
بۇ خەتتە ئۇ ئايالىغا `بالىلارنى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى سۆيگۈسى بىلەن تەربىيىلە، كېلەر يىلى ۋەتەنگە قايتىشقا تەييارلىق قىلىڭلار` دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەرنى يازغان.
توختىنىڭ ئايالى رابىيەم رادىئومىزغا قىلغان سۆزىدە: يولدىشى توختىنىڭ 10 يىلدىن بېرى بۇنداق مەزمۇندا خەت يېزىپ باقمىغانلىقىنى، بۇ خېتىدە نېمە ئۈچۈن `ۋەتەنگە قايتىشقا تەييارلىق قىلىپ قويۇڭلار`دەپ يازغانلىقىنى چۈشىنەلمىگەنلىكىنى، بالىلىرىنىڭ چوڭ بولۇپ قالغانلىقىنى ، ئۇيغۇرچە بىلەن خىتايچىنىمۇ بىلمەيدىغانلىقىنى، بۇ خەتنى ئوقۇغاندىن كېيىن بالىلىرىنىڭمۇ بۇ خەت دادام يازغان خەت ئەمەس دەپ گۇمانلانغانلىقىنى ئېيتتى.
بىز بۇ خەت ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ياپونىيە ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ مەسئۇلى ئىلھام مەخمۇت ۋە توختى تۇنىيازنىڭ ياپونىيىدە ياشاۋاتقان ئايالى رابىيەم بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ بۇ سۆھبەت زىيارىتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.