ياپونىيە ئاساسىي قانۇنىنىڭ تۈزۈلگەنلىكىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى

ئامېرىكىنىڭ ئوكېناۋا ئارىلىنى ياپونىيىگە قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش ۋە ياپونىيە ئاساسىي قانۇنىنىڭ تۈزۈلۈش كۈنىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

0:00 / 0:00

5-ئاينىڭ 3-كۈنى ياپونىيىدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ بىرى بولغان «بالىلارنىڭ كەلگۈسىنى قوغداش تەشكىلاتى» ياپونىيىنىڭ پايتەختى توكيو شەھىرىنىڭ مەركىزىدىكى ھۇشىبىيا باغچىسىنىڭ مۇزىكا زالىدا ئۆتكۈزگەن، 2500 كىشىلىك بۇ داغدۇغىلىق پائالىيەتتىكى ئاساسلىق مۇنازىرە نۇقتىسى ياپونىيە ئاساسىي قانۇنىنىڭ توققۇزىنچى ماددىسىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش مەسىلىسى بولۇپ، پائالىيەت مۇناسىۋىتى بىلەن ياپونىيىدىكى داڭلىق قانۇنشۇناسلار ئۆزىنىڭ ئاساسىي قانۇننىڭ توققۇزىنچى ماددىسىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

yaponiyediki-yighinda-uyghur-mesilisi-385.jpg
ياپونىيىنىڭ ئاساسىي قانۇن تۈزۈلگەنلىكىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2012-يىلى 3-ماي، ياپونىيە. (RFA/Erkin Tarim)

ياپونىيە ئاساسىي قانۇنىنىڭ توققۇزىنچى ماددىسىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنىدا، ياپونىيىنىڭ مەڭگۈ ئۇرۇش قىلمايدىغانلىقى، ياپونىيە دۆلىتىنىڭ ئۇرۇش ئۈچۈن ئارمىيە تۇرغۇزمايدىغانلىقىنى بېكىتىلگەن بولۇپ، مۇشۇ قانۇنغا ئەمەل قىلىش ئۈچۈن ياپونىيە، ئۆزىگە تەھدىت بولۇۋاتقان دۆلەتلەر ئۇلارغا چېقىلغان تەقدىردىمۇ، ئۇلارغا قارشى ئۇرۇش قىلالمايدىكەن.

بۇ قېتىملىق پائالىيەتتە ئالىملار مۇستەقىل دۆلەت بولغان ياپونىيىنىڭ ئۆز تېررىتورىيىسىنى قوغدىشى ئۈچۈن چوقۇم ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. پائالىيەتتىن كېيىن قاتناشقۇچىلار كوچىدا نامايىش قىلغان ۋە ئاممىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن.

تەپسىلىي مەلۇماتقا ئېرىشمەكچى بولساڭلار، دىققىتىڭلار تۇرمۇھەممەد ھاشىم ئەپەندى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزدە بولسۇن.