'ياپونىيىنىڭ ئۆزىنى يوقاتقان كۈنىنى قايتا ئەسلەش' مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

11 - ئاپرىل يەكشەنبە كۈنى ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى "ياپونىيىنىڭ ئۆزىنى يوقاتقان كۈنىنى قايتا ئەسلەش" ناملىق مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيۇشتۇردى. بۇ پائالىيەت 2008 - بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مەشئىلىنىڭ ياپونىيىدىن ئۆتكەن كۈنىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن.
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2010.04.12
Ilham-Mahmut-Yaponluqlar-gha-doklat-bermekte-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺋﯩﻠﻬﺎﻡ ﻣﺎﺧﻤﯘﺕ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ 11 - ﺋﺎﭘﺮﯦﻞ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ "ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻳﻮﻗﺎﺗﻘﺎﻥ ﻛﯜﻧﯩﻨﻰ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺋﻪﺳﻠﻪﺵ" ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻣﯘﻫﺎﻛﯩﻤﻪ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ ﺳﯚﺯﻟﻪﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.
ﺳﯜﺭﻩﺗﻨﻰ ﺋﯩﻠﻬﺎﻡ ﻣﺎﺧﻤﯘﺕ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﯩﮕﻪﻥ.

يىغىنغا، ياپونىيىدىكى داڭلىق ئەربابلار ۋە ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلىرىدىن بولۇپ نۇرغۇن كىشى قاتناشقان. يىغىنغا نېمىشقا ياپونىيە ئۆزىنى يوقاتقان كۈننى قايتا ئەسلەش دەپ ئىسىم قويۇلدى، يىغىندا نېمىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى؟

بۇ ھەقتە، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام مەھمۇت ئەپەندى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزنى كۆپچىلىككە سۇنۇمىز.

مۇخبىر: ھۆرمەتلىك ئىلھام مەھمۇت ئەپەندى، بېيجىڭ ئولىمپىك مەشئىلىنىڭ ياپونىيىدىن ئۆتكەن كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن "ياپونىيىنىڭ ئۆزىنى يوقاتقان كۈنىنى قايتا ئەسلەش" تېمىسىدا يىغىن چاقىرىپسىلەر. بۇ يىغىننىڭ ئىسمىنىڭ بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب نېمە؟

ئىلھام مەھمۇت: ياپونىيىنىڭ ناگانو شەھىرىدە خىتاينىڭ ئولىمپىك مەشئەلنى ئۆتكەن كۈنىدە خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ زوراۋانلىق قىلىش، ئادەم ئۇرۇش ۋەقەلىرى كۆرۈلگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ياپون ساقچىلىرى زوراۋانلىق قىلغان خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىنى ئەمەس، بەلكى شۇ كۈنى ياپونىيىلىك ئىككى كىشىنى ۋە تەيۋەندىن كەلگەن بىر نەپەر تىبەتنى قولغا ئالغان ئىدى. بىز شۇ كۈننى قايتا بىر ئەسلەش ئارقىلىق خىتاينىڭ بارغانسېرى زورىيىپ، ياپونىيىدە قانداق زومىگەر بىر ھالغا كەلگەنلىكىنى، ياپونىيىنىڭ خىتايغا سەل قارىماي بۇ مەسىلىنى ھازىردىن باشلاپ چىڭ تۇتۇشى كېرەكلىكىنى ياپون خەلقىگە بىر ئەسلىتىپ قويدۇق ۋە بۇ ئارقىلىق ياپونىيە ئۆزى بىر مۇستەقىل دۆلەت تۇرۇقلۇق خىتاي بۇ يەردە بۇنداق زوراۋانلىق قىلىۋاتقان يەردە، ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش مۇستەملىكە بىر مەملىكەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ قانچىلىك زۇلۇمغا ئۇچرايدىغانلىقىنى پەرەز قىلىپ كۆرۈشىنى تەلەپ قىلدۇق شۇنداقلا ياپونىيىنىڭ، بىزگە ئوخشاش زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان مىللەتلەرنىڭ تەقدىرى ۋە ئاسىيانىڭ تېنچلىقى ئۈچۈن تېخىمۇ زور رول ئوينىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتۇق.

مۇخبىر: بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا كىملەر قاتناشتى، قانداق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى؟

ئىلھام مەھمۇت: يىغىنغا ياپونىيىدىكى داڭلىق مۇخبىر ياماگېۋا ئەپەندىنى ئەڭ مۇھىم مېھمان قاتارىدا تەكلىپ قىلدۇق ۋە بۇنىڭدىن سىرت تىبەت ئىشلىرىغا مەسئۇل بولۇۋاتقان كۇباياشى ئەپەندى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى ۋە ياپونىيە - ئۇيغۇر مۇناسىۋەتلىرىنى تەتقىق قىلىۋاتقان ياپونىيە تاكوشوكو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى سېكىئوكا ئەپەندى قاتارلىقلار قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى. يىغىنغا 90 كىشى قاتناشتى. يىغىن سائەت 3 تىن 7 يېرىمىغىچە ناھايىتى قىزغىن مۇنازىرە ئىچىدە ئۆتتى. يىغىندا ياپونىيىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى، ياپونىيىگە خىتايدىن كېلىدىغان تەھدىت ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىگە دائىر ناھايىتى ياخشى مۇلاھىزىلەر ئېلىپ بېرىلدى.

مۇخبىر: بۇ قېتىمقى يىغىندا سىزنى ئەڭ قانائەتلەندۈرگەن ياكى سىز ئەڭ خوشال بولغان نەرسە نېمە بولدى؟

ئىلھام مەھمۇت: بۇ قېتىمقى يىغىندا مېنىڭ ئەڭ خوشال بولغىنىم، يىغىندا ياپونىيىلىك ياشلار ئىنتايىن كۆپ ئىدى. بۇنىڭدىن يىغىنغا قاتناشقان پېشقەدەم ياپونىيىلىكلەر ئۆزىمۇ بەك مەمنۇن بولدى، چۈنكى ئۇلار ياپونىيىلىك ياشلارنىڭ ياپونىيىنىڭ كەلگۈسىگە كۆڭۈل بۆلمەيدىغانلىقىدىن تولىمۇ ئەنسىرەيتتى. شۇڭا ئۇلار يىغىنغا قاتناشقان ياش ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كۆپلىكىدىن تولىمۇ مەمنۇن بولدى. بۇنىڭدىن سىرت، يىغىنغا قاتناشقان بىر كىشى ياپون خەلقىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ سىياسەتتىن ئىنتايىن ئۇزاق ئىكەنلىكى، سىياسەتنى قىلچىلىكمۇ چۈشەنمەيدىغانلىقى شۇڭا ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنى ياپون خەلقىگە چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن يالغۇزلا سىياسەت ئەمەس، بەلكى تېخىمۇ كەڭ ياپون خەلقى چۈشىنىدىغان مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى ئارقىلىقمۇ قوزغاش كېرەكلىكى ھەققىدە پىكىر بەردى. مەن ئۇ پىكىر بەرگەن كىشىدىن تولىمۇ خوشال بولدۇم ۋە مەنچە بۇ پىكىر ئىنتايىن ئورۇنلۇق بېرىلگەن بىر پىكىر، شۇڭا بۇندىن كېيىن مەن مۇشۇ خىل پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىش ھەققىدىمۇ پىكىرلەرنى ئويلاپ قويدۇم. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، يىغىن ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى.

مۇخبىر: كۆپ رەھمەت ئىلھام مەھمۇت ئەپەندى، ناھايىتى ياخشى مەلۇماتلارنى بەردىڭىز.

ئىلھام مەھمۇت: مەنمۇ رەھمەت ئېيتىمەن.
 
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.


 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.