ياپونىيىنىڭ توكيو شەھىرىدە 5-فېۋرال ۋەقەسىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

غۇلجا ۋەقەسىنى ئەسلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ياپونىيىدىمۇ بىر پائالىيەت ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، يىغىندا ياپونىيە ياماناشى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى موموتۇشى خارا ئەپەندى سۆز قىلغان.

0:00 / 0:00

5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 14 يىللىق خاتىرە كۈنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تۇرۇشلۇق ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئوخشىمايدىغان پائالىيەتلەر ئارقىلىق خاتىرىلەندى.

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن توكيو شەھىرىدە شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسى ئىچىدە "5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىدە قۇربان بولغانلارنى ئەسلەش" تېمىسىدا بىر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇلغان. يىغىنغا 60 دىن ئارتۇق ئاڭلىغۇچى ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، يىغىن قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە ئۆتكەن.

بىز بۇ پائالىيەت ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ئىلھام مەھمۇت ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق.

yaponiye-5-fewral-xatirisi-sukut-385.jpg
ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان "5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىدە قۇربان بولغانلارنى ئەسلەش" يىغىنىدا سۈكۈتتە تۇرماقتا. 2011-يىلى 5-فېۋرال. (http://rfuj.net)

ئىگىلىنىشىچە، يىغىننىڭ كىچىك تېمىسى "شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان توقۇنۇشلارنىڭ مەنبەسى" بولۇپ، بۇ تېمىدا ياپونىيىدىكى ياماناشى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى موموتوشى خارا ئەپەندى دوكلات بەرگەن. خارا ئەپەندى ياماناشى ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، ئۇ بۇ قېتىملىق يىغىندا ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان توقۇنۇشلارنىڭ مەنبەسى ۋە ئۇنىڭغا سەۋەب بولۇۋاتقان ئامىللار ھەققىدىكى ئىلمىي تەتقىقاتى ھەققىدە دوكلات بېرىپ ئۆتكەن. ئىلھام مەھمۇت ئەپەندى خارا ئەپەندىنىڭ يىغىندا سۆزلىگەن نۇتقىدىن مەلۇمات بېرىشتىن ئاۋۋال، ئالدى بىلەن خارا ئەپەندىنىڭ قانداق بولۇپ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قىزىقىپ قالغانلىقى ھەققىدە بىزگە مەلۇمات بېرىپ ئۆتتى.

ئىلھام مەھمۇت ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، خارا ئەپەندى يىغىندا قىلغان سۆزىدە، دۇنيادا كۈچلۈكلەرنىڭ ئاجىزلارنى يوق قىلىشقا ئۇرۇنۇشىدەك ئەھۋالنىڭ تارىختىن بېرى ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت بولۇپ كەلگەنلىكىنى ۋە بۇ خىل ئەھۋالنىڭ ھېلىھەم داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ، بۇ خىل ۋەزىيەتنىڭ خىتاي ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.

ئىلھام مەھمۇت ئەپەندى بۇ قېتىملىق يىغىننىڭ ئىلگىرىكى يىغىنلارغا ئوخشىمايدىغان بىر تەرىپى ئۈستىدە توختالدى.

يىغىن ئاخىرىدا، ئاڭلىغۇچىلار ئىلھام ئەپەندى ۋە خارا ئەپەندىلەردىن ئۇيغۇرلار ھەققىدە تۈرلۈك سوئاللارنى سورىغان بولۇپ، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۇيغۇر رايونىغا قوشنا ھەم تۇغقان بولغان ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىگە قانداق پوزىتسىيىدە بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدە مەركەزلەشكەن.