«ياپونىيە 2013-يىلىدا ئاسىيادىكى ھەربىي رولىنى ئاشۇرىدۇ»

ياپونىيە دائىرىلىرى ئون نەچچە يىلدىن بېرى تۇنجى قېتىم 2013-يىللىق ھەربىي سېلىنمىسىنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2013.01.08
senkaku-xitay-kemisi.jpg خىتاي دېڭىز چارلاش پاراخوتى ماجىرا ئارىسىدىكى ئارال سېنكاكۇغا تەۋە رايونغا يېقىن كېتىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2012-يىلى 17-دېكابىر.
AFP

بۇ خىل ئۆزگىرىشنىڭ ياپون، خىتاي مۇناسىۋەتلىرى سېنكاكۇ ئارىلىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسى سەۋەبىدىن رايون ۋەزىيىتى جىددىيلىشىپ قالغان بىر مەزگىلگە توغرا كېلىشى رايون ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قاتتىق دىققىتىنى قوزغىدى. كۆزەتكۈچىلەر، ئارال مەسىلىسىدىكى قاتتىق پوزىتسىيىسى بىلەن تونۇلغان يېڭى ياپون باش ۋەزىرى شىنزو ئابېنىڭ ئاساسلىق كۈچىنى ياپونىيىنى رايوندىكى قۇدرەتلىك ھەربىي كۈچ قىلىشقا قارىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئاخىرى ياپونىيە مەتبۇئاتلىرى ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يىللىق ھەربىي سېلىنمىسىنى 2 پىرسەنت ئاشۇرۇپ، 53 مىليارد دوللارغا چىقىرىشنى پىلان قىلىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى. بۇ ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئون يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بېرى تۇنجى قېتىم مۇداپىئە خامچوتىنى ئۆستۈرۈشى بولغاچقا ۋە بۇ ياپون، خىتاي ئارىسىدىكى ئارال مەسىلىسى كەسكىنلەشكەن مەزگىلگە توغرا كەلگەچكە، خەۋەر ناھايىتى تېزلا مەتبۇئاتلارنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى. خەۋەرلەردىن قارىغاندا، ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە خامچوتىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق ف-15 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلانلارغا ئوخشاش بىر قىسىم ئىلغار ھەربىي قوراللارنى سېتىۋالىدىغان بولۇپ، ياپونىيىنىڭ يەنە ئاساسىي قانۇنىدىكى دۆلەت مۇداپىئەسىگە ئائىت ماددىلارغىمۇ قايتا قاراپ چىقىلىدىغانلىقى مەلۇم.

ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې ياپونىيىگە 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ھەربىي جەھەتتىن قويۇلغان چەكلىمىلەرنى ئازايتىشنى ۋە ياپونىيىنىڭ ھەربىي كۈچىنى ئاشۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدىغان بىر شەخس. ئۇ سايلام ئالدىدىمۇ خىتاي بىلەن بولغان سېنكاكۇ ئارىلىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىدە ياپونىيىنىڭ مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغدايدىغانلىقىنى ناھايىتى ئوچۇق ۋە كەسكىن ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. كۆزەتكۈچىلەر، شىنزو ئابېنىڭ ئاساسلىق كۈچىنى ياپونىيىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە كۈچىنى ئاشۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

ئامېرىكىدىكى cnbc خەۋەرلەر تورىنىڭ مۇلاھىزىسىدە ئېيتىلىشىچە، شىنزو ئابې ھۆكۈمىتىنىڭ ئىككى ئاساسلىق نىشانى بار بولۇپ، ئۇنىڭ بىرىنچىسى ياپونىيىنىڭ ئىقتىسادىنى ئوڭلاش، ئىككىنچىسى بولسا، ياپونىيىنىڭ مۇداپىئە كۈچىنى ئاشۇرۇش. كۆزەتكۈچىلەر ياپونىيىنىڭ ھازىرقى سىياسىي ھاۋاسى ۋە شىنزو ئابېنىڭ مىللەتچى قاناتقا ۋەكىللىك قىلىشىدەك بۇ ئامىللارنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ قارىغاندا، بۇندىن كېيىن ياپونىيىنىڭ ئاسىيادىكى مۇھىم ھەربىي رولغا ئىگە دۆلەتكە ئايلىنىدىغانلىقىغا ئىشەنچ بىلەن قارىماقتا.

ياپونىيە، خىتاي ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت سېنكاكۇ ئارىلى مەسىلىسىدىن كېيىن جىددىيلەشكەندىن كېيىن، بۇ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە ئوخشىمىغان پەرەزلەر ئوتتۇرىغا چىقتى. بېزىلەر بۇ ئىككى دۆلەت ئارىسىدا پات ئارىدا ھەربىي توقۇنۇش پەيدا بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرسە، بېزىلەر بۇنى ئېھتىمالدىن يىراق دەپ قارىدى. ئەمما نەتىجە مەيلى نېمىلا بولسۇن، يېقىندا ياپونىيە دائىرىلىرى سېنكاكۇ ئارىلىغا يېقىنلاشقان خىتاي ئايروپىلانىنى توسۇش ئۈچۈن كۈرەشچى ئايروپىلانلارنى ئىشقا سېلىش ئارقىلىق ياپونىيىنىڭ پوزىتسىيىسىنىڭ ئىنتايىن قەتئىيلىكىنى كۆرسىتىپ قويغان ئىدى. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىر ئارال مەسىلىسى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ۋەقەلەر تۈپەيلى ياپونىيە خەلقىدە مۇداپىئەنى ئاشۇرۇشنى قوللاش تۇيغۇسى ئېشىپ بارغاننىڭ ئۈستىگە، ياپونىيە خىتاينىڭ زورىيىشىدىن تەھدىت ھېس قىلىۋاتقان باشقا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭمۇ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشىدىكەن.

cnbc خەۋەرلەر تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، فىلىپپىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئالدىنقى ئاي ئامېرىكا ئىقتىساد گېزىتىدە قىلغان سۆزىدە، فىلىپپىننىڭ ياپونىيىنىڭ ھەربىي كۈچىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى قەتئىي قوللايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ خىتاينىڭ زورىيىۋاتقان ھەربىي كۈچىنى تەڭشەش رولىنى ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مۇلاھىزىچىلەر، ياپونىيىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە خامچوتىنى ئاشۇرۇشىدىكى ئاساسىي مەقسەتنىڭ خىتايغا تاقابىل تۇرۇشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكى ۋە ياپونىيىنىڭ بۇ پىلانىنىڭ ئامېرىكىنىڭمۇ ھەم قوللىشىغا ئېرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. چۈنكى باراك ئوباما ھۆكۈمىتى ياپونىيىنىڭ رايوندا پەقەت ئامېرىكىنىڭ ھەربىي كۈچىگىلا تايىنىپ قالماي، بەلكى ئاسىيادا ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل رول ئوينىشى كېرەكلىكىگە ئىشىنىدىكەن. كۆزەتكۈچىلەر يېقىندىن بۇيان ياپونىيە، ئامېرىكا ئىككى دۆلەتنىڭ ھەربىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش يولىدا ئېلىپ بارغان بىر قاتار ئۇچرىشىشلىرىدىن بۇنىڭ مۇمكىنچىلىكىنىڭ يۇقىرىلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

بۇنىڭدىن سىرت، ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابى رايوندا كۈچلۈك بىر ھەربىي كۈچ بولۇش ئۈچۈن خىتايغا قارشى باشقا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىشى كېرەك ئىكەن. cnbc خەۋەرلەر تورىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي يېقىندىن بۇيان جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئىغۋاگەرچىلىكى ۋە يېڭى پاسپورتىغا بۇ ئاراللارنى ئۆزىگە تەۋە قىلىپ كۆرسىتىلگەن خەرىتىنى چۈشۈرۈش ئارقىلىق قوشنا ئەللەرنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغاپ قويغان بولغاچقا، بۇ ئەللەر ياپونىيە بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىشكە قىزىقىدىكەن. ياپونىيىنىڭ بىر قىسىم جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرىنى مۇداپىئە ئەسلىھەلىرى بىلەن تەمىنلىمەكچى بولۇشىمۇ بۇنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، قىسقىسى كۆزەتكۈچىلەر ياپونىيىنىڭ 2013-يىلىدا رايوندىكى كۈچلۈك ھەربىي دۆلەت بولۇشقا قاراپ ماڭىدىغانلىقى ۋە بۇنىڭ قوشنا ئاسىيا دۆلەتلىرى ۋە ئامېرىكىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىدىغانلىقى قارىشىدا ئورتاقلاشماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.