ياپونىيىدە ئاپەتتىن كېيىنكى قۇرۇلۇش داۋاملاشماقتا

2011-يىلى 11-مارت ياپونىيىدە يۈز بەرگەن 9 بال يەر تەۋرەش، ياپونىيىدە 14 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

0:00 / 0:00

نۆۋەتتە ياپونىيىدە يەر تەۋرەشتىن كېيىنكى قۇرۇلۇش ئىشلىرى داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، ياپونىيە ھۆكۈمىتى ياپون پۇقرالىرىنىڭ يېڭى ئۆي قۇرۇلۇشىغا تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق ياردەم بەرمەكتە ئىكەن. ياپونىيىدىكى ئۇيغۇرلاردىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياپونىيىدىكى مەسئۇلى ئىلھام مەخمۇت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياپونىيىلىكلەر ئاپەتتىن كېيىنكى ئىقتىسادنىڭ تېز ئارىدا ئەسلىگە كېلىشىگە ئىشەنچ بىلەن قارايدىكەن.

ياپونىيە تېلېۋىزىيىسىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ياپونىيە ھۆكۈمىتى پەيشەنبە كۈنى قارار چىقىرىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان پۇقرالارغا بېرىلىۋاتقان ياردەمدىن سىرت يەنە ياپونىيە بانكىسىنىڭ پۇقرالارنىڭ ئۆي-ماكانلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن، 150 مىليارد ياپونىيە يىنى ئۆسۈمسىز قەرز سوممىسى ئاجراتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. خەۋەردە پۇقرالارنىڭ بۇ قەرزگە ئىلتىماس قىلىش ۋاقتى 2011-يىلى 10-ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر دەپ بەلگىلەنگەن.

ياپونىيە ساقچى دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 28-ئاپرېلغا قەدەر ياپونىيىدە يەر تەۋرەش ھەم دېڭىز شاۋقۇنىدا ئۆلگەن ئادەم سانىنىڭ 14 مىڭ575 نەپەرگە يەتكەنلىكى مەلۇم بولغان. ھازىرغىچە ئىز دېرىكى بولمىغانلار سانى 11مىڭ 324 نەپەر بولغان. ئاپەتتىن كېيىنكى ئىقتىسادىي زىيان 20 تىرىليون ياپونىيە يىنى دەپ مۆلچەرلەنمەكتە ئىكەن.

ياپونىيىدە يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن، نۇرغۇنلىغان چەتئەللىكلەر ئۆز دۆلەتلىرىگە قايتىپ كەتكەن. ئەمما يەنە بىر قىسىم چەتئەللىكلەر خىزمەت ۋە ئوقۇش ئېھتىياجى سەۋەبلىك ياپونىيىدە داۋاملىق قېلىپ قالغان بولۇپ، ئۇلار ياپونىيە خەلقى بىلەن بىرلىكتە ئاپەتتىن كېيىنكى قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا قاتناشماقتا ئىكەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياپونىيىدىكى مەسئۇل خادىمى ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى ياپونىيىدە داۋاملىشىۋاتقان ئاپەتتىن كېيىنكى قۇرۇلۇش ئەھۋالى ھەققىدە توختالدى.

ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى ياپونىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىشلىرى يولىدىكى سەمىمىيىتى ھەم مەسئۇلىيەتچانلىقىنىڭ تولىمۇ يۇقىرىلىقىنى تەرىپلەپ، بۇنى خىتايدا يۈز بەرگەن تەبىئىي ئاپەتلەردە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پوزىتسىيىسى بىلەن سېلىشتۇرۇش مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ياپونىيە ھۆكۈمىتى ياپونىيە بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش ھەم دېڭىز شاۋقۇنىنىڭ ياپونىيە ئىقتىسادىنىڭ تۆۋەنلىشىگە سەۋەب بولغان بولسىمۇ، ئەمما يەنە 5 يىل ئىچىدە ياپونىيە ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى بولسا ياپونىيە ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە ئۈمىدۋار پوزىتسىيىسىنى ئىپادىلەپ، ئەگەر ياپونىيە خەلقى مۇشۇ ھالەتتە تىرىشچانلىق كۆرسەتسە ياپونىيە ئىقتىسادىنىڭ 5 يىلدىنمۇ قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئەسلىگە كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.