مۇراسىم داۋامىدا بېيجىڭ ئولىمپىكىنى قوللىغۇچى خىتاي نامايىشچىلار بىلەن قارشى تۇرغۇچى نامايىشچىلار ئارىسىدا يەنە ئۇرۇش چىقتى. بۇ كۈنكى نامايىشقا، ئىلھام مەخمۇت باشچىلىقىدىكى بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ۋە ئۇيغۇر دوستلىرى قاتناشتى.
نامايىشقا بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ۋە ئۇيغۇر دوستلىرى قاتناشتى
مەشئەل ئۇزۇتۇش پائالىيىتى ناگانو شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئالدىدىن باشلىنىپ ۋاكاساتو باغچىسىدا ئاخىرلاشقان. جەمئىي 18 كىلومېتىرلىق مۇساپىدە داۋاملاشقان. مەشئەل ج ر ناگانو ئىستانسىسىغا كەلگەندە نامايىشتىكى تەرەپلەر ئارىسىدا ئۇرۇش چىققان. 4 نەپەر خىتاي نامايىشچى يارىلانغان. مەشئەلگە قارشى نامايىشچىلاردىن 5 نەپىرى قولغا ئېلىنغان. نامايىشقا قاتناشقان ئۇيغۇر ۋە ئۇيغۇر دوستلىرىنىڭ سانى 50 كە يېقىن بولۇپ، نامايىشتىكى ئاي - يۇلتۇزلۇق كۆكبايراق، ياپون مەتبۇئاتىنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتقان.
گەرچە ياپونلۇقلارنىڭ شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە قوللىشى يېڭى ئەھۋال بولمىسىمۇ، ئەمما ياپونىيىدە ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئاشكارا سەھنىگە چىقىشى يېڭى بىر يۈزلىنىش. ئىلھام مەخمۇت ئالدىنقى ئايدا توكيودىكى ساكۇرا تېلېۋىزىيىسىدە شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىنى تونۇشتۇرۇش بىلەن ئاشكارا ھەرىكەتكە ئۆتكەن ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ كۆپلىگەن ياپونلۇقلارنىڭ قىزغىن قوللىشىغا ئېرىشكەن.
مەشئەل مۇراسىمىغا تۇنجى زەربە ئىبادەتخانىدىن
ئىلھام مەخمۇت، ئالدىمىزدىكى 1 - ماي كۈنى توكيودىكى ساكۇرا تېلېۋىزىيىسىدە يەنە بىر قېتىم پروگراممىغا قاتناشماقچى. پروگرامما خۇ جىنتاۋنىڭ ياپونىيە زىيارىتى بىلەن ئالاقىدار بولۇپ، بۇ پروگراممىدا ئىلھام مەخمۇت يېرىم سائەت سۆز قىلىدۇ. ئۇ سۆزىدە شەرقى تۈركىستاننىڭ يېقىنقى تارىخى ۋە ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بېرىدۇ.
بېيجىڭ ئولىمپىكىنىڭ مەشئەل مۇراسىمىغا تۇنجى زەربە زەنكوجى ئىبادەتخانىسىدىن كەلگەن. ياپونىيىدىكى تارىخىي ۋە ساياھەت ئورنى بولغان زەنكىجى ئىبادەتخانىسى، ئەسلىدە، مەشئەل مۇراسىمىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ بېكىتىلگەن. ئەمما ئىبادەتخانا راھىبلىرى، خىتاينىڭ تىبەتتىكى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىگە قارىتا نارازىلىق مەيدانىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن، مۇراسىمنىڭ ئىبادەتخانا ئالدىدىن باشلىنىشىغا رۇخسەت بەرمىگەن.
مۇراسىم رەھبەرلىرى مۇراسىم باشلىنىشنىڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىدا ئامالسىز ناگانو شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئالدىنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ بېكىتكەن.