خىتايدا تارقىتىلىۋاتقان ياپونغا قارشى قۇتراتقۇ

خىتاي بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن ئارال ماجىراسىدا، ياپونىيە خىتاي كاپىتانىنى قويۇپ بەردى، لېكىن ئەپۇ سوراشنى رەت قىلدى. خىتاي ياپونىيىنىڭ 4 ئادىمىنىڭ3 نى قويۇپ بەردى، يەنە بىرىنى قويۇپ بەرمىدى، خىتاي ياپونىيىگە سىيرەك توپا (يەرشارىدا كەم ئۇچرايدىغان يەر مىنېراللىرى) ئېكسپورت قىلىشنى ئەسلىگە كەلتۈردى، ئەمما رەسمىيەتلەرنى قىيىنلاشتۇردى.

0:00 / 0:00

دېمەك بىرىنچى باسقۇچلۇق ماجىرادا كىم يەڭگەنلىكى ۋە كىم يېڭىلگەنلىكى مەلۇم ئەمەس. ھازىر ھەر ياپونىيىدە خىتايدىن نەپرەتلىنىدىغان ئادەم سانى كۆپىيىۋاتىدۇ، خىتايدا بولسا، ياپونغا قارشى نەپرەت قوزغايدىغان قۇتراتقۇ تارقىتىلىۋاتىدۇ.

يېقىندىن بۇيان خىتايدا، ئامېرىكىدىكى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدا پوستدوكتور بولغان، ئەنگلىيىدىكى ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدا پوستدوكتور بولغان، ھازىر شاڭخەيدىكى خۇيچۇەن شىركەت باشقۇرۇش مەسلىھەت ئورنىنىڭ باشلىقى بولۇپ تۇرۇۋاتقان، ياپونىيە ھاۋا قاتنىشى،" فىلىپىس"، "كوداك"، "موتورولا"، خىتاي ئېلېكترونلۇق ئۇچۇر - ئالاقە شىركىتى قاتارلىق چوڭ شىركەتلەرگە مۇلازىمەت قىلغان، خىتايدىكى ئەڭ تالانتلىق تەرغىباتچى دەپ تەسۋىرلەنگەن يۈشىۋېي ئىسىملىك بىر شەخسنىڭ، ياپونغا قارشى قۇتراتقۇلۇق نۇتقى ئىنتېرنېت ئارقىلىق تارقىلىۋاتىدۇ. بۇنى، خۇددى تەيۋەندە تۇرۇۋاتقان مۇستەقىل تەتقىقاتچى، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ ئوبزورچىسى لىن باۋخۇا ئەپەندى تەھلىل قىلغاندەك، ھازىر خىتايدا ياپونغا قارشى نەپرەت قوزغاشنى مەقسەت قىلغان قۇتراتقۇلارنىڭ تېپىك ۋەكىلى دەپ ئاتاش مۇمكىن. خىتايچە تور گېزىتلەردە، ھازىر بۇنداق قۇتراتقۇلارنىڭ تېكىستلىرى بارلا ئەمەس، بەلكى ئېلخەت ئارقىلىق تارقىلىۋاتىدۇ، ئۇنىڭ ھەتتا MP - 3 نۇسخىلىرى بار ئىكەن.

'ئەمدى خىتاي دەرھال ياپونغا قارشى ئۇرۇشقا تەييارلانمىسا، خىتايلار ئۆزىنىڭ خان مىللەتلىكىنى يوقىتىپ قويىدۇ'

يۇقىرىدا نامى كۆرسىتىلگەن ئەربابنىڭ ياپونغا قارشى نەپرەت قوزغاشنى مەقسەت قىلغان قۇتراتقۇسى مۇنداق دەپ باشلىنىدۇ: مەن خىتايدا ئوقۇغۇچىلارغا چىقارغان ئىمتىھان سوئاللىرىنىڭ ئىچىدە، "جاۋۇ ئۇرۇشى" دېگەن نېمە، بۇ ئۇرۇشتا قانداق كېلىشىم ئىمزالانغان؟ ياپونىيىگە قانچىلىك كۆمۈش تۆلەم بەرگەن؟ دېگەن سوئاللارنىڭ بارلىقىنى كۆردۈم. ئەمما ياپونىيىگە بېرىپ كۆزەتسەم، ياپونىيە بىلەن خىتاي يۈز يىلدا بىر قېتىم ئۇرۇش قىلىدۇ، 19‏ - ئەسىردە يۈز بەرگەن چىڭ سۇلالىسى - ياپونىيە ئۇرۇشىنى خىتايلار جاۋۇ ئۇرۇشى دەيدۇ، بۇ ئۇرۇشتا خىتايلار يۈز مىليون سەر كۈمۈش تۆلەم بەرگەن، 20‏ - ئەسىردە يۈز بەرگەن ياپونىيە - خىتاي ئۇرۇشىنى خىتايلار سەككىز يىللىق ياپونىيىگە قارشى ئۇرۇش دەيدۇ، دېگەنلەرنى ياپونىيىدە ئوقۇغۇچىلار ئاللىقاچان يادقا بىلىدىكەن. بەلكى 21‏ - ئەسىردە يۈز بېرىدىغان ئۇرۇش قاچان بولىدۇ؟ كىم يېڭىدۇ؟ كىم يېڭىلىدۇ؟ كىم قايسى جەھەتتە ئۈستۈنلۈككە ئىگە؟ دېگەن سوئاللارغىمۇ، ياپونىيە ئوقۇغۇچىلىرى ئاللىقاچان جاۋاب تېپىپ، ئىنچىكە تەھلىل قىلىپ بوپتۇ. ئەمدى خىتاي دەرھال ياپونغا قارشى ئۇرۇشقا تەييارلانمىسا، خىتايلار ئۆزىنىڭ خان مىللەتلىكىنى يوقىتىپ قويىدۇ.

'مۇشۇ ئەسىردە يۈز بېرىدىغان خىتاي - ياپونىيە ئۇرۇشى 2015‏ - يىلىدىن 2020‏ - يىلىغىچە پارتلايدۇ'

خىتايدىكى يۈشىۋېي ئىسىملىك بۇ ئەربابنىڭ نۇتقىدا ئېيتىلىشىچە، بۇ ئەسىردىكى خىتاي - ياپونىيە ئۇرۇشى 2015‏ - يىلىدىن 2020‏ - يىلىغىچە پارتلايدۇ. ئۇنىڭ تەسۋىرلىشىچە، تەيۋەن خىتاينىڭ قولىغا ئۆتكەندىن كېيىنلا، ياپونىيىنىڭ دۇنيادىن ئىمپورت قىلغان يېقىلغۇلارنى توشۇيدىغان دېڭىز يولى تاقىلىپ كېتىدىكەن. ياپونىيە ئۆزىنىڭ مولوككو ئاراللىرى ئارقىلىق، جەنۇبىي دېڭىز، تەيۋەن بوغۇزى ۋە شەرقى دېڭىزدىن ئۆتىدىغان قاتناش يولىنى قوغداش ئۈچۈن، كېلوڭ بىلەن گاۋشوڭنى مۇھاسىرىگە ئالماقتىن ئۆزگە چارە يوق ئىكەن. بۇ چاغدا خىتاي دېڭىز ئارمىيىسى ياپونىيىگە قارشى ئۇرۇشقا ئاتلىنىدىكەن.

'خىتايغا قارشى ئۇرۇش قىلىشنىڭ 4 چوڭ سەۋەبى'

يۈشىۋېي ئىسىملىك بۇ ئەرباب خىتاي چوقۇم ياپونىيە بىلەن ئۇرۇش قىلمىسا بولمايدىغانلىقىنىڭ 4 چوڭ سەۋەبىنى ئوتتۇرىغا قويغان، ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، ياپونىيە ئاللىقاچان خىتاي بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا تەييارلىنىپ بولدى. بىرىنچىدىن، كۆمۈرنى يېقىلغۇ قىلمايدىغان ياپونىيە، خىتاينىڭ شىجاجۇاڭ، داتوڭ، تەييۇەن شەھەرلىرىدىن چىقىدىغان كۆمۈرنى ئىمپورت قىلىدۇ. ياپونىيە بۇ كۆمۈرنى نېمىگە سەرپ قىلىۋاتقانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. بىز بايقىدۇقكى، ياپونلار بۇ كۆمۈرلەرنى سېمونت بىلەن مۇقىملاپ، ئۆزىنىڭ دېڭىز قىرغاقلىرىغا چۆكۈرۈپ ساقلاشقا باشلىغىلى 30 يىلدىن ئاشتى. ياپونلار بۇ يېقىلغۇ زاپىسىنى خىتاي بىلەن ئۇرۇش قىلغاندا قېزىپ چىقىرىپ ئىشلەتمەكچى.

ئىككىنچىدىن، سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق كۆزەتسەڭ، ياپونىيە پۈتۈنلەي يېشىل كۆرۈنىدۇ، چۈنكى ياپونلا زېمىنىدا ئۆسكەن ئورماننى كەسمەيدۇ. 110 مىليون ياپوننىڭ 3 ۋاخلىق تامىقىدا قوللىنىدىغان چوكىنى خىتايدىن ياغاچ ئىمپورت قىلىپ ياسايدۇ. ياپونلار ئۇنى ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن قايتىدىن يىغىپ، ئۇنىڭدىن قەغەز ياساپ خىتايغا ساتىدۇ. خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ 'خەلق گېزىتى' ياپونىيىلىكلەرنىڭ تۈكۈرۈكى ئارىلاشقان شۇ قەغەزدە بېسىلىدۇ.

ئۈچىنچىدىن، يەر شارىدا كەم ئۇچرايدىغان يەر مىنېراللىرىنى ياپونىيىگە ئەرزان باھادا سېتىپ باي بولغان خىتاي بايۋەچچىلىرى، ھەتتا ئۆيىدىكى تېلېۋىزورلارنىڭ ئېكرانىنىڭ ئاشۇ سىيرەك توپىدا ياسالغانلىقىنى ھەرگىز بىلمەيدۇ. بۇ كالۋا خىتاي بايۋەچچىلىرى يەنە، ئەگەر سىيرەك توپىنى ياپونىيىگە سېتىشنى توختاتسا، خىتاينىڭ نۇرغۇن سانائىتى دەرھال ئاقساپ قالىدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيدۇ. ئەمەلىيەتتە ھازىر خىتاينىڭ ئىقتىسادىي خەتەر ئىچىدە.

تۆتىنچىدىن، مەن يۈننەنگە بارسام، يىراق سەھرالاردىكى مەكتەپلەردە قوللىنىۋاتقان ئۈستەل، ئورۇندۇقلارنىڭ، بىركىمگە بىر تال چوكىنىمۇ بىكارغا بەرمەيدىغان ياپونلار تەرىپىدىن 'ئىئانە' قىلىنغانلىقىنى كۆردۈم. پۈتۈنلەي خىيانەتچىلىككە بېرىلىپ كېتىپ، مائارىپقا مەبلەغ سالمىغان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا شۇ ئوقۇغۇچىلار نەپرەتلەنمەسمۇ؟ ئۇرۇش بولسا، ئۇلار ياپونغا قارشى تۇرارمۇ؟ خىتاي ھازىر ئۆزىنى قوغدايدىغان ئەۋلادلاردىن ئايرىلىۋاتىدۇ.

توختىماي ئۇرۇش مەشىقى قىلىۋاتقان ياپونلارغا خىتاي قانداق تەڭ كېلىدۇ؟

يۈشىۋېي ئىسىملىك بۇ ئەربابنىڭ ئېيتىشىچە، ياپونلار ئۆزلىرىنى 'بىز ئىككى پاي ئوق تېگىپ ئۆلمىگەن بۆرە' دېگىنىنى ئاڭلىدىڭمۇ؟ قاچانلا بولمىسۇن 'ياپون - خىتاي دوستلۇقى' دېگەن بايراقنى كۆتۈرۈۋېتىدىغانلىقىنى كۆرۈۋاتقانسەن؟ ياپونلار ئاللىقاچان تەييارلىنىپ بولدى. خىتاي خەلقتىكى قايسى ئاڭغا تايىنىپ ئۇرۇش سەپەرۋەرلىكى قىلىدۇ؟ ياپونىيىگە قاراپ باق، ئەسكەرلىرىنى دۇنيانىڭ قەيىرىدە ئۇرۇش مەشىقى قىلىدىغان پۇرسەت بولسا، شۇ يەردە مەشىق قىلدۇرۇۋاتىدۇ. پارس قولتۇقى ئۇرۇشىدا يۈك توشۇغۇچى قىسىملارنىڭ كۆپىنچىسى ياپون ئىدى. ئافغانىستاندىمۇ ئامېرىكا قىسىملىرىغا ياردەملىشىۋاتقانلارنىڭ كۆپىنچىسى ياپون. يېقىندا پاكىستاندا ئازراق ۋەقە چىقىۋېدى، شۇنى بىرتەرەپ قىلىدىغانغىمۇ ياپون كىردى. بۇنداق توختىماي ئۇرۇش مەشىقى قىلىۋاتقان ياپونلارغا خىتاي قانداق تەڭ كېلىدۇ؟ شۇ قەدەر كۆپ مەبلەغ بىلەن يېتىلىۋاتقان ياپون ئەۋلاتلىرىغا، خىتاي ئەۋلادلىرىنىڭ ئەقلىي ساپاسى تەڭ كېلەلەمدۇ؟ ياپونىيە ئۆزىنىڭ ھەربىي قىسىملىرىنى 'قوغدىنىش ئەترىتى' دەپ ئاتاپ گەپنى كىچىك قىلغان بىلەن، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ سانى ھازىر دۇنيا بويىچە ئامېرىكىدىن قالسا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.