پروفېسسور سېىجى: قۇندۇز، خىتاينىڭ ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىگە قويۇلغان بىخەتەرلىك ئاپپاراتى

خىتاينىڭ چەتئەلدىكى ئەلچىخانا ۋە كونسۇلخانىلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ دىپلومات بولۇپ خىزمەت قىلىشى 1980 - يىللاردىن كېيىن باشلانغان بولۇپ، ئۇيغۇرلار پەقەتلا ئىسلام ئەللىرىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ۋە كونسۇلخانىلىرىدا خىزمەتتە بولغان ئىدى.

0:00 / 0:00


ئەمما 2010 - يىلدىن باشلاپ خىتاينىڭ ئوساكادىكى كونسۇلخانىسىغا قۇندۇز يۈسۈپنىڭ تۇيۇقسىزلا مۇئاۋىن كونسۇل قىلىپ تەيىنلىنىشى ياپونىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە شۇنداقلا ياپونلارنىڭ گۇمانىنى قوزغىماقتا. بۇ ھەقتە ياپونىيىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە ياپونلار ئۆزلىرىنىڭ ئوخشىمىغان قاراشلىرىنى بايان قىلماقتا.

ئوساكادىكى بىر ئۇيغۇر، قۇندۇز يۈسۈپنىڭ تۇيۇقسىزلا خىتاي كونسۇلخانىسىغا مۇئاۋىن كونسۇل بولۇشى ۋە توختىماي پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىدىن گۇمانلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رابىيە قادىر خانىمنىڭ 2009 - يىلى 10 - ئايدا ياپونىيىدىكى ئىككى ھەپتىلىك پائالىيىتىگە مەسئۇل بولغان پروفېسسور سېىجى ئەپەندى ئەينى چاغدا خىتاي ئەلچىخانىسى ۋە كونسۇلخانىسىنىڭ مەزكۇر پائالىيەتكە كۆرسەتكەن قارشىلىقلىرى ھەققىدە توختالدى:

- بىز، ياپونىيىدىكى ئون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورلىرى مەسلىھەتلىشىپ، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنى «يىپەك يولىدىكى ئەجدىھا بىلەن ئېلىشقان ئۇيغۇر ئانىسى» دېگەن تېمىدا دوكلات سۆزلەشكە تەكلىپ قىلدۇق. دوكلات ئاساسلىقى توكيو، ئوساكا، كيۇدو ۋە كاگوشىما قاتارلىق شەھەرلەردىكى مەكتەپلەردە ئىدى. رابىيە قادىر خانىمنىڭ ياپونىيىدە دوكلات بېرىش پائالىيىتى ھەققىدىكى ئۇچۇر تارقىلىش بىلەنلا،خىتاينىڭ توكيودىكى باش ئەلچىخانىسى، ھەرقايسى شەھەرلەردىكى كونسۇلخانىسى ۋە شۇنداقلا مەكتەپلەردە خىزمەت قىلىۋاتقان بىر قىسىم خىتايلار جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتتى. ئۇلار مەكتەپ مۇدىرلىرى بىلەن كۆرۈشۈش ئارقىلىق بۇ پائالىيەتنى يوق قىلماقچى بولدى. ئۇلاردىن بىرى مەن بىلەن كۆرۈشۈپ:

- رابىيە قادىر تېررورچى، ئۇنى ياپونىيىگە تەكلىپ قىلىشقا بولمايدۇ، - دېدى. مەن:

- سىز خاتا چۈشىنىپ قاپسىز، رابىيە قادىر تېررورچى ئەمەس، ئۇ مۇستەبىتلەر بىلەن جەڭ قىلغۇچى جەڭچى، - دېدىم. ئۇ:

- رابىيە قادىر خىتاينىڭ دۈشمىنى، - دېدى. مەن :

- رابىيە دۇنيانىڭ دوستى، - دېدىم. ئۇ مېنىڭ گەپلىرىمگە چىدىماي:

- ئەگەر سىز رابىيەنى تەكلىپ قىلىپ، مەكتەپنىڭ دەرۋازىسىدىن كىرگۈزسىڭىز، خىتاي ئوقۇغۇچىلار بۇ مەكتەپتىن چېكىنىدۇ. بۇ مەكتەپكە خىتايدىن ئوقۇغۇچى كەلمەيدۇ، سىلەر ئىقتىسادىي جەھەتتىن ۋەيران بولىسىلەر، - دېدى. مەن:

- بۇ مەكتەپ 70 يىلدىن ئوشۇق تارىخقا ئىگە، خىتاي ئوقۇغۇچىلار كەلمەستىمۇ، مەۋجۇت ئىدى، - دېدىم. ئۇ ئاخىرى ئورنىدىن دەس تۇرۇپ :

- خىتاي ئوقۇغۇچىلار مەكتەپتە رابىيە قادىرغا قارشى نامايىش قىلىدۇ، - دېدى. مەن :

- خىتاي ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ قانۇنىغا خىلاپلىق قىلسا، ئۇلارنى مەكتەپتىن ھەيدەيمەن، - دېدىم. ئۇلار يالغۇز مەن بىلەنلا ئەمەس، پۈتكۈل ساھىبخان مەكتەپلەر بىلەن شۇنداق سۆھبەتتە بولغان ۋە تەھدىت سالغان ئىدى. ئەلۋەتتە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، ئۇيغۇر ھەرىكىتىنىڭ ياپونىيىدىكى تەسىرىدىن ئەنسىرەپ ئوساكادىكى خىتاي كونسۇلىغا قۇندۇز يۈسۈپنى دەرھال مۇئاۋىن كونسۇل قىلىپ ئەۋەتىشى، قۇندۇز يۈسۈپنىڭ ياپونىيىدىكى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىگە قويۇلغان خىتاينىڭ بىخەتەرلىك ئاپپاراتى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئوساكادىكى مەلۇم بىر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ دوكتورلۇق كۇرسىدا ئوقۇۋاتقان بېيجىڭلىق خىتاي ئوقۇغۇچى، ھازىرغىچە ئوساكادىكى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ھېچقانداق بىرەر پائالىيىتىگە تەكلىپ قىلىنىپ باقمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بېيجىڭلىق خىتاي ئوقۇغۇچى مۇنداق دېدى: ياق، مەن پەقەتلا تەكلىپ قىلىنىپ باقمىدىم. مەن بىلىدىغان باشقا خىتاي ئوقۇغۇچىلارمۇ ھەم شۇنداق.

ئۇنداقتا بېيجىڭلىق خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ كونسۇلخانىغا تەكلىپ قىلىنماسلىقى، ئەمما قۇندۇز يۈسۈپنىڭ ئۇيغۇرلارنى كۆپلەپ كونسۇلخانىغا تەكلىپ قىلىشى، نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟ بۇ سوئالىمىزغا ئوساكادىكى بىر ئۇيغۇر ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى.

قۇندۇز يۈسۈپنىڭ ياپونىيىدىكى ئىش - ھەرىكەتلىرىگە ئۇزۇندىن بۇيان دىققەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر تەتقىقاتچىسى كائورى خانىم ئۆز پىكىرلىرىنى بايان قىلدى.

كائورى خانىم مۇنداق دېدى: قۇندۇزنىڭ ياپونىيىدە ئۇيغۇر ھەرىكىتىنى توسۇشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس، بولۇپمۇ ياپونىيىدىكى ئالىي مەكتەپلەر ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ئىش كۆرىدۇ، ئالىي مەكتەپلەر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىگە ھەر دائىم قۇچاق ئېچىپ تۇرىدۇ.