خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت خاتىرە كۈنىدە ياپونىيىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى يىغىپ مۇكاپاتلىدى

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت خاتىرە كۈنى ياپونىيىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئۇيغۇر ۋە قازاق ئوقۇغۇچىلاردىن 29 ئىغا «ۋەتەنپەرۋەرلىك ئوقۇش مۇكاپاتى» تارقاتقان.

0:00 / 0:00

12-نويابىر شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت خاتىرە كۈنىدە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن تەڭ ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىمۇ ئۆزگىچە يوسۇندا جۇمھۇرىيەت كۈنىنى خاتىرىلىگەن بىر پەيتتە، ياپونىيىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى، ئۇيغۇر ئېلىدىن ئۆز خىراجىتى بىلەن ياپونىيىگە ئوقۇشقا چىققان ئۇيغۇر ۋە قازاق ئوقۇغۇچىلاردىن 29 ئىغا «ۋەتەنپەرۋەرلىك ئوقۇش مۇكاپاتى» تارقاتقان ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قويغان پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشەننىڭ سۆزىنى يەتكۈزۈپ «جۇڭگودەك قۇدرەتلىك دۆلەت سىلەرنىڭ ئارقاڭلاردا، سىلەرنى يۆلەيدۇ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ سىلەرگە قىلغان غەمخورلۇقىنى ئۇنتۇماڭلار، قايتىپ يۇرت ھەم ۋەتىنىڭلارغا تۆھپە قوشۇڭلار» دېگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز خىراجىتى بىلەن چەتئەللەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا مۇكاپات تارقىتىشنى 2005-يىلى باشلىغان ئىدى، ئەمما ياپونىيىدە بۇ بىرىنچى نۆۋەتلىكى ھېسابلىنىدۇ.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن مۇخبىرىمىزنىڭ ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى رەئىسى ئىلھام مەخمۇت ئەپەندىدىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىغا دىققەت بەرگەيسىلەر.