0:00 / 0:00
3-ئىيۇن كۈنى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا خىتاينىڭ دېموكراتىيىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيەتلىرىنى قىلىپ كېلىۋاتقان دېموكراتىك خىتاي فرونتىنىڭ ياپونىيە شۆبىسى 4- ئىيۇن تيەنئەنمېن ۋەقەسىنى خاتىرىلەش مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزگەن. ياپونىيىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن دوكتور تۇرمەمەت ئەپەندىمۇ مەزكۇر يىغىنغا قاتنىشىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ۋە مۇستەقىللىق ئارزۇسىنى ئاڭلاتقان. بۇ ئۇيغۇر ۋەكىللىرىنىڭ ياپونىيىدە تۇنجى قېتىم بۇ خىل خاتىرىلەش يىغىنىغا تەكلىپ قىلىنىشى بولۇپ، يىغىن ئەھۋالىدىن تولۇق خەۋەردار بولۇشقا قىزىقسىڭىز مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ تۇرمەمەت ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتى دىققىتىڭىزدە بولسۇن.