بۇ جەمئىيەت قۇرۇلغىنىغا قىسقىغىنە ئۈچ يىل بولغان بولسىمۇ، جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ پىداكارلىق بىلەن خىزمەت قىلىشى نەتىجىسىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرمەكتە. يېقىندا ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى يىللىق خىزمەتلەرنى خۇلاسىلەش يىغىنى ئاچقان بولۇپ، يىغىندا جەمئىيەتنىڭ يېقىنقى بىر يىللىق خىزمەتلىرى خۇلاسىلىنىش بىلەن بىرگە، بۇندىن كېيىنكى خىزمەت پىلانلىرى ئۈستىدە مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلغان.
ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ئىلھام مەھمۇت ئەپەندىنىڭ رادىئومىزغا ئېيتىشىچە، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى بۇندىن كېيىن ئۇيغۇر داۋاسىنى يالغۇز ياپونىيىدىلا ئەمەس، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرىدىمۇ تونۇتۇش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇنى مۇھىم خىزمەتلەر قاتارىدا كۈن تەرتىپكە ئالغان.
ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ياپونىيىدە قانۇنلۇق ئەنگە ئېلىنغان ۋە 50 تىن ئارتۇق رەسمىي ئەزاسى بولغان بىر جەمئىيەت بولۇپ، 11-ئىيۇن شەنبە كۈنى بۇ تەشكىلات يىللىق خىزمەتلەرنى خۇلاسىلەش ۋە بۇندىن كېيىنكى خىزمەت ئىستراتېگىيىسىنى بەلگىلەپ چىقىش ئۈچۈن يىللىق ئومۇمىي يىغىن چاقىرغان. يىغىندا جەمئىيەت ئەزالىرىغا بۇ بىر يىل ئىچىدە قىلىنغان خىزمەتلەر، يىللىق خامچوت ئەھۋالىدىن دوكلات بېرىلگەندىن سىرت، بۇندىن كېيىن بۇ جەمئىيەتنىڭ پائالىيەتلىرىنى قانداق ئېلىپ بېرىش ھەققىدە مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلغان.
بىز بۇ ھەقتە، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام مەھمۇت ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.