ياپونىيىدە «خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلىسى ۋە ئىقتىسادىي پەرقلەر» ناملىق كىتاب نەشر قىلىندى

پروفېسسور ئونىشى ئەپەندى ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ خىتاي جەمئىيىتىدىكى ئىقتىسادى ئورنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ دىن، تىل-مەدەنىيەت جەھەتتىن خىتاي بىلەن پەرقى ھەم خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان توقۇنۇشلار توغرىسىدا ئەتراپلىق تەتقىقات ئېلىپ بارغان.

0:00 / 0:00

9-ئاينىڭ 20-كۈنى ياپونىيىدىكى نوپۇزلۇق ۋە شۇنداقلا نوبېل مۇكاپاتى ساھىبلىرىدىن سەككىز نەپىرى بولغان، تارىخىي جەھەتتىن قەدىمىي ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن بىرى بولغان كيوتو ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى تەرىپىدىن، مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ پەخرى پروفېسسورى، ھازىر توكيو كېيوگىجۇكۇ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىساد فاكۇلتېتىنىڭ پروفېسسورى، ياپونىيىدە كۆزگە كۆرۈنگەن ئىقتىسادشۇناس مۇتەخەسسىس ئونىشى ھىروشى ئەپەندىنىڭ «خىتايدىكى ئازسانلىق مىللەتلەر مەسىلىسى ۋە ئىقتىسادىي پەرقلەر» ناملىق كىتابى نەشر قىلىنغان.

مەزكۇر كىتابنىڭ ئاپتورى ئونىشى ھىروشى ئەپەندى 1956-يىلى ياپونىيىدە تۇغۇلغان، ئەينى يىللاردا كيوتو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىساد پەنلىرى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشىپ، شۇ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان.

ئۇ نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل، خۇيزۇ ۋە خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئېلىشىغا يېتەكچىلىك قىلغان. ئۇنىڭدا تەربىيىلىنىپ دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار ھازىر ئۇيغۇر ئىلىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش ۋە ئىقتىساد فاكۇلتېتلىرىنىڭ پروفېسسورلىرىدىن بولۇپ خىزمەت قىلماقتا.

پروفېسسور ئونىشى ئەپەندىنىڭ خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلىسىگە ئائىت ئىقتىسادى تەتقىقات ئەسەرلىرىدىن «تىبەت مەسىلىسى قانداق مەسىلە؟» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار بولۇپ، بۇ قېتىم نەشر قىلىنغان مەزكۇر كىتابى، خىتايدىكى ئۇيغۇر، تىبەت، قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ خىتاي جەمئىيىتىدىكى ئىقتىسادى ئورنى، خىتاي بىلەن بولغان پەرقى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر، تىبەتلەرنىڭ دىن، تىل-مەدەنىيەت جەھەتتىن خىتاي جەمئىيىتىدىكى پەرقلىق بولغان ئورنى، بۇ ئىككى مىللەت بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئارىسىدىكى توقۇنۇشلار توغرىسىدا ۋە شۇنداقلا دۇنيا خەلقىگە تونۇشلۇق بولغان 2008-يىلىدىكى تىبەتلەرنىڭ خىتايغا قارشى نامايىشى بىلەن 26-ئىيۇن شاۋگۈەن ۋەقەسى ۋە 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەلىرىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىپ ئۇيغۇر ئىلىدىكى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان قوش تىللىق مائارىپ، ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە ئەتراپلىق تەتقىقات ئېلىپ بارغان.

پروفېسسور ئونىشى ئەپەندى بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى خىتاي پروفېسسورلار ۋە ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر پروفېسسورلارنىڭ ياردىمىدە بۇ تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان. ئاپتور كىتابنىڭ كىرىش سۆز قىسمىدا ئۆزىنىڭ 1995-يىلى ئۇيغۇر ئېلىگە بارغانلىقىنى ۋە ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا زىيارەتتە بولغانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇر ئىلىدىن كېلىپ ئۆزىدە تەربىيىلەنگەنلىكىنى بايان قىلىش بىلەن بىرگە، بۇ تەتقىقاتىنى ئېلىپ بېرىشتا دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلار، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي، مائارىپىغا ئائىت مەسىلىلەردە ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ۋە تەتقىقات ئورۇنلىرى تەرىپىدىن ئاشكارا ئېلان قىلىنغان ماتېرىياللارنىڭ كەملىكى، ئۇيغۇر ئېلىدە نەشر قىلىنغان ئاپتونوم رايوننىڭ يىلنامە كىتابلىرىدا بېرىلگەن ستاتىستىكىلىق مەلۇماتلارنىڭ ئەمەلىيەت بىلەن باغلاشمايدىغانلىقى سەۋەبىدىن نۇرغۇن تەرەپتە ئۆزى بىۋاسىتە كۆزىتىش ۋە تەتقىق قىلىشقا توغرا كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

مەزكۇر كىتاب يەتتە بابتىن تەركىب تاپقان بولۇپ،ئۇيغۇرلارغا ئائىت بابلار تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت: 2-باب: مىللىي ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا-ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ۋە مىللەتلەر پەرقى. بىرىنچى پاراگراف: ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى خىتاي يېزا-ئىگىلىك رايونلىرى ۋە ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسى (بىڭتۇەن) دىكى ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ يېزا ئىگىلىكى. ئىككىنچى پاراگراف: جەنۇبنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى. 3-باب: ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا يۆتكەش. بىرىنچى پاراگراف: قەشقەر كونا شەھەردىكى يەنى توققۇزاق ناھىيىسىدىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا يۆتكەش ئەھۋالى. ئىككىنچى پاراگراف: ئۈرۈمچى ۋەقەسى. 6-باب: ئاز سانلىق مىللەت كارخانىچىلىرى. بىرىنچى پاراگراف: ئارمان چەكلىك شىركىتى. 7-باب: ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ سىياسىي ئورنى ۋە مائارىپتىكى تىل مەسىلىسى. ئىككىنچى پاراگراف: ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوندىكى مىنكاۋخەن ۋە ئوقۇتۇشتىكى تىل مەسىلىلىرى. ئۈچىنچى پاراگراف: 14-نومۇرلۇق مىللەت يەنى مىنكاۋخەنلەر ھەققىدە قاتارلىق مەزمۇنلاردىن تەركىب تاپقان.

بۇ كىتابنىڭ ئەڭ مۇھىم نۇقتىلىرىدىن بىرى 2010-يىلى 10-ئايدا بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى جەمئىيەتشۇناسلىق فاكۇلتېتىنىڭ پروفېسسورى ما لۇڭ ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ۋە قەشقەر كونا شەھەر يەنى توققۇزاق ناھىيىسىدە ئېلىپ بارغان ئۇيغۇر قىز-يىگىتلەرنى دېڭىز قىرغىقىدىكى ئۆلكە، شەھەرلەرگە يۆتكەش ئەھۋالى توغرىسىدىكى يازما تەكشۈرۈش دوكلاتى بىلەن شاۋگۈەندىكى ئويۇنچۇق زاۋۇتىنىڭ ئەھۋالى قاتارلىق مەزمۇنلاردۇر.

بىز مەزكۇر كىتابنىڭ ئاپتورى بىلەن ئۇزۇن يىللاردىن بىرى تونۇش بولغان ۋە خىتايدىكى ئازسانلىق مىللەتلەر مەسىلىسىدە ئورتاق تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان،ئەمما ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلىسىدە ئاپتور بىلەن ئوخشىمىغان قاراشتىكى ياپونىيىلىك تەتقىقاتچىلاردىن سىياسىي-ئىقتىساد پەنلىرى دوكتورى كاگوشىما خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى نىشىخارا سېئىجى ئەپەندى بىلەن بۇ توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. نىشىخارا ئەپەندى مۇنداق دېدى:
‏-مەن ئونىشى بىلەن ئۇزۇن يىللىق تونۇشلاردىن، ئەمما ئۇ خىتايدىكى ئازسانلىق مىللەتلەر مەسىلىسى ھەققىدە، پەقەت خىتاي مىللىتى بىلەن ئاز سانلىق مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت پەقەت ئىقتىسادى پەرق تۈپەيلىدىن دەپ قارايدۇ. مەن ئۇنداق قارىمايمەن. بۇ يەردىكى مەسىلە ئىقتىسادى مەسىلە ئەمەس، بەلكى ئەسىر بولغۇچى بىلەن ھۆكۈمران ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلە. مۇنداقچە ئېيتقاندا باش ئەگدۈرۈش ۋە باش ئەگمەسلىك مەسىلىسىدۇر.