ياپونىيىدە 'ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسى ۋە ياپونىيىنىڭ رولى' تېمىسىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلماقچى

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى 5 - ئاينىڭ 21 - كۈنىدىن ئېتىبارەن 3 كۈن ياپونىيىنىڭ ئىككى چوڭ شەھىرى بولغان توكيو ۋە ئوساكا شەھەرلىرىدە پائالىيەت ئۇيۇشتۇرغان.
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2010.05.18
Ilham-Mahmut-Yaponluqlar-gha-doklat-bermekte-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺋﯩﻠﻬﺎﻡ ﻣﺎﺧﻤﯘﺕ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ 11 - ﺋﺎﭘﺮﯦﻞ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ "ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻳﻮﻗﺎﺗﻘﺎﻥ ﻛﯜﻧﯩﻨﻰ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺋﻪﺳﻠﻪﺵ" ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻣﯘﻫﺎﻛﯩﻤﻪ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ ﺳﯚﺯﻟﻪﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.
ﺳﯜﺭﻩﺗﻨﻰ ﺋﯩﻠﻬﺎﻡ ﻣﺎﺧﻤﯘﺕ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﯩﮕﻪﻥ.

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ئىلھام مەھمۇت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ پائالىيەت 30 - ماي كۈنى خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋنىڭ ياپونىيىگە ئېلىپ بارىدىغان رەسمىي زىيارىتى ۋە 6 - ئايدا تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لامانىڭ ياپونىيىدە ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتى ئالدىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ياپونىيىدە يەنە بىر قېتىم كۈن تەرتىپكە ئەكىلىش ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىكەن.

بىز بۇ پائالىيەتلەر ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئىلھام مەھمۇت ئەپەندى بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق. ئۇ بىزگە بۇ 3 كۈنلۈك پائالىيەتنىڭ كۈن تەرتىپى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
 
ئىلھام مەھمۇت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى بۇ يىغىننىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى 3 - ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلىغان بولۇپ، ئۇ يىغىن زالى ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ۋە تەشۋىقات خىزمەتلىرى ئېلىپ بېرىش جەريانىدا نۇرغۇن ياپون دوستلارنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن. ئىلھام مەھمۇت ئەپەندى ئۆزىنىڭ ياپونىيىدىكى نۇرغۇن تەسىرى بار سىياسەتچى ۋە ژۇرنالىستلار بىلەن ئۇچرىشىش ئېلىپ بارغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ كۆپ ياردىمىگە ئېرىشكەنلىگىنى بىلدۈرۈپ ئۇلارغا تەشەككۈر ئېيتتى.

ئىلھام مەھمۇت ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىملىق پائالىيەت ئارقىلىق ياپون ھۆكۈمىتى ۋە شۇنداقلا ياپون خەلقىنىڭ خىتايغا بولغان تونۇشىنى ئارتتۇرۇش، ياپونلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان ھېسداشلىقى ۋە قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش مەقسەت قىلىنغان بولۇپ، ئۇ، ياپونىيىدە ھازىر دۆلەت خەۋپسزلىكىگە دائىر ھەر قانداق بىر يىغىندا چوقۇم ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تىلغا ئېلىنىدىغانلىقىنى، جۈملىدىن ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ياپونىيىدە كەڭ تونۇلۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.