دۇنيانىڭ ھەرقايسى دۆلەتلىرىدە بولغاندەك، ياپونىيىدىمۇ خوتەن ھەم قەشقەر ۋەقەسىنىڭ ھېقىقى ئەھۋالىنى ئاڭلىتىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى. ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇلى ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھەپتە ياپونىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن، 18-ئىيۇل خوتەن ساقچىخانىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى ھەم 30-، 31-ئىيۇل كۈنلىرى قەشقەردە يۈز بەرگەن خىتاي ساقچىلىرى ھەم پۇقرالىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان تەشۋىقات ۋەرەقىلىرىنى تارقىتىش پائالىيىتى ۋە بۇ پائالىيەتنىڭ نەتىجىلىرى ھەققىدە توختالدى.
ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى ياپونىيىدە بۇ قېتىم ئېلىپ بېرىلغان تەشۋىقات ۋەرەقىلىرىنى تارقىتىش پائالىيىتىنىڭ يىللاردىكىدىن نەتىجىلىك بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ياپونىيىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان ياپونىيىلىكلەرنىڭ بارغانچە كۆپىيىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئىلھام مەخمۇت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بۇيان، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان پائالىيەتلەرگە ياپونىيىدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان ياپونلار ئۆزلۈكىدىن كېلىپ قاتنىشىدىغان ھەم ياردەملىشىدىغان كەيپىيات شەكىللەنگەن.
ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى ئۆز بايانىدا نۆۋەتتە ياپونىيىلىكلەردە خىتاينىڭ ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىدا ئېلان قىلىنغان تەشۋىقات خاراكتېرىدىكى خەۋەرلەرگە ئىشەنمەسلىك كەيپىياتىنىڭ بارغانچە كۈچىيىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ، ياپونىيىلىكلەرنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى قاتارلىق چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىن ئىگىلەشكە يۈزلەنگەنلىكى ئۈچۈن، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ بۇ خىل خەۋەرلەرنى ياپون تىلىغا تەرجىمە قىلىپ، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ تور بېكىتى ئارقىلىق ياپونىيىلىكلەرگە ئاڭلىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى ياپونىيىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تونۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ياپونىيىدىكى ھاكىمىيەت بېشىدىكى سىياسىي پارتىيىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدا ئۇچراۋاتقان ھەرخىل سىياسىي، ئىجتىمائىي بېسىملىرىنى تونۇپ يەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ياپونىيىدە ئوقۇۋاتقان ھەم خىزمەت قىلىۋاتقان شۇنداقلا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلىتىگە چىققان ئۇيغۇرلارنىڭ، ئەگەر ئۆزىگە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن كېلىدىغان تەھدىتنى ئىسپاتلىسىلا ئۇيغۇرلارنىڭ ياپونىيىدە سىياسىي پاناھلىق ئېلىش ئىمكانىيىتىنىڭ ھازىرلانغانلىقىنى بىلدۈردى.