ياماتو: ب د ت مۇستەملىكە شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەسىلىسىنى قاچان ھەل قىلىدۇ؟

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا 193 دۆلەتنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىنىڭ ئاۋاز بېرىشى بىلەن پەلەستىننىڭ دۆلەتلىك ئورنى بېكىتىلگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەر دۇنياغا تارقىلىپ، نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەرنى زىلزىلىگە سالدى.

0:00 / 0:00

بۇ خەۋەر ئېلان قىلىنىپ ئارىدىن بىرقانچە كۈن ئۆتكەندە ياپونىيە تور بەتلىرىدە پەلەستىن بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ھاياتىغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇنلىغان ماقالىلەر بېرىلدى.

ياپونىيىلىك ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى ياماتو ئەپەندىنىڭ «ساتو» تور بېتىدە «ب د ت مۇستەملىكە شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەسىلىسىنى قاچان ھەل قىلىدۇ؟» سەرلەۋھىلىك ماقالىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ياپونىيە جەمئىيىتىدە بەزى تەتقىقاتچىلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

«يالتا كېلىشىملىرى» نىڭ ياپونچىسى.
«يالتا كېلىشىملىرى» نىڭ ياپونچىسى. (RFA/Qutluq (Yaponiyilik istratégiye mutexessisi higashi i taroning «yirtilish aldidiki kélishimler we qurulush aldiki sherqiy türkistan» namliq mezkur maqalisidin elinghan))

مەزكۇر ماقالىنى ئوقۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ھاياتىغا، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ كۈچلۈك دۆلەتلەر ئارىسىدىكى سىياسىي ئويۇنلارنىڭ قۇربانى بولغانلىقىغا ئېچىنىپ پىكىر يۈرگۈزگەن مۇتەخەسسىسلەر، ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ ماھىيىتىنى چۈشەندۈردى.

ياپونىيىدىكى گېرمانىيىلىك پروفېسسور بالمۇ ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ يالتانىڭ قۇربانى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى:
1989-يىلى 5-ئايدا سابىق سوۋېتلار ئىتتىپاقى بىلەن گېرمانىيە ئوتتۇرىسىدىكى سوغۇق ئۇرۇشلار دەۋرىدىكى بارلىق شەرتنامىلەر جۈملىدىن 1939-يىلىدىكى «سوۋېت-گېرمان شەرتنامىسى» بىكار قىلىنغىنىدەك،خىتاي بىلەن ستالىن ئارىسىدىكى، 1945-يىلى، ۋە 1950-يىلى تۈزۈلگەن«خىتاي-سوۋېت شەرتنامىسى» بىكار قىلىنسا، مەسىلە تىنچلىق بىلەن ھەل بولىدۇ. ئۇيغۇرلار شەرقىي ياۋروپادىكى دۆلەتلەرگە ئوخشاش يالتانىڭ قۇربانى. بۇ شەرتنامىلەرنىڭ ھەممىسى ستالىن، گىتلېر ۋە ماۋ زېدۇڭ قاتارلىقلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن شەرتنامىلەر.

تور بېتىدىكى ماقالىدە ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ھاياتى ھەققىدە خېلى تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلگەن.

ماقالىدە ئاپتور: روزۋېلت شەرقىي ياۋروپانى ستالىنغا سېتىۋېتىپ خاتىرجەم ۋىسكىسىنى ئىچىشكە باشلىدى، جوسەپھ ستالىن بولسا شەرقىي تۈركىستاننى ئىلگىرى ‏-ئاخىر بولۇپ ئىككى قېتىم، خىتايغا سېتىۋېتىپ، گروزىيە ئۈزۈم ھارىقىنىڭ پەيزىنى سۈرۈپ موسكۋادا يۈردى.

يالتا كېلىشىمى تولىمۇ قورقۇنچلۇق كېلىشىم، بۇ كېلىشىملەر دۆلەت ۋە ياكى ھاكىمىيەتلەرگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇ پەقەت روزۋېلت، چىرچىلل، ستالىن ۋە ماۋ زېدۇڭنىڭ شەخسىي خاھىشلىرىدىن ئىبارەتتۇر.

بۇ ماقالىنى ئوقۇغاندىن كېيىن ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلغان، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي تەغدىرىگە كۆڭۈل بولۇپ كېلىۋاتقان پروفېسسور سېئىجى نىشىھارا ئەپەندى مۇنداق دېدى:
ئۇنداقتا، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ مەسىلىسىنى ب د ت قاچان ھەل قىلىدۇ؟ بۇ مەسىلىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ھەل قىلىشى تەسكە چۈشىدىغان ئىش. ئەڭ مۇھىمى رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن ئەپەندى كرېمىل سارىيىنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى ك گ ب نىڭ ئارخىپلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ئائىت ئارخىپلارنى دۇنياغا ئاشكارىلىشى ۋە خىتاي بىلەن تۈزۈلگەن شەرتنامىلەرنى بىكار قىلىشى كېرەك. يالتا كېلىشىملىرى بوز ئەپەندى ئېيتقاندەك بۈيۈك تارىخىي خاتالىق. ئامېرىكا پرېزىدېنتى بوز ئەپەندى يالتا ھەققىدىكى نۇتۇقلىرىنى ئۆزى ئاساسسىز يازغىنى يوق، بەلكى بۇ نۇتۇقلار مايكېل گېرسون تەرىپىدىن يېزىلغان نۇتۇقلار بولۇپ، گېرسون ئامېرىكىنىڭ سىياسىي ئىستراتېگىيە تۈزۈش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋە نۇتۇق يېزىش قابىلىيىتىدە مەشھۇر زاتتۇر.

بۇ ماقالىنى ئوقۇپ ئۆز ھېسسىياتىنى ئىپادىلىگەن ئۇيغۇر تەتقىقاتچىسى ياپونىيىلىك كائورى خانىم ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ پەلەستىن مەسىلىسىگە ئوخشاش خەلقئارا سەھنىدە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پەلەستىنلىكلەر ئۆلۈپ كەتكەن ئارافاتنىڭ جەسىتىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىيالايدۇ. ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ سۇيىقەستتە ئۆلۈپ كەتكەن رەھبەرلىرىدىن ئەخمەتجان قاسىم قاتارلىقلارنىڭ جەسىتىنى كۆرۈش ۋە تەكشۈرۈش ئەمەس، 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە ئۆلۈپ كەتكەن پەرزەنتلىرىنىڭ ئۆلۈمىنى سۈرۈشتە قىلالمايدۇ. شۇڭا دۇنيانىڭ ھەر-قايسى جايلىرىدىكى ئادالەتپەرۋەر ئىنسانلار ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بولۇشى كېرەك.

ئاخىرىدا، دوكتور تۇرمۇھەممەت بۇ ماقالىنى ئوقۇپ ئۆز قاراشلىرىنى ئىپادىلىدى.