغان ؟ بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن كاگۇشىما خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور ھاجى قۇتلۇق قادىرى ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.