ياپونىيىدە «فارابىنىڭ پەلسەپىسى» ناملىق كىتاب نەشر قىلىندى

شەرق خەلقلىرىنىڭ ئۇلۇغ مۇتەپەككۇرى، ئىنىسكىلوپىدىك ئالىم ئەبۇ نەسىر فارابى ئىنسانىيەتنىڭ پۈتكۈل بىلىش تارىخىدا ۋە پەن - مەدەنىيەت ۋە پەلسەپە تارىخىدا ئۆچمەس تۆھپە يارىتىپ ئالەمدىن ئۆتتى. شەرقنىڭ ئەڭ ئالىي پەيلاسوپى ۋە ئارىستوتىلى ئەبۇ نەسىر فارابى ئوتتۇرا ئاسىيا ھەم تۈركىي خەلقلەر مەدەنىيەت تارىخىنىڭ دەۋر بۆلگۈچ ۋەكىلى بولۇپلا قالماي، بەلكى بىر پۈتۈن دۇنيا تارىخىدىكى مەشھۇر نامايەندىلەرنىڭ بىرىدۇر.

0:00 / 0:00


«شەرقنىڭ ئارىستوتىلى»،«ئىككىنچى ئۇستاز» دەپ شۆھرەت قازانغان فارابى شەرق دۇنياسى پەلسەپە تەتقىقاتىنىڭ ھەقىقىي ئاساسچىسى. ئۇ پەلسەپىگە ئۇل سالغان ۋە پەلسەپىدىكى ھەر قايسى ئىلىملەرنىڭ ئاساسىنى تىكلىگەن. ئۇنىڭدىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان شەرق پەيلاسوپلىرى ئۇنى ئۇستاز تۇتقان ئىدى.ئۇ پەلسەپە تارىخى ۋە ھەر قايسى مەزھەپ پەيلاسوپلىرىنىڭ تەلىماتىنى ئەڭ ياخشى چۈشەنگەن ئالىم ئىدى.

ياپونىيە گېنتوشا نەشرىياتى تەرىپىدىن «فارابىنىڭ پەلسەپىسى»ناملىق كىتاب تۈرك تىلىدىن ياپون تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشر قىلىندى.

مەزكۇر ئەسەرنىڭ ياپونىيىدە ياپون تىلىدا نەشر قىلىنىشى، ياپونىيىدە ياشاۋاتقان تۈركىيە تۈرك مۇتەخەسسىسلىرى ۋە زىيالىيلىرى ھەم شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇرلارنى تولىمۇ خۇشال قىلدى.

تۈركىيىلىك زىيالىي بورا ئەپەندىم بۇ ھەقتە توختىلىپ، فارابىنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىيىتى پا'ئالىيەتلىرىنىڭ تۈركىيىدە ئەدەبىيات، تارىخ ۋە پەلەسەپە ساھەسى بويىچە ئۆتۈلىدىغان مۇھىم دەرسلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكى،ياپونىيىدە بۇ ئەسەرنى تەرجىمە قىلىپ، نەشر قىلدۇرغان فۇمىئو ئەپەندىمگە سالامەتلىك ھەم ئامەت تىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ياپونىيە ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات ئورنىنىڭ مەسئۇللىرىدىن دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم مەزكۇر كىتابنىڭ ياپونىيىدە نەشر قىلىنغانلىقىدىن سۆيۈنگەنلىكىنى بىلدۈردى.

مەزكۇر كىتاب 1999 - يىلى تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل،«ئۆتۈكۈن» نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان، تۈركىيىلىك پروفېسسسور دوكتور فاھرېتتىن ئولگۇنېر يازغان «فارابى»ناملىق 175 - بەتلىك كىتابقا ئاساسەن ياپونىيىلىك ساڭكا فۇمىئو تەرىپىدىن ياپون تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان. ساڭكا فۇمىئو ياپونىيىنىڭ خوككايدو ئۆلكىسىدە تۇغۇلغان. چەت 'ئەللەردە ئىلىم تەھسىل قىلىپ،1990 - يىلىدىن باشلاپ ياپونىيىدىكى ياپونىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا پروفېسسور بولۇپ خىزمەت قىلىپ كەلگەن.1998 - يىلى تۈركىيە ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىدا پروفېسسور دوكتور فاھرېتتىن ئولگۇنېر ئەپەندىدىن تۈرك تارىخى ۋە پەلسەپىسىنى ئۆگەنگەن.

پۈتكۈل ئەسەر توققۇز باب 259 بەتتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئەسەرنىڭ باش قىسىمىغا پروفېسسور دوكتور فاھرېتتىن ئولگۇنېر ئەپەندىنىڭ كىرىشى سۆزى بېرىلگەن. ئەسەرنىڭ «ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىكى تۈرك مەدەنىيىتى» دېگەن بابىدا قۇتلۇق بىلگە خان تەرىپىدىن قۇرۇلغان تۇنجى ئۇيغۇر دۆلىتى، فارابى زامانىسىدىكى قەدىمكى قارلۇق - ئۇيغۇر يېزىقى ۋە مۇزىكىلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىلگەن.ئۇندىن باشقا قاراخانىيلار زامانىسىدىكى ئالەمشۇمۇل ئۇيغۇر ئالىملىرىدىن مەھمۇد قەشقىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ قاتارلىق ئالىملار ۋە ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىدىن «قۇتادغۇ بىلىك»، «تۈركىي تىللار دىۋانى» قاتارلىق ئەسەرلەر ھەمدە قاراخانىيلار مەدەنىيىتى توغرىسىدىمۇ بايانلار بېرىلگەن.

فارابى ئۆزىنىڭ پەلسەپىۋى تەلىماتلىرىدا دۇنيانىڭ ماددىلىقىنى مۇ'ئەييەنلەشتۈرۈپ، تەڭرىنى تەبى'ئەت بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئىزاھلايدىغان پانتېزىملىق بىر پۈتۈن دۇنيا قارىشىنى تەبى'ئەت ئىلمى، بىلىش نەزەرىيىسى ۋە ئىجتىما'ئىي پەنلەر ساھەسىدە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىدىيىۋى قۇللۇقنىڭ پەن - مەدەنىيەت تەرەققىياتىغا بولغان توسالغۇسىنى سۈپۈرۈپ تاشلاشقا ئىنتىلگەن.

ئۇ، دۇنيانىڭ ماددىلىقى، ماددىنىڭ يوقالماسلىقى، دۇنيانىڭ سەۋەب - نەتىجىلىك ۋە قانۇنىيەتلىك ئىكەنلىكىنى، ئالەمنى بىلىشنىڭ مۇمكىنلىكى، ئىلىم - پەننىڭ مۇھىملىقى ۋە ئىجتىما'ئىي باراۋەرلىك پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

ئاپتور ئەسەردە يەنە ئاساسلىقى فارابىنىڭ ھاياتى،ئۇنىڭ تۈرك ئىسلام دۇنياسىغا قوشقان تۆھپىسى، بولۇپمۇ فارابىنىڭ پەلسەپىۋى قارىشى، مۇزىكا ساھەسىدە قالۇن قاتارلىق مۇزىكا چالغۇ ئەسۋابلىرىنى ئىجاد قىلغانلىقى شۇنىڭدەك ئۇنىڭ ھوقۇق پەلسەپىسى، ئىسلام دىنىي پەلسەپىسى ۋە باشقا كۆز قاراشلىرى ھەققىدە توختالغان.