ياپونىيىدىكى ئۇيغۇر، موڭغۇل، تىبەت تەشكىلاتلىرى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى ھەم ژۇرنالىستلارنىڭ ئەھۋالىنى ئاڭلاتتى

5-مارت كۈنى ياپونىيىدىكى ئۇيغۇر، موڭغۇل، تىبەت ھەم خىتاي دېموكراتىك تەشكىلاتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تۇتقۇن قىلغان كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى ھەم ژۇرنالىستلارنى قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى.

0:00 / 0:00

يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان، چەتئەللەردىكى خىتايغا قارشى ئۆكتىچى تەشكىلاتلاردىن چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل، خىتاي دېموكرات تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرلىكتە ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى جانلانماقتا.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياپونىيىدىكى مەسئۇلى ئىلھام مەخمۇت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياپونىيىدىكى ئىچكى موڭغۇل خەلق پارتىيىسىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ياپونىيىدىكى ئۇيغۇر، تىبەت، خىتاي دېموكراتىك تەشكىلاتلىرى 5-مارت كۈنى ياپونىيىنىڭ توكيو شەھىرىدىكى 400 كىشىلىك ئولىمپىك مەركىزى زالىدا بىرلەشمە پائالىيەت ئۇيۇشتۇرغان.

ئىلھام مەخمۇت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىملىق بىرلەشمە پائالىيەتنىڭ مەقسىتى، ياپونىيە جامائەتچىلىكىگە ھازىرغا قەدەر خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن نەزەربەند ئاستىدا تۇرۇۋاتقان موڭغۇل كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى خادا، 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن تۇتقۇن قىلىنىپ، مۇددەتلىك مۇددەتسىز قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنغان غەيرەت نىياز قاتارلىق ژۇرنالىستلار، دىلشات پەرھات قاتارلىق تور بەت باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇش ھەم ھېلىغىچە خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان 2010- يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى ليۇ شىياۋبونى قويۇپ بېرىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئىكەن.

بۇ قېتىملىق پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغۇچى ئىچكى موڭغۇل خەلق پارتىيىسىنىڭ ياپونىيىدىكى باش كاتىپى كھېرېئىد كھۇۋىسگالت ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.
كھېرېئىد كھۇۋىسگالت ئەپەندى ئۆز بايانىدا، بۇ قېتىم ياپونىيىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان ئۇيغۇر، موڭغۇل، تىبەت، خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ بىرلەشمە پائالىيىتىنىڭ چەتئەللەردىكى خىتايغا قارشى ئۆكتىچى كۈچلەرنىڭ ئۆز ‏- ئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى زىيارىتىمىز ئاخىرىدا، ھازىر ياپونىيىدە ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلگۈچى ياپونىيىلىكلەرنىڭ بارغانچە كۆپىيىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى يەنە، بۇندىن كېيىن ياپونىيىدە بۇ خىل بىرلەشمە پائالىيەتلەرنىڭ داۋاملىق ئۇيۇشتۇرۇلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نۆۋەتتىكى شارائىتتا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي مەسىلىسىنى دۇنياغا تونۇتۇش ھەم دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ قوللىشى ھەم ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈشتە، چەتئەللەردىكى خىتايغا قارشى تىبەت، موڭغۇل ھەم خىتاي دېموكرات تەشكىلاتلىرى بىلەن بىرلەشمە پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىنىڭ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.