0:00 / 0:00
يىغىننى ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆزگە چىققان جەمئىيەت باشلىقى ئىلھام مەخمۇت 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى نامايىشىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى ھەققىدە تەپسىلىي توختالغان شۇنداقلا ياپونىيە ھۆكۈمىتى ۋە ياپونىيە خەلقنى ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىشقا چاقىرغان.
يىغىنغا ياپونىيە ۋە تەيۋەنلىك مۇتەخەسسىسلەرمۇ قاتناشقان ۋە سوز قىلغان. يىغىن 3 سائەتلەر ئەتراپىدا داۋام قىلغان.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.